بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2010-02-06

    شېئىر بىلەن ئۆتكەن 50 يىل(6) - [ئا. ۋارىس مەھزۇن ئەسەرلىرى]

    11

    تىل ئارقىلىق دېموكىراتىيەنى ۋە تەنھەرىكەتتە بولىدىغان بىر خىل شادلىقنى ئۆزۈمگە ئەرمەك قىلىۋالدىم.

    گەپنى ياساپ ئولتۇرمىدىم.

    پەلسەپە سۆزلىمىدىم...

    ئۇيۇندا قارتىمۇ تىقىۋالمىدىم.

    تىل ئەينىكىنىمۇ چاقمىدىم. لىكىن مەن ئۇنى سۇ، سوپۇن بىلەن يۇيۇپ، سۈرتۈپ قويدۇم

    لۇغەتلەرنى كۆيدۈرمىدىم...

    لىكىن مەن ئۇلار بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا يىقىن ئالاقە(دىپلوماتىيە) شەكىللەندۈردۈم.

    دادامنىڭ بۇرۇتىنى، يەكتىكىنى ۋە دوپپىسىنى قايچىلىمىدىم..

    لىكىن مەن دادامدىن كىيىملىرىمنى (بازاردىن ئالماي) سەيپۇڭلارغا بۇيرۇپ تىكتۈرۈشنى  ئۈتۈندۈم..

    داداممۇ مەدەنى ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن تىخى مەندىن مەن كىيىم تىكتۈرىدىغان سەيپۇڭىنى ئۆزىگەمۇ تونۇشتۇرۇپ قويۇشۇمنى ئەيتقان ئىدى...

    كىيىن ئۇ كىيىم-كىچەكلىرىنى پەقەت شۇنىڭدىلا  تىككۈزۈپ كىيىدىغان بولدى...

     

    12

    مەن باشتىلا شىئىريەت دېموكىراتىيسىدىن بەھرىمەند ئىدىم.

    شىئىرنىڭ بۆلگۈنچى ھەرىكەت ئەمەس بىرلەشتۈرگۈچى ھەرىكەت ئىكەنلىكىگە ئىشنەتتىم....

    شىئىر ئۈزۈك ھەمزە (ئىزولياتور) ئەمەس بەلكى بىر ئۇلاق ھەمزە(كاتالىزاتور)دۇر...

    شىئىر باشقىلار بىلەن ئارىلىشىش سەنئىتى، قانداقتۇر تەنھالىق سەنئىتى ئەمەس..

    شىئىر سىلاپ- سىپاش ۋە مىھرىبانلىق يەتكۈزۈش سەنئىتى، ھەرگىزمۇ باشقىلارنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈېلىش، ئۇلارنى شىئىرچە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سەنئىتى ئەمەس..

    شىئىر دېموكىراتىيىسىگە بولغان ئىشەنچەم مىنى، ئاخىرى دېموكىراتىيگە ئىشىنىدىغان، ئاممىۋى قەھۋەخانىلاردا ئولتۇرۇپ دارچىن، ئارپبەدىيان دەملەكلىرىنى ئىچىشىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئويۇنچۇق ئوينايدىغان، ھۆكۈمەت ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرىدىغان، ئۈچ يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلاردا ياتىدىغان، پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى، ئادىل ئىمام، دۇرەيد لىھاملارنىڭ دراممىلىرىنى كۆرىدىغان، ئەبۇ زەيدىل ھىلالىي(ئەرەب قەھرىمانى-ت)نىڭ ھايات پائالىييىتىنى ئۈگۈنىدىغان بىر تىلنى ئىزدەپ تېپىشقا  ئۈندىگەن...

    مەن كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدە، ئاۋازلىرىدا، تۇمۇرلىرىدا، ياش ۋە كۈلكىلىرىدە شىئىر بارلىقىغا ئىشىنەتتىم. مىنىڭ بىر شائىر بولۇش سۈپتىم بىلەن ئۇرۇنلايدىغان مەجبۇرىيتىم   ئۇلۇغ  خەلقىمنىڭ ئەينى  ھالىتىنى  ئىپادىلەپ بېرىشتۇر.

    مانا بۇ مەن ئەللىك يىلدىن بۇيان قىلىۋاتقان ئىشلار.

    دەل شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئۆزلىرى ھەققىدە يېزىلغان ھىكايىلەرنى ئاڭلاشماقچى ۋە مەن، ئۇلارنىڭ تورمۇشىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئىشلىگەن ئۇزۇن سىن لىنتلىرىنى كۈرمەكچى بولۇپ مېنىڭ شىئىرلىرىم ئەتراپىغا توپلاشتى.

    مەن ئىشلىگەن شىئىر سىن لېنتىلىرى ئەڭ كۆپ تارالدى، چۈنكى ئاددىي خەلق ئۆز سۈرەتلىرىنى كىرىشتۈرمە سۈرەتلەر، چۈمبەل- چۈمپەردەلەر، پەرداز- بوياقلاردىن  خالى تەبىئىي رەڭلەر بىلەن  كۆرۈشنى ياقتۇراتتى.

     

    13

    ئوبزور شېئىر ھارۋىسىغا ئېسىلماقچى بولار.

    لىكىن قامچا سالار ئاڭا ھارۋىكەش

    .شۇندا ئوبزورچى زەردە بىلەن يىقىلىپ قالار

     

    14

    مەن ھەممە جايدا چەكلەنگۈچى.

    دېمەك مەن .. ھەممە جايدا ئۇقۇلغۇچى.

     

      

    15

    نېفىت، مەدەنىيەت مەھەللىسىگە كىرىشتىن بۇرۇن، مەھەللىمىز بەختىيار، شاد-خۇرام ئىدى.

    كىشىلەر يەپ-ئىچەتتى، بىر- بىرنىڭكىدە تۈنەپ چىقاتتى. قىز-ئوغۇللىرىنى ئۆيلەپ قويۇشاتتى، ئىشىكلىرىنى قۇشقاچلارغا ۋە ئاي نۇرىغا ئېچىۋىتەتتى...

    نېفىت                                                                      

    تۇڭلىرىنى...

    باغلام- باغلام چەكلىرىىنى..

    ھەميانلىرىنى كۆتۈرۈپ كەلگەندە  بولسا...

    مەھەللە ئەخلاقى بوزۇلدى. مەدەنىيەت ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرلىرىمۇ نەدىكى لۈكچەك، ئوسال ئادەملەرگە ئايلىنىپ كەتتى..

         ئوبزورچىلىق خىزمىتىدىمۇ خۇددى  بازار باھاسىغا قاراپ ئىش قىلىنىدىغان ھايانكەشلىككە ئوخشاش بىر ئىش بولۇپ قالدى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
>