-
2010-02-10
كەتمە دېدىم - [ئا. ۋارىس مەھزۇن ئەسەرلىرى]
كەتمە دېدىم
(ﻣﻪﯞﻻﻧﻪ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﺩﯨﻦ ﺭﯗﻣﯩﻲ)كەتمە دېدىم ئۇيەرگە،
پۇتلىرىڭدىن باغلىنىپ،
بالالارغا قالارسەن.
كەتسەڭ قانداق قۇتقۇزار سېنى،
تۇزاق ئىچىرە تۇزاق بار يەردىن.
ئۇ يەردىكى پەسكەش كىشىلەر،
سېنى ئۇرۇپ-تىللاپ يۈرەرلەر،
لوقما-لوقما چايناپ پۈركەرلەر.
كۆز يېشىڭغا پەرۋا قىلماستىن،
شورپا قىلىپ پىشۇرۇپ يەرلەر.
خېمىر قىلىپ يۇغۇرۇپ سېنى،
تاغ بولساڭمۇ كۆككە سورارلەر.
قانچە چوڭقۇر بولسىمۇ جايىڭ،
پاختا كەبى يۇلۇپ ئالارلەر.
ئەشۇ پەسكەش ئىنسانلار،
ھايۋان كەبى ئوت يەرلەر.
قولغا چۈشسەڭ كۆزۈڭگە،
ئاناڭنىمۇ كۆرسىتەر.
كەتمە دېدىم ئۇ يەرگە،
كەتمە دېدىم كەتمىگىن.تۈركچىدىن مەشىق تەرجىمە شېئىرلار
收藏到:Del.icio.us
{#pagenav}