بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2010-04-24

    شېئىر ھەققىدە - [مەھزۇن تەرجىمە ئەسەرلىرى]

    مەشھۇر تۈرك شائىرى ۋە مۇتەفەككىرى نەجىب فازىلنىڭ شېئىر ھەققىدە ئېيتقانلىرى ۋە شېئىرلىرىدىن پارچە:

     

    شېئىر ھەققىدە

    v    شېئىر دېگەن نېمە؟ بۇ بەك كونا ۋە قىيىن سۇئال... بۇ سۇئال، ئىنسانلارغا ئارستودىن باشلاپ ناھايىتى مۇجمەل بىلىنىپ كەلمەكتە. شۇڭا بۇ ھەقتە ناھايىتى پۇچەك سۆزلەر سۆزلىنىپ كەلدى.

    v    بىزچە شېئىر، مۇتلەق ھەقىقەتنى ئىزدەشتۇر. شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ، پۈتۈن لوگىكىلىق ھۆكۈملىرىگە قارىشى ئەڭ پىنھان، ئەڭ نازۇك ۋە ئەڭ سەزگۈر تەرىپىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ۋە نىسبەتلىرىنى تېپىپ چىقىپ مۇتلەق ھەقىيقەتنى ئىزدەش.

    v    ئۈسۈملۈكلىشىشكە قاراپ ماڭغان جانسىز، ھايۋانلىشىشقا قاراپ ماڭغان ئۈسۈملۈك، ئىنسانلىشىشقا قاراپ ماڭغان ھايۋان ۋە ئاڭ ئاخىرى ئۆزىدىن ھالقىشقا قاراپ ماڭغان ئىنساننىڭ قىسقىسى پۈتۈن ئالەمنىڭ؛ ئېقىۋاتقان سۇ، ئۇچۇۋاتقان قۇش ۋە تەپەككۇر قىلىۋاتقان ئىنسان بىلەن بىللە، بىلىپ-بىلمەي جەزبىسىگە سۆرۈلۈپ كىتىۋاتقان مۇتلەق ھەقىقەتنى ئىزدەش يولىدىكى، بالىلارچە، پالۋانلارچە ۋە قەھرىمانلارچە بىر ئۇسۇل....    شېئىر بۇدۇر.

    v    مۇتلەق ھەقىقەت ئاللاھتۇر.

    v    شېئىرنىڭ، مەيلى ئۇ  ھەقىيقەتكە ئىشەنگەن بولسۇن ياكى ئىشەنمىگەن بولسۇن بىلىپ بىلمەي ئۇنى ئىزدىشىدىن باشقا ۋەزىپىسى يوقتۇر.

    v    شېئىر ئاللاھنى سىر ۋە گۈزەللىك يولىدا ئىزدەشتۇر.

     

    شېئىر ۋە دىن

    v    دىن يوق يەردە ھېچنىمە يوقتۇر؛ يوقلۇقمۇ يوقتۇر...شېئىر ۋە سەنئەتقۇ ھۆددەس (پەقەت-خۇتەن شىۋىسى) يوق.

    v    مەشھۇر بىر فىرانسۇز رومانچىسى رومانى ھەققىدىكى بىر يازمىسىدا، ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان جەمئىيەتتە روماننىڭمۇ بولمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنداق جەمىيەت ناھايىتى ئاددى، تۈپتۈز، قوپقۇرۇق بولۇپ روھتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.

    تەرجىمە قىلغۇچى:  ئا. ۋارىس مەھزۇن


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
>