-
2010-04-06
، سىنى سۆيىمەن، سىنى سۆيىمەن - [ئا. ۋارىس مەھزۇن ئەسەرلىرى]
سىنى سۆيىمەن ، سىنى سۆيىمەن، سىنى سۆيىمەن
(بىر ئەرەپ يىگىتىنىڭ مەكتۇپى)
سىنى سۆيىمەن ، سىنى سۆيىمەن !!!
سېغىنىش-ئىشتىياقلىرىم مىنى ساڭا تەلپۈندۈرىدۇ ، سۆيگۈ - مۇھەببىتىم سەن تەرەپكە باشلايدۇ .
سۆزلىرىڭ تۇيغۇلىرىڭ مىنى ساڭا مەھكەم باغلايدۇ .
مەندىن يىراقلىشىپ كىتىدۇ دېگەندەك قۇرۇق خىيال -گۇماندا بولما ؟!
ئىنسان ﯲز روھىدىن ، جىسمىدىن، سۆيگۈسىدىن قانداقمۇ يىراقلىشالىسۇن!!!
مەن ﯲز ﯲمرۈمدىن شىرىن چۈشلىرىمدىن، ساڭا بولغان گۈزەل ھېسلىرىمدىن قانداقمۇ يىراقلىشىپكىتەي ؟ !
ساڭا بولغان مۇھەببىتىمدىن ﯻبارەت ئىلكىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك ، ئەزىزىنەرسەمنى قانداقمۇ قولدىن چىقىرىپ قۇياي !!..!
ياق ..ياق شەرت-شارائىت قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەرسەندىن يىراقلاشمايمەن.
سەن مىنى يالغۇز دەپ ئويلىما ، مەن بۇ يەردە سەن بىلەنبىللە ، بارچە ھېس-تۇيغۇلىرىم بىلەن ساڭا تەلپۈنىمەن، سىنى چۈشەيمەن ، سىنى سېغىنىمەن.
سەن (مەندىن زېرىكتىڭ) دېمە سەندە مىنى زېرىكتۈرىدىغان ھېچ نەرسە تېپىلمايدۇ ھەتتا سىنىڭ سۈكۈتلىرىڭمۇ گۈزەل بولۇپ مەن ئەنە شۇ گۈزەل سۈكۈتۈڭ ئىچىدە ياشىۋاتىمەن.
ئەشۇ گۈزەل سۈكۈتلىرىڭ ماڭا خاتىرجەملىكنى ۋە ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنىھېس قىلدۇردى. سۈكۈتۈڭ بۇنداق بولغان يەردە سۆزلىرىڭ قانداقتۇ ؟؟!!!
سىنى سۆيىمەن ، سىنى دەپ جاپا چىكىشكە، سىنىڭ قىيىنچىلىقىڭنىكۆتىرىشكە رازىمەن، سىنىلا ئويلايمەن.
سىنى نىمىشقا ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى قانداق سۆيىدىغانلىقىمنىسورىما؟ سەن مىنىڭ ھاياتىم ! قەلبىم مۇھەببىتىڭگە تولغان.
سەن ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ماڭا خاتىرجەملىك بەخىشئەتتىڭ.
بۇ دۇنيا گۇيا سۆيگۈ ﯴچۈنلا يارىتىلغاندەك سەن سۆيگۈ شاھى بولۇشقا لايىقسەن، ياق بەلكى سەن سۆيگۈنىڭ دەل ﯲزىسەن.
سەن بارچە گۈزەل نەرسىلەرسەن بارچە نازۇك تۇيغۇلارسەن، سەن مىنىڭتەقدىرىم مەن تەقدىرىمگە رازى بولدۇم.
سەن يۈرەك پارەمسەن، كۆز قارچۇغۇمسەن، ﯴمۈدۈمسەن بىرلا شىرىن چۈشۈمسەن.
سەن دۇنيادا مەن ئارزۇ قىلىدىغان بارلىقنەرسىلەر.......سەن.
سەن = مەن ، مەن = سەن .
سەندىن يىراقلىشىشنى خىيالمۇ قىلمايمەن ۋە ئويلىمايمەن ...
ساڭا يېقىن تۇرۇپ، ساڭا نەزەر تاشلاپ، سىنى ھېس قىلىپسەن بىلەن بىللە يۈرۈشنى ئويلايمەن.
سىنى بارلىق مەلۇم ، نامەلۈم بولغان سۆيگۈيوللىرى بىلەن سۆيىمەن.
سىنى سۆيىمەن ، سەن سۆيگەن ۋە سىنى سۆيگەن بارچە نەرسىنىسۆيىمەن.
بۇ دۇنيانى سۆيىمەن چۈنكى سەن بۇ دۇنيادا.
زامان ۋە تەقدىرنى سۆيىمەن چۈنكى زامان ، تەقدىر بىزنى تېپىشتۇردى.
كۆزۈمنى سۆيىمەن چۈنكى مەن كۆزۈم بىلەن سىنى كۆردۈم.
ئىسمىڭنى شەكىللەندۈرگەن ھەرىپلەرنى ( ...) سۆيىمەن.
ھەرىپلەرنى تەلەپپۇز قىلىشنى سۆيىمەن. چۈنكى مەن سۆيگەن نەرسە ئەنەشۇ تەلەپپۇزۇمدىكى ھەرىپلەردە مۇجەسسەملەنگەن.
ئۇنىڭدا يەنە سۆيگۈ، سېغىنىش، ئارزۇ، خاتىرجەملىك، كۈچ-قۇۋۋەت، بۈيۈك قەلىب، بىغۇبارلىق، مۇلايىملىق ۋە پۈتۈن دەپئى-دۇنيايىممۇجەسسەملەنگەن يەنە قاينىغان قانلىرىممۇ سىڭگەن ۋە مۇجەسسەملەنگەن.
سىنى سۆيىمەن نازۇكلۇق ۋە جۇشقۇنلۇق بىلەن سۆيىمەن سىنى تۇنجى قېتىمكۆرگەندىن باشلاپ كۆتىرىلگەن ياشلىق باھارىم قۇياشى بىلەن سۆيىمەن ، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇئارتۇق سۆيىمەن ....
سىنى سۆيىمەن پۇتۇڭ دەسسىگەن ھەر بىر تۇپراق دانىسىدىن، كۆزۈك كۆزەتكەن ھەربىر يۇلتۇزدىن، قولۇڭ تەككەن بارلىق نەرسىلەردىن ھەسەتقىلىمەن.
سىنى كۈنلەيمەن....كىيىملىرىڭدىن كۈنلەيمەن چۈنكى ئۇ تىنىڭغا يېپىشقان.
چاچلىرىڭغا تەككەن تاغىقىڭدىن كۈنلەيمەن.
ياستۇقىڭدىن كۈنلەيمەن چۈنكى ئۇ مەڭزىڭگە تەككەن.
ساڭا يېقىنلاشقان بارچە نەرسىدىن كۈنلەيمەن .
گۈزەل نەرسىلەرنى ﯲچ كۆرۈمەن ساڭا ئازار بەرسە.
قىزىل گۈلنى ﯲچ كۆرۈمەن ساڭا تىكىنى سانچىلسا.
نۇرنى ﯲچ كۈرۈمەن كۆزۈڭنى تالدۇرسا.
سۆيگۈنى ﯲچ كۆرۈمەن سىنى يىغلاتسا.
ﯴمىتسىزلەنمە...! قايغۇرما .!!!
سىنى سۆيگەنلىكىمنى ئويلاپ مېنى ھېس قىلىپ ماڭا غەمخورلۇق قىلىپ كۆزلىرىڭدىن ياشلارنىڭ ئېقىشىنى ياقتۇرمايمەن.
سىنى ئەنە شۇنداق غەم-قايغۇسىزلا سۆيىمەن.
سىنى سۆيىمەن ، ﯲزەمنىمۇ سۆيىمەن چۈنكى مەن (ئۆزەم) سىنى سۆيگەن.
يوقارقىلار قەلبىمدىكى ساڭا بولغان چىن تېۋىشلار.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئا. ۋارىس مەھزۇن
收藏到:Del.icio.us