-
2010-02-20
قار ياغماقتا - [ئا. ۋارىس مەھزۇن ئەسەرلىرى]
قار ياغماقتا
(ﻧﺎﺯﯨﻢ ﮬﯩﻜﻤﻪﺕ)بولدى قىل، لامپىنى ياقما
سېرىق بىر ئىنسان بېشى
دۇمىلاپ كەتمىسۇن دەرىزىدىن قارغا.
قار ياغماقتا
قاراڭغۇلۇقلارغا.
قار ياغماقتا
ۋە مەن ئەسلەۋاتىمەن.
قار...
پۈۋلەنگەن بىر شامدەك ئۆچتى
چوڭ چىراقلار..
ۋە شەھەر
كۆر ئىنسانغا ئوخشاپ قالدى
ياققان قارنىڭ ئاستىدا.
بولدى قىل، لامپىنى ياقما
يۈرەككە پىچاقتەك سانچىلغان ئەسلىمىلەرنىڭ
تىلسىز ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.
قار ياغماقتا
ۋە مەن ئەسلەۋاتىمەن.
收藏到:Del.icio.us
{#pagenav}