-
2010-03-03
ھەسرەت - [ئا. ۋارىس مەھزۇن ئەسەرلىرى]
ھەسرەت
نازىم ھىكمەت
يۇز يىل بولدى يۈزۈنى كۆرمىگىلى،
بىلىدىن قۇچاقلىمىغىلى،
كۆزۈنىڭ ئىچىدە تۇرمىغىلى،
ئەقلىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىگە سوئال تاشلىمىغىلى،
قۇرسىقىنىڭ ھارارىتىگە تەگمىگىلى.
يۈز يىلدىن بويان
ساقلاۋاتىدۇ مېنى
بىر شەھەردە بىر ئايال.
بىر شاختا ئىدۇق، بىر شاختا
بىر شاختىن چۈشۈپ ئايرىلدۇق.
ئارىمىزدا يۈز يىللىق ۋاقىت
يۈز يىللىق مۇساپە.
يۇز يىل ئالا قاراڭغۇلۇقتا
يۈگرەۋاتىمەن ئارىسىدا.
收藏到:Del.icio.us
{#pagenav}