بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2010-04-09

    ئەي ئەزىزىم دەرتلىك نالىلىرىمنى ئاڭلاۋاتامدىغانسەن؟ - [ئا. ۋارىس مەھزۇن ئەسەرلىرى]

     ئەي ئەزىزىم دەرتلىك نالىلىرىمنى ئاڭلاۋاتامدىغانسەن؟

    (نىزار قەببانىي)

     1

    ئەي ئەزىزىم

    نىمە بار يېنىمدا؟

    بولمىسام مەن

    داڭلىق شائىر.

    بىراق

    ئوخشاپ قالىمەن،

    ساراڭلىقىم بىلەن.

    گادايلارچە،

    تەبىئىيتىم بىلەن.

    رادىكال

    بۇ كاللام بىلەن.

    ئەسەبىي ھېسلىرىم بىلەن.

    ئەزەلى دەرتلىرىم بىلەن.

    داڭدار شائىرغا.

    ئەي ئەزىزىم

    ئاڭلاۋاتامدىغانسەن

    دەرتكە تولغان

    نالىلىرىمنى.

    ئەي ئەزىزىم

    نىمە قىپ بىرەي.

    بولمىسام يە

    ھەقىقىي شائىر.

    بەلكى سەن ئىزلىگەن

    ئەشۇ شائىر

    باشقا بىرىدۇر.

    ئاختۇرساڭمۇ

    كېمىسى بىلەن

    چۈكۈپ كەتكەن

    ھېلىقى شائىرنى

    تاپالمايسەن

    ھەتتا ئادرېسىنى

    سومكىلىرىمدىن.

    كۈلەڭگە مەن كۈرۈنمەس.

    باشقا تىل مەن

    ھەرىپسىز.

    شاھمەن

    دۆلەتسىز.

    ۋەتەن مەن

    ئىشىكلىرى يوق

    تاملىرى يوق.

    3

    ئەي باھارىم ياپيېشىل

    مىڭ ئەپسۇس

    تورتۈنچى ئاي كەتكەندە كەلدىك.

    شاخلىرىم

    ياپراقلىرىم

    قۇرۇپ بولدى ھەممىسى.

    ئىسنىشقا

    قۇلۇڭنى قاقلاپ

    ئۈچۈپ بولدى

    خانەمدىكى ئوتلارمۇ.

    خۇدا ئىگەم

    بۇ ئوت قايتا يانامۇ.

    4

    ئەي ئەزىزىم قىينىما

    قۇلۇم يەتمەس ياپراقلىرىڭغا

    ئېغزىم تەگمەس مىۋىلىرىڭگە.

    دەرتكە تولغان نالەمدىن بۆلەك

    ھېچنىمەم يوق ساڭا بىرىشكە.

    5

    كىيىكمۇ ئۇ

    ئىشكىمدە تۇرغان

    ۋىدالاشقاندا

    ئاھۇلار بىلەن.

    نىمە بىرەي مىھمىنىمغا

    كونا شىئرىمنىمۇ

    تېكىستىنى كىم يازغان

    ناخشىسىنى كىم ئېيتقان

    ئۇنۇتتۇم ھەممىنى

    ئۇنۇتتۇم ھەتتا

    ئۇنتۇشلىرىمنى.

    6

    بۇ سۆزلەرنى

    قۇلۇم يازدىمۇ

    شەكلىنىمەن ھەممە نەرسىدىن.

    خاتىرەمدىن

    بارمىقىمدىن

    قان رەڭگى تامچىلاردىن.

    بۇ تاختايلار مىنىڭمۇ؟

    ياكى باشقا فوتۇگىرافنىڭ.

    7

    ئەي قىزچاق سەبى قىزچاق

    كەلدىڭ ئەسلىتىپ

    تايتاي ئەتكەن چاغلارنى.

    نىمە يازاي خاتىرەڭگە؟

    ئەسلەلمىدىم پۇچۇركامنى.

    ئىزدىمە

    ئىزدىمە مىنى

    تاپالمايسەن

    تىتىلغان تەندىن بۆلەك

    ھېچنىمەمنى ھېچنىمىنى..

    8

    ئەي ئاسلىنىم بوتا كۆز

    دەرت-ئەلەمنىڭ كۇچىسدا

    ھېچكىم مىنى تۇنۇماس.

    دېڭىزدىكى كېمىمۇ

    مىنى ئېلىپ ماڭالماس.

    سېرىق ۋە يا ئاق يۇتا

    مىنى ئۈزگە تارتالماس.

    مۇھەببەتمۇ پىچاقتەك

    تۇمۇرۇمغا سانچىلماس.

    9

    تۈنۈگۈن

    مۇھەببەتتە مەس ئىدىم.

    كۆكسۈڭنى

    ئالمىدەك سىزدىم.

    خۇشپۇراقلىق لەۋلەرنى

    لىۋىمگە چىك ياقتىم.

    تۈنۈگۈن

    قاتىل ئىدىم

    كۈتۈرەتتىم

    يەرشارىنى ئالقىنىمدا.

    يازاتتىم شىئىر

    قاپاقلىرىمدا.

    بۈگۈن

    قېلىچ يوق..

    ئاتلار قىنى.

    ئىككى كۆكسۈڭگە

    سىڭىپ كەتتى سىمايىم

    چۈشۈپ كەتتى تاجىم.

    10

    ئەي ئەزىزىم

    ئىزدەيسەن نىمە؟

    بولمىسام يە

    داڭدار شائىر..

    بەلكى سەن ئىزلىگەن

    ئەشۇ شائىر

    باشقا بىرىدۇر.

    سۆيگۈ قەھۋەسى

    ئۇرۇن بۇشاتتى..

    كۈتۈرەلمىدىم

    قۇلۇمدىكى رومكىنى!!! 

    - 6 1990دىكابىر


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
>