-
2010-03-29
تۇغۇلغان كۈنۈم - [ئا. ۋارىس مەھزۇن ئەسەرلىرى]
جىبران خەلىل يازمىلىرىدىن
تۇغۇلغان كۈنۈم
(جىبران خەلىل)
مانا بۈگۈنكى كۈندە تەۋەللۇت بولدۇم.
بۇندىن يىگىرمە بەش يىل مۇقەددەم دەل بۈگۈنكى كۈندە خاتىرجەملىك مېنى تالاش-تارتىش، ۋاراڭ-چۇرۇڭ بىلەن تولغان بۇ دۇنيا قوينىغا تاشلاپ قويدى.
زېمىن، ئاي، قۇياش ۋە يۇلتۇزلار بىلەن بۈيۈك قانۇنىيەت ئەتراپىدا يىگىرمە بەش قېتىم سەيرى قىلدىم. بىراق، روھىم ھازىرمۇ ئەشۇ قانۇنىيەت ئىسىملىرىنى پىچىرلاۋاتىدۇ.
دېڭىز دولقۇنى غار-ئۆڭكۈرلەردىن ئەكىس سادا قايتۇرۋاتىدۇ.
يىگىرمە بەش يىلدىن بويان زامان قولى مېنى بۇ كەڭ، يوچۇن دۇنيا كىتابىنىڭ بىر بېتىگە بىر جۈملە سۆز قىلىپ پۈتتى.
بىراق ئۇ سۆز بەكلا گۇڭگا. بىر قارىسا ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ، يەنە بىر قارىسا كۆپ نەرسىلەرگە ئوخشايدۇ.
مانا بۈگۈنكى كۈندە ئالدىمغا چاڭ باسقان ھاياتىمنىڭ مەنالىرى قۇيۇلدى...
گويا ئۇ تۇتۇق ئەينەك، ئۇزۇن قاراپ كىتىمەن بىراق يىللارنىڭ قورقۇنچلۇق يۈزلىرى، قېرىلارنىڭ سىياقىغا ئوخشاپ كىتىدىغان ئارزۇ ئارمانلار، شىرىن چۈشلەرنىڭ سىماسىدىن باشقا ھېچ نەرسە كۆرەلمەيمەن.
كۆزۈمنى يۇمۇۋالىمەندە بىر ھازادىن كېيىن يەنە ئاچىمەن. بۇ چاغدا ئەينەكتە پەقەت يۈزۈمنىلا كۆرۈمەن. يۈزۈمگە سەپسىلىپ قارايمەن، خاپىلىقتىن باشقا نەرسە كۆرمەيمەن. خاپىلىقتىن سۆزلەر كۈتۈمەن، ئاخىردا ئۇ سۆزلىيەلمەس گاچا بولۇپ نامايەن بولىدۇ.
خاپىلىق سۆزلىگەن بولسا نەقەدەر خۇشال بولغان بۇلاتتىم ھە!
ئەشۇ چاڭ توزانلىق يىگىرمە بەش يىلدا كۆپنى سۆيدۈم.
نۇرغۇن قېتىم كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەرنى سۆيدۈم.
كىشىلەر ئارزۇلاپ كىتىشكەن نەرسىلەرنى ياقتۇرمىدىم.
گۆدەكلىكىمدە سۆيگەن نەرسىلىرىمنى ھېلىھەم سۆيۋاتىمەن.
سۆيگۈ مەن ئىرىشەلەيدىغان بىردىنبىر نەرسە. مېنى ئۇنىڭدىن ھېچكىم ئايرىۋىتەلمەيدۇ....
ھۆرلۈكنى سۆيدۈم، سۆيگۈ مانا ئىنسانلارنىڭ ئۇلۇغلۇق ۋە خارلىقنىڭ قولى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ زۇلمەتلىك ئەۋلاتلار ياسىغان، نادانلار تىكىلىگەن بۇتلارغا چۇقۇنىدىغانلىقىنى ئاستا-ئاستا تۇنۇتتى.
بۇتلارنىڭ ئۈستى بېشى قۇللارنىڭ سۈيۈشلىرى بىلەن تولغان.
مەن ئەنۇ شۇ قۇللارنى ھۆرلۈكنى سۆيگەندەك سۆيىمەن. ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىمەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كور بولۇپ قان، يىرىڭ-زەرداپلىق لەۋلەرنى ئۈپۈۋاتىدۇ.
ئۆزلىرى سەزمەي يىلانلارنىڭ نىجىس زەھىرىنى سۈمرۈۋاتىدۇ. تىرناقلىرى بىلەن ئۆزىگە قەبرە كولاۋاتىدۇ.
ھۆرلۈكنى بارچە نەرسىلەردىن ئارتۇقى بىلەن سۆيدۈم. چۈنكى ھۆرلۈك تەنھالىق ھالىدىن كەتكۈزۈپ جۇدالىق جۈدەتكەن ساھىپجامال بولۇپ چىقتى...
ساھىپجامال نازۇك خىيالغا ئايلىنىپ مەنزىللەردىن ئۆتۈپ كوچىلارنىڭ دوقمۇشىدا توختاپ ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى چاقىرماقتا....
ۋەھالەنكى ئولار قاراپمۇ قويمىدىن، قولاقمۇ سالمىدى.
يىگىرمە بەش يېشىمدا بەخىت-سائادەتنى سۆيدۈم، بىراق ئۇنى ئۇچرىتالمىدىم.
ئۇنى ئىزدەپ تەنھا قالغاندا روھىمنىڭ قۇلۇقۇمغا پىچىرلاۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم: بەخىت-سائادەت تېخى گۈدەك. ئۇ، قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا توغۇلۇپ شۇ يەردە ھايات كەچۈرىدۇ، ئۇ يەردىن يۆتكەلمەيدۇ.
بەخىت-سائادەتنى كۆرەي دەپ قەلبىمنى ياردىم، قەلبىمدە پەقەت بەخىت سىرلىرىنى، سائادەت ئەينەكلىرىنى يۇلۇقتۇردۇم. بىراق بەخىت-سائادەتنىڭ ئۆزىنى ئۇچرىتالمىدىم.
كىشىلەرنى سۆيدۈم...چەكسىز سۆيدۈم..
مەنچە كىشىلەر ئۈچ خىل ئىكەن؛
بىرى ھاياتلىقنى قارغايدىكەن.
يەنە بىرى ھاياتلىقنى قۇتلايدىكەن.
يەنە بىرى بولسا ھاياتلىقنى دەڭسەپ باقىدىكەن.
بىرىنچى خىلدىكىلەرنى شور پىشانىلەر بولغاچقا سۆيدۈم، ئىككىنچى خىلدىكىلەرنى كەڭ قۇرساقلار بولغاچقا سۆيدۈم، ئۈچىنچى خىلدىكىلەرنى بولسا بىلىملىكلەر بولغاچقا سۆيدۈم.
بۈگۈن دەرىزەمدىن شەھەر سىرتىدىكى نەرسىلەرگە تەپەككۇر نەزىرى بىلەن قاراپ قۇرۇقلۇقتىكى بارچە قەبىھ گۈزەللىكلەرنى كۆردۈم.
دېڭىز سىرتىغا قاراپ؛
بوشلۇقنىڭ چەكسىزلىكىنى...
تەسبىھ ئېيتىۋاتقان دۇنيانى...
چاقناۋاتقان يۇلتۇزلارنى كۆردۈم.
قۇياشلارنى، ئايلارنى، سەييارىلەرنى، تۇرغۇنلارنى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى ئىتتىرگۈچى، تارتقۇچى، تۇغۇلغۇچى ۋە ئۆزگەرگۈچىلەرنىڭ چەكسىز بىر قانۇنىيەتكە بويسۇنىدىغانلىقىنى كۆردۈم.
نەزىرىمنى تاشلىدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئويلاندىم. يىگىرمە بەشنى ئۇنۇتتۇم.
روھى دۇنيامدىكى ئاشكارا-يۇشۇرۇن نەرسىلەر گويا سەبىينىڭ ئاھۇ-زارىدىن تۆكۈلۈپ چوڭقۇرلۇقنىڭ ئەزەلى، بۈيۈكلۈكنىڭ ئەبەدى ۋە چەكسىزلىكىنىڭ مەڭگۈلۈك بوشلۇقىنى تىتىرەتكەن چاڭ-توزان.
مەن بۇ ئاۋازلارنىڭ، بۇ روھنىڭ ماھىيتىنى بىلىپ تۇرىمەن.
مانا بۇ مەن چاقرىۋاتقان نەرسە...
يۇقرى ئاۋازىم بىلەن چاقرىۋاتىمەن مۇقەددەسلىكنى بارچە ئاۋازىم بىلەن توۋلاپ؛
سالام ساڭا ئەي ھاياتلىق!
سالام ساڭا ئەي ئويغاقلىق!
سالام ساڭا ئەي چۈشلەر!
سالام ساڭا ئەي نۇرى بىلەن زېمىن زۇلمىتىنى يۇتقان كۈندۈز!
سالام ساڭا ئەي زۇلمىتى بىلەن ئاسمان نۇرىنى ئاشكارا قىلغان كېچە!
سالام ساڭا ئەي پەسىللەر!
سالام ساڭا ئەي زېمىننىڭ ياشلىقىنى قايتۇرغان باھار!
سالام ساڭا ئەي قۇياش سەلتەنەتىنى نامايەت قىلغان ياز!
سالام ساڭا ئەي بايلىقلىرى بىلەن تەبىئەت ئىرادىسىنى قايتۇرۋالغان قىش!
سالام ساڭا ئەي زامان مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلىغان يىللار!
سالام ساڭا ئەي ئەۋلاتلار بۇزۇقلىقىنى ئىسلاھ قىلغان يېڭى ئەۋلادلار!
سالام ساڭا ئەي كامالىيەتكە يۈرۈش قىلغان زامان!
سالام ساڭا ئەي ھايات جەبرىنى قوغلىغان شامال، قۇياش نىقابى بىلەن يۇشۇرۇنغان شامال!1908 پارىژ
تەرجىمە قىلغۇچى:ئا. ۋارىس مەھزۇن
收藏到:Del.icio.us