-
2010-04-25
نەجىب فازىل شېئىرلىرى(1) - [مەھزۇن تەرجىمە ئەسەرلىرى]
تەرجىمە قىلغۇچى: ئا. ۋارىس مەھزۇن
ئوتتۇز يىل
سائەت مېڭىپتۇر ئوتتۇز يىل، مەن بىر قەدەم ماڭماپتىمەن،
شامالنىڭ ھالىغا باقماستىن لەگلەك ئۇچۇرتىپتىمەن.
فەرق
بىر مەنزىرىگە تىكىلسە مىڭ كۆز
ھەر كىمىن كۆڭلىگە كېلەر مىڭ خىل سۆز
گۇناھ
ئويلايمەنكى ئىنساننىڭ گۇناھىدا مەن بارمەن.
گۇناھ ئۇزۇن كارۋاندۇر، قۇيرۇقىدا مەن بارمەن.
ھەقىيقەت
ئاللاھ تامان ھەقىقەتتىن يولغا چىقماق مەشەققەت.
ئاللاھتىن يولغا چىقىپ بارغان يېرىڭ ھەقىقەت
بوش ئۇپۇقلار
باشقا ھەركىمنىڭ ئېتى ئۆلسە يول ئۈزرە،
ياخشىلار مىنگەن ئات يېتەر مەنزىلگە.
سىر
ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكىل ئىچىمدىكى فىغاننى؛
سورمىغىن، مەنمۇ بىلمەي تۇرغان بۇ سىر- نىھاننى.
مەدەت
زامان، نەچچە توغرىدى مېنى،
بەرگىل مەدەت ئەي بىرنىڭ بىرى.
بىشارەت
ھەر بىر ۋەتەن يەنە بىر ۋەتەنىڭدىن بىشارەت،
يالغۇزلۇقۇڭ يىگانە ياراتقاندىن بىشارەت.
تەشۋىش
روھىم تىپىرلار دايىم ئۆز يېرىگە قېچىپ كەتمىسە بولمايدىغاندەك بىر تەشۋىش ئارا
خۇددى ئۆز يالغانلىقى چېنىپ قېلىشىدىن تەشۋىشكە چۈشكەندەك بۇ دۇنيا
ھەسرەت
ھەر بىر ئىگىزلىكدە ھەسرىتىم سويلار
ھەر سۆزۈم. ھەر جۈملەمنى ھەسرىتىم بويلار.
ھىجرەت
قارىساڭ ئۇپۇقنىڭ ئۇ ياقى ھەسرەت،
نەدە ياشىمايلى، يەنە بار ھىجرەت.
قۇمۇش
مەن غېرىپلىق شامىلى يەلپۈتكەن قۇمۇش،
سۇ يېنىدا مەھزۇنمەن، بىر تەنھا بايقۇش.
قالمىدى
يىقىلغان سارايىمدا نەقشدىن ئەسەر قالمىدى،
ھەتتا قالغان نەقشنى كۆرگۈدەك كۆز قالمىدى.
تىنىمسىز ئېلىشىش
ئاران تاپقان ھەقىقەت، غايىب بولار توساتتىن،
ئاڭا تولۇق يەتسەم دەپ، ئېلىشتىم جان- يۈرەكتىن
يالغۇز
يالغۇز بىز بۈشۈكتىن تاۋۇتقا قەدەر.
بار-يوق
بارنىڭ ئاستىدا يوق، يوقنىڭ ئاستىدا بار.
بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قارا، بوشلۇقلارمۇ بىر مازار...
ئوت
ئىچىمدە بار ئوت- يانغىن، كۆيەر دايىم ئۆچۈكسىز.
بۇ ئوتلار مەن خەستىچۈن گۈلزارغا تەڭ قىلغۇسىز.
كىتاپ
بىتابلىقىم داۋاسى، شورپام، سۈتۈم شۇ كىتاپ.
يامغۇردىكى كۈنلۈكۈم، كۆكتە قانات شۇ كىتاپ.
ئوخشاشلىق
قۇيرۇقى بىلەن ئويناشقان مۈشۈك ئۆز قۇيرۇقىدىن ھەيران
ئالىم مۈشۈك بولمىسىمۇ، ئۈنۈمسىز ئىش ئىلە كۈچىنى قىلار ۋەيران.
ئەرمەك
بۇزۇلدى ئەرمەكىم، كۈلگۈ ماڭا يات.
توپا بوپ كەتسەممۇ، ئىرۇرمەن ھايات
دۈشمىنىمگە
دۈشمىنىم! بار- يوقلۇقۇمدىن بىر بەلگە سەن،
كۈندۈزسىز كىچە بولمىغاندەك، ماڭا كېرەكسەن.
ئوڭ-سول
تۇتقازدىم ئوڭ قولۇمغا قەلبىم، ئەقلىمنى،
سول قولۇم ياخشى ئىشلەتمىسە كىسۇرمەن ئۇنى.
ئوخشاش تەقدىر
بالىلىقىمدا قۇياش پاتسا،
يىغلايتتىم بىر بۇلۇڭدا.
ئايلىنىپ، ئايلىنىپ نىھايەت
مەنمۇ مانا ئوخشىدىم ئاڭا.
ئۆتتى، ئۆتتى
ئۆتتى، ئۆتتى پەسىللەر
سۈپۈرۈلدى كالىندار.
كەتكەنلەردىن قالغىنى؛
تاملاردىكى رەسىملەر،
مازاردىكى ئىسىملەر...
ئۆتتى ئۆتتى پەسىللەر...
قېنى كونا ھاۋالار؟
نەدە ئەشۇ زاغرىلار.
ئېسىت! ئۆتكەن شۇ كۈنلەر!
تەسەللىسىز ئىلىملەر،
ئادالەتسىز تەقسىملەر...
قېنى كونا ھاۋالار؟
收藏到:Del.icio.us