بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2010-03-02

    ۋىكىپېدىيا ئۇيغۇرچىسدا 2500 پارچە ماقالە بار - [ۋىكى بىلىملىرى]

    ۋىكىپېدىيا ئۇيغۇرچىسدا 2500  پارچە ماقالە بار

    http://ug.wikipedia.org/wiki/Bash_Bet

    wikipedia ئۇيغۇرچىسى بىر ئىككى يىل بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ ئېلان قىلىنغان مەزمۇن 2500پارچىغا يەتتى. بەت سانى 6965گە يەتتى ئۇنىڭ يېڭى مۇلازىمەتلىرى بار بۇلۇپ بۇلاردىن ياخشى پايدىلىنالايمىز.

    ۋىكى تۈرلىرى

    ۋىكىكىتاپ

    ۋىكىخەۋەر

    ۋىكىنەقىل

    ۋىكى مەنبە

    «تاما،تاما،كۆل تولار»دېگەن گەپ بار،ھەركىم ئازدۇر كۆپتۇر كۇچ چىقارساق بۇ يەردىن ياخشى پايدىلىنالايمىز.

    مەن نورمالدا ماقالە يوللاپ تۇرۇۋاتىمەن. تەرجىمە قىلىۋاتقانلار بارمۇ؟تورداشلارغا بۇ يەرگە كۈچ چىقىرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    بۇ يەردە ساقلىنۋاتقان مەسىللەر:
    1
    ،ئىملا خاتالىقى
    بۇنداق بولغاندا Google قاتارلىق ئىزدەش ماتۇردىن ئىزدىگەندە ئىزدىگەن مەزمۇن تېپىلمايدۇ..بولسا ئىملا تۈزتىش ئىقتىدارى قېتىلسا
    2
    ، باشقۇرغۇچى يوق.. يېڭدىن باشقۇرغۇچى بولغانلار يوق. باشقۇرغۇچى بەزى نەرسىلەرنى خالىغان كىشى ئۆزگەرتەلمەيدىغان قىلىپ قۇيالايدۇ. باشقۇرغۇچى بۇلۇش ئۇچۇن ئۆزى ئىلتىماسى قىلىپ بۇلالايدۇ.
    3
    ، تۈرلەرگە ئايرىش يوق. قاراخانىلار دۆلتىگە ئائىت مەزمۇننىڭ ئۆزبىكچىسىدە ناھايىتى ياخشى تۈرگە ئايرىغان. خىمىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ خەنزۇچىسىغا قارسىڭىز ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن تۈرلەرگە ئايرىلغان. بۇ مەزمۇنلارنى كۆرگەن كىشى بىر قاراپلا خېلى نەرسىنى ئۆگنىۋالايدۇ.
    4
    ،ئنگلىزچە ۋە خەنزۇچە،تۈرك تىلىدىكى باش بەت ھەر كۈنى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بىز ھەر كۈنى ئۆزگەرتەلمىسەكمۇ ھەپتىدە بىر قېتىم بولسىمۇ ئۆزگىردىغان قىلايلى.
    5
    ،ئۇيغۇر سىلاۋيان(كىرىل) يېزقىنى قېتىشىمىز كىرەك.
    6
    ،تەھرىرلەشكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۇيغۇرچە قىلساق.
    9
    ، wikipediaنىڭ يېڭى مۇلازىمەتلىرى نىڭ ئۇيغۇرچە مۇلازىمەتلىرنى ئېچىشىمىز كىرەك. ھازىر ئۇيغۇرچىدا پەقەت بىرلام مۇلازىمەت شەكلى ئوچۇق قالغان مۇلازىمەتلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسى يوق.

    10. تىل تاللاش كۆزنىكدە ئۇيغۇرچىغا ئائىت بىر تانە ئارتۇق تاللاش بار. بۇ بۇرۇندىن قېلىپ قالغان بۇنى چىقىرۋىتەيلى.

    11. يېزىلغان مەزمۇنلارنىڭ مەنبەسى بەكلام ئاز ياكى يوق.

    ئىزدىنۋاتقانلار بولسا بىرلىكتە ھەمكارلىشايلى.



    收藏到:Del.icio.us