-
2010-02-24
مەنبە بىرىش توغرىسىدا - [خاتىرلىرىمدىن]
مەنبە بىرىش توغرىسىدا
بىز ماقالە يازغاندا بولۇپمۇ ئىلمى ماقالە يازغاندا نۇرغۇن كىتاپ، ماقالىلىرىدىن پايدىلىنىمىز، ھەم بۇ پايدىلانغان مەنبەنى ئەسكەرتىشىمىز كېرەك.
مەن كىچىك ۋاقتىمدا «تارىم»، «بۇلاق»..قاتارلىق بىر قىسىم ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئىلمى خاراكتېرلىك ماقالىلەرنىڭ ئاخىردا پايدىلانغان ماتېرىياللارنى يوقلىغىنى بىلەتتىم. پەقەت نۆۋىتى كەلگەندە:«- بۇ كىشى مۇنداق دېگەن »، «-بۇ كىتاپتا مۇنداق دېيىلگەن» دەپ ئۆتۈپ كېتەتتى. مەن بىر ئىككى پارچە شىنجاڭدىكى ئىلمى ئۇرۇنلارنىڭ ژۇرنىلدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ مەنبەسىنڭ بەكلا ئاز ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم.
ئالى مەكتەپنى پۇتتۇردىغان ۋاقتىمدا ئوقۇش پۇتتۇرۇش ئىلمى ماقالەمنى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كىرسەم «-پايدىلانغان ماتېرىياللار ئاز بولۇپ قاپتۇ.»دىدى شۇڭلاشقا بىر ئاز مەنبە قوشۇشۇمنى تەلەپ قىلدى. مەن تورغا كىرىپ بىزنىڭ كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك ژۇرناللاردىكى بىر قانچە پارچە ماقالىنىڭ ئىسمىنى، ئاپتۇرىنى ماقالەمنىڭ ئاخىرغا قېتىپ قويدۇم، ھەتتا ئۇ ماقالىلارنى تۈزۈك ئوقۇپمۇ باقمىدىم. شۇنداق قىلىپ تۇلۇق كۇرس ئوقۇشىنى تۈگەتتىم.
ماگىستىرلىق ئۇقۇش ھاياتىمدا تاپشۇرۇق ئىشلىگەن ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچىلار مەنبە يەنى پايدىلانغان ماتېرىيال تەلەپ قىلدى، مەن باشتا ھەيران قالدىم. كىيىن لېكسىيە(تۈركچە سۇنۇم، ئىنگىلىزچە:presentation ) تەييارلاش جەريانىدا مەنبەنىڭ ھەقىقەتەن مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا شېئىر، نەسىردىن باشقا نەرسە يازسام مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتىم. ئوقۇتقۇچىلار بىز تەييارلىغان Powerpoint شەكلىدىكى لېكسىيىگە ئىشلەتكەن ھەر بىر سۈرەتنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سورايتتى.
ئىلمى ماقالىنى خەلقئارالىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرۇش ئۇچۇن بىر پارچە سۈرەت، گرافىك ياكى جەدۋەلنىڭ قايسى يەردىن ئېلىنغانلىقىنى جەزمەن بىلدۈرۈش كېرەك.
ئۇيغۇرچە ۋىكىپېدىياغا قاراپ باقساق نۇرغۇن مەزمۇنلارنىڭ كېلىش مەنبەسى يوق. تورلاردا ئېلان قىلىنغان تەرجىمھاللاردىمۇ مەنبە ياكى پايدىلانغان ماتېرىيال يوق دىيەرلىك .
بىز ماقالە يازغاندا مەنبە بېرىش ياكى باشقىلارنىڭ ئەسىردىن پايدىلانغاندا ئۇنى يېزىپ قويۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرەيلى!
收藏到:Del.icio.us
评论
چۈنكى مەنبەسىىز نەرسە مەۋجۈت ئەمەس ھەرنەرسىنىڭ چۇقۇم بىر كىلىش مەنبەسى بولۇدۇ.