-
2010-04-03
چىقماي تۇرغىن ئەي ھىلال - [ئا. ۋارىس مەھزۇن ئەسەرلىرى]
چىقماي تۇرغىن ئەي ھىلال
(ئابدۇرراھمان ئەشماۋى شىئىرى)
چىقماي تۇرغىن ئەي ھىلال
كىشىلەر قەھرىگە ئۇچىرشىڭدىن قورقىمەن
مۈكۈپ تۇرغىن بۇلۇت كەينىگە
نۇرۇڭنى چاچماي زېمىن ئۈستىگە .
چىقماي تۇرغىن ئەي ھىلال
كىميىپ كىتىشىڭدىن قورقىمەن.
مەن ئەي ھىلال
بەخىتلىك ئائىلىسىدىن ئايرىلغان ئەرەپ ئۆسمۈر
قانلىق ھېكايەم بار دېلىمدا .
مەن ئەي ھىلال
بىر ئشغال قىلىنغان دىياردىن
مەغلۇبىيەت ئەمچىكىنى چىشلىگەن پېتى
كۆز ئاچتىم دۇنيا قوينىغا .
بىر كۈنى ئۆيىمىز ئالدىدا ئەسكەرلەرنى كۆرۈپ قالدىم
ئەشۇ كۈنى
ئەزىزانە كەنتىمىزنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئىدى.
ئەشۇ كۈنى
ئەسكەرلەر دادامنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارغان ئىدى
دادامنىڭ كۆزى تۇتقۇنلار دەرياسىغا تولغان.
ھىلىگەر تۆلكىلەر ئۆلجا ئىزلەش ئۈچۈن يىغىلغان ئىدى.
بىر ئەسكەر دادامنىڭ بەدىنىنى ۋەھشى نەزىرى بىلەن قارغا ئالدى.
ھەي ھىلال مەن دەل شۇ ۋاقىتتا ئاپامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم .
ئاپام ھەدەم ئەرەپلەردىن ياردەم سوراۋاتاتتى .
ئاپامنىڭ خەنجىرنىڭ بىسى بولسا ئىززەت شەرەپنى ساقلىماقچى بولدى .
بىچارە ئاپام ....!!!!
ۋاپات بولدى .
ئۇنىڭ ۋاپاتىنى ئەرەپلەر بىلىشمىدى ،
ئەي ھىلال مەن ھەيرەتتە ...
رادىئودىن مۇزىكىلەر ياڭراۋاتىدۇ...
قەدەھلەر سۇقۇشتۇرلۇۋاتىدۇ ...
ناخشىچىلار تەنتەنە ناخشىلىرنى توۋلاۋاتىدۇ .
تىلىۋۇزۇر ئىكرانىدا ( كىچىك دوستلار ھېيتىڭلارغا مۇبارەك) دىگەن خەتلەر كۆرنىۋاتىدۇ .
لىۋاندىكى كىچىك دوست قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدىغىننى بىلەلمەيدۇ .
ئەقسادىكى مۇساپىرلار يالىڭاچ، ئاچ قۇرساق ھالدا
ۋابالار تارقىلىۋاتىدۇ ........
چىقماي تۇرغىن ئەي ھىلال
مۇساپىرلار نىدا قىلىشتى :
بىزگە ھېيت بۇلامدىكەن؟ !!
زىمىنىمىز تۇپرىقى شئھىتلەر قېنى بىلەن بۇيالغان تۇرسا !!
ھېيت دىگەن ئېسىلزادىلەرنىڭ سارايلىرىدا .
ئەي ھىلال ئاي
خاتالىقلىرىمىز كۆپەيدى
بەخت-سائادەت بىزدىن يىراقلاشتى.
چىقماي تۇرغىن ئەي ھىلال
ھېيت-بايرامنى ئېچىنىشلىق نالىلەر بىلەن ئېلىپ كەلمە
ئۇنداق ھېيتنىڭ بىزگە كىرىكى يوق .
ھېيت دىگەن گۆش يىيىش ، چىرايلىق كىيىم كىيىش دەمسەن؟
ھېيت دىگەن گېزىت ژورناللاردا قۇتلۇقلاش دەمسەن؟.
چىقماي تۇرغىن ئەي ھىلال
زامان تەبەسسۇم قىلغاندا ، پىتنە-پاسات ئوتلىرى ئۆچكەندە چىققىن
كىچە زۇلمىتى تەبەسسۇمىمىز بىلەن يۇرىغاندا چىققىن
يولىمىزدىكى قىش قارلىرى ئېرىگەندە چىققىن
بىزگە ئىززەت-نۈسرەت بىلەن چىققىن
مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى بىلەن چىققىن.
مانا شۇ چاغدا بىزلەرگە ھەقىقى ھېيت بولىدۇ
ئۇنىڭدىن باشقىسى ھېيت ئەمەس.
چىقماي تۇرغىن ئەي ھىلال
مىللىتىمىز بايرىقى كۆكتە لەپىلدىمىگىچە چىقماي تۇر
شۇ چاغدا ھېيت كېلىدۇ
شۇ چاغدا بەختسىزلەر بەخت بىلەن كۈلىدۇ .
تەرجىمە قىلغۇچى: ئا. ۋارىس مەھزۇن
收藏到:Del.icio.us