-
2009-12-21
بويتاقلارغا ئۈچ ساۋاق - [تور خاتىرلىرى]
بويتاقلارغا ئۈچ ساۋاق
بىرىنچى ساۋاق
قىزلارغا ھەرگىز بىھۇدە گەپ تاشلىماڭ ، تاسادىپىي تۇنۇشقان قىزلارغا ئالدىراپ كۆڭۈل بەرمەڭ . چۈنكى ، سىز ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى بىلمەيسىز ، ئۇنىڭ ئۆتمۈشىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئايرىلىشقا توغرا كىلىدىغان ئىش بولۇپ قالمىسۇن . مۇھەببەت ئىنسانغا پەقەت بىر قىتىملا نىسىپ بولىدۇ . ئۆتكۈنچى ھەۋەسكە بېرىلىپ ، مۇھەببەتتىن مەھرۇم قالىدىغان ، ئۇنىڭ ئازابىنى تارتىدىغان ئىشلار تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدۇ.
ھېكايەت :
بىر يىگىت ئۇزاق سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ ، يولدا بىر مۇساپىرلار سارىيىدا تۈنەشكە توغرا كەپتۇ . سارايۋەننىڭ بويىغا يەتكەن گۈزەل بىر قىزى بار ئىكەن ، يىەىتنىڭ ئۇنىڭغا كۆزى چۈشۈپ قىلىپ ئاشىق بوپتۇ . ئۈچ كۈنگىچە تۈرلۈك سەۋەپلەرنى باھانە قىلىپ سارايدىن قوزغالماپتۇ ، يىگىتنىڭ ھالىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سەزگەن سارايۋەن ئۇنى يېنىغا چاقىرىپ :
_ سېنىڭ بۇ يەردىن كەتمەيۋاتقانلىقىڭنىڭ سەۋەبىنى ھېس قىلدىم ، ئەگەر قىزىم باشقا بىرسى بىلەن چاي ئىچكۈزۈپ قويۇلمىغان بولسا ، سېنى ئوغۇل قىلىۋالغان بولاتتىم . ئەپسۇسكى ، قىزىمنىڭ <بېشى باغلاغلىق > . نەسىيىتىم شۇكى ، ساڭا بىرەر قىز يېقىپ قالسا ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل قۇيۇشتىن بۇرۇن نەسىل - نەسەبى ۋە باشقا ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆر ، نەتىجىسى چىقمىغان سۆيگۈ يىگىتنىڭ كۆڭلىنى ئەبگار قىلىدۇ ،- دەپ ئۇنى يولغا سېلىپ قويۇپتۇ .
ئىككىنچى ساۋاق
ئەگەر سىز ياقتۇرغان قىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بىلىشنى خالىسىڭىز ، ئۇنىڭغا كىتاب سوۋغا قىلىڭ . بىرەر يېقىن دوستىڭىز ئونىڭغا نىشانلىق ھالدا قىممەترەك نەرسە سوۋغا قىلسۇن . قىز دوستىڭىزنىڭ سوۋغىنى قۇبۇل قىلغان چاغدىكى ھالىتى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى سىزگە بولغان مۇئامىلىسى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ ، ئەگەر ئۇ سىزنىڭ سوۋغىڭىزدىن خوشال بولسا ۋە سىزگە توتقان مۇئامىلىسى ئۆزگەرمىسە ، روھى جەھەتتىن ساغلام ، چىن ئەقىدىنى قەدىرلەيدىغان ، سەمىمىي كۆڭۈلنى ئىقتىسادىي قىممەتتىن ئۈستۈن كۆرىدىغان قىز بولىشى مۇمكىن .
ھېكايەت :
بىر پادىشاھنىڭ ھۆسۈن - جامالىدا، ئەقىل -پاراسەتتە تەڭدىشى يوق بىر قىزى بار ئىكەن ، ئۇ ئۆسۈپ بالاغەتكە يەتكەندە ،ل تەرىپى ئەتراپنى بىر ئاپتۇ ، نۇرغۇن شاھزادە ۋە ئالىي نەسەبلىك يىگىتلەر ئۇنىڭ ۋىسالىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاشىقى بىقارار بولۇشۇپتۇ ، مەلىكە بولسا < كىم ئۆز يۇرتىدىن ئۈچ خىل قىممەتلىك نەرسە ئېلىپ كەلسە ۋە ئېلىپ كېلىنگەن نەرسە ماڭا ياقسا شۇنىڭغا تۇرمۇشقا چىقىمەن > دەپ جاكارلاپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان يىگىتلەر ئۆز يۇرتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ، ئۈنچە - مارجان ، دۇررى - گۆھەرلەرنىڭ ئەڭ ئېسىللىرىنى تاللاپ مەلىكىنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپتۇ ، بىراق مەلىكە بۇ نەرسىلەرگە قاراپمۇ قويماپتۇ . ئاخىر مەلىكىنىڭ ئالدىغا بىر يىگىت كىلىپ كىتاب ، نان ۋە تۇز قاتارلىق ئۈچ خىل نەرسىنى قۇيۇپتۇ . بۇلارنى كۆرۈپ مەلىكىنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم يۈگۈرۈپتۇ ۋە يىگىتتىن:
_ سىز بۇلارنى نىمە ئۈچۈن ئېلىپ كەلدىڭىز ؟_ دەپ سوراپتۇ . يىگىت :
_مەن بالىلىقىمدىن تارتىپ كىتابقا كۆڭۈل قويغان ئىدىم . شۇ ۋەجىدىن كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق تېۋىپلىقنى ئۆگەندىم ، بۇ ناننى تېۋىپلىق قىلىش ئارقىلىق تاپتىم ، تۇزۇمنى يەپ ئۇنىڭغا خىيانەت قىلمايدىغان قىزغا ئۈمرۈمنى بېغىشلىماقچىمەن ،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. نەتىجىدە ، مەلىكە شۇ يىگىتكە ياتلىق بولۇشقا رازىلىق بىلدۈرۈپتۇ .ئۈچىنچى ساۋاق
قىزلاردىكى ئەقىل -پاراسەت ئۇلارنىڭ كىيىنىشىدىن ، ئۆزىنى تۇتۇشلىرىدىن ، كۆز قاراشلىرىدىن مەلۇم بولىدۇ . بۇ ئەلۋەتتە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتا ، ئەمما بۇلاردىن تاشقىرى يەنە سىز بولغۇسى ئۆمۈرلۈك رەپىقىڭىزنىڭ كۆكسى- قارنىنىڭ كەڭ ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشنىمۇ ئەستىن چىقارماڭ. بۇنىڭ يولىمۇ ئاسان ، سىز بولغۇسى رەپىقىڭىز بىلەن بىرگە كېتىۋاتقاندا ، سەدىقە سورىغانلارغا كۆپرەك سەدىقە بېرىڭ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇشىنى ئىپادىلەيدۇ . ئەگەر ئۇنىڭ كۆكسى -قارنى كەڭ بولسا ، سىزنىڭ بۇ ئىشىڭىزدىن مەمنۇن بولىدۇ ، ئۇنداق بولمىسا ، سىزنىڭ ئارتۇقچە سېخىلىقىڭىزدىن نارازى بولۇشى مۇمكىن ، بۇ سىناق سىزنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزدا مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىق رول ئوينايدۇ . بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان كۆكسى -قارنى كەڭلىكى بەدخەجلىك ۋە يۇقىرى ئىستىمالنى كۆزدە تۇتمايدۇ ئەلۋەتتە.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، بىر ئايال بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ ، بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ياشاش پۇرسىتى ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن تۇنجى قەدەمنى بېسىشتا پۇختا ، ئەتراپلىق بولۇش ، بىردەملىك ھېسىياتقا بېرىلمەستىن ، ئاقىلانىلىك بىلەن يول تۇتىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ .<شىنجاڭ ياشلىرى > ژورنىلىدىن ئېلىندى
收藏到:Del.icio.us