بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2010-02-04

    شېئىر بىلەن ئۆتكەن 50 يىل(3) - [ئا. ۋارىس مەھزۇن ئەسەرلىرى]


    2

    شىئر دېگەن بۇ نەرسە 1940 - يىلىنىڭ مانا مۇشۇ ئايلىرىدا ئۆيۈمگە كىرىۋىلىپ، تا ھازىرغا قەدەر چىقىپ كەتكىلى ئۇنىمىدى..

    دەسلىۋىدە ئۇنى نەدىندۇر كەلگەن بىر مۇساپىر ئوخشايدۇ، بەك بولسا  بىر-ئىككى كۈن، بىر-ئىككى ھەپتە ياكى بىر-ئىككى ئايلا تۇرا دەپ ئويلاپتىمەن...

    بۈگۈنگە كىلىپ بۇ يوچۇن ئادەمنىڭ ئۆيۈمنىڭ خۇجايىنىغا ئايلىنىپ، مىنىڭ  ئۇنىڭغا  قەھۋە دەملەيدىغان، گېزىت، تاماكىلىرىنى سېتىۋالدىغان، ئىچ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئايىغىنى سۈرتىدىغان چاكىرىغا ئايلىنىپ قېلىشىمنى، يەنە تېخى بۇلارمۇ يەتمىگەندەك ئۇنىڭ، ئۆي خېتىمنىمۇ تارتىۋىلىپ ئۆيۈمنى ئۆز نامىغا ئۆتكۈزىۋىلىپ تا قىيامەتكىچە مىنى بوزەك ئىتىشىنى نەدىن بىلەي.

    ئۇ دائىم مىنى قارىتىپ قۇيۇپ يەپ-ئىچىپ، قارتا ئويناپ كۆڭۈل ئاچىدۇ، كۆز ئالدىمدىلا خوتۇنىغا چېپىلىدۇ. يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنىڭ نۇرغۇن بالىلىرى بولدى، ئۇلارنى مەن ئۆزەم ئىمىتىپ چوڭ قىلدىم، ئۆزەم مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردىم. ئۆزەم يەنە...

     

    3

    مەن شىئىر بىلەن بىر ئۆيدە ئۆتكۈزگەن بۇ ئەللىكنى خۇددى قەپەزگە سولۇنۇپ قالغاندەك، نىمە بولغۇنۇمنى، قاچان ئەركىنلىككە چىقىشىمنى بىلەلمەي، تولىمۇ قىينىلىش ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم.

    شىئىر بىلەن ئەللىك يىل بىر ئۆيدە تۇرۇش خۇددى يانار تاغ قاپتىلىدا تۇرغانغا ئوخشايتتى، سەن ئۇنىڭ قاچان پارتلىشىنى، قاچان تىنجىشىنى بىلمەيتتىڭ.

    شىئىر بىلەن ئەللىك يىل بىر ئۆيدە تۇرۇش ساراڭ ئايال بىلەن ئۆي تۇتقاندەك ئىش ئىدى. قاچان خوشلىغى تۇتۇپ سىنى قۇچاقلىشىنى، قاچان ساراڭلىغى تۇتۇپ سىنى بۇغۇپ ئولتۈرۈپ قويىشىنى بىلمەيتتىڭ...

    شىئىر چاقچاق قىلىدىغان نەرسە ئەمەسكەن.

    بىر بولسا ئۇ ساڭا ئالتۇن مىدال تەقدىم قىلىدىكەن..

    بىر بولسا سېنى يۈرەك كېسىلى قىلىپ قۇيىدىكەن..

    1974- يىلى يۈرەك كېسىلىم قوزغۇلۇپ يېتىپ قالغاندا بىروتتىكى ئامېرىكا ئۇنۋېرسىتىتى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلدىم، ئۆيۈمگە كىرىۋالغان ھېلىقى يوچۇن ئادەم بىر دەستە گۈل ئېلىپ كىلىپ ماڭا:

    «I am sorry . ساڭا ئۇۋال قىلدىم، مىنى كەچۈر...» دېدى

    مەن: «ھېچقىسى يوق، مەن زىممەمدىكى شىئىر قەرزىنى ئادا قىلدىم. بىر ئادەمنىڭ شىئىر يېزىۋىتىپ ئۆلۈپ كېتىشى ئۇنىڭ قارتا ئويناۋىتىپ، چىلىم تارتىۋىتىپ ياكى ئەرەپچە كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرىۋىتىپ ئۆلۈپ كەتكىنىدىن مىڭ ياخشى!!». دېدىم.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
>