بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2010-02-13

    ئۆلۈمگە ئىگىلمەك - [مەھزۇن تەرجىمە ئەسەرلىرى]

    ئۆلۈمگە ئىگىلمەك
    (ئەزىز نەسىن )

     


    ئۇيقۇغا ئەمەس
    چۈشلىرىمگە كىتىۋاتىمەن.
    ياشىماقچى شۇ يەردە
    خالىغانچە.
    ئويغاقلىقىمدا
    ماڭا نىسىپ بولمىغان
    ھەممە نەرسە
    بەك گۈزەلتى بەك ياشتى.
    سۆيدۈم،
    سۆيۈلدۈم دەپ ئالدىنىپ
    كۆرگەنلىرىم شۇلار بولماقچى
    نىھايەتتە.
    شۇنچە يىلدا
    سەبىرسىزدىم سۆيگۈ ئالدىدا.
    ئۆلۈمگە ئەمەس
    ئەبەدىيلىككە كىتىۋاتىمەن.
    ئۇ يەردە
    دەم ئالماقچى تىپتىنچ.
    ھاياتتا
    دېيەلمىگەن "ئۇھھھ".
    قەلەم يەنە قۇلۇمدا
    قەغەزلەرمۇ ئالدىمدا.
    ھاياتتا ھېچ ئىگىلمىگەنگە
    ئىگىلەر بېشىم
    ئەڭ ئاخىرقى ئۇيقۇسىدا.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
>