سىياسىئونلارنىڭ زىرەكلىكى - [ئەجرىمدىن گۈللەر]

    _べ Tag:پەلسەپە   2009年02月05日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34640413.html

    سىياسىئونلارنىڭ زىرەكلىكى


    كۆزىمىزنى ئاچساق...

    جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ باش ئىپىسكوپى تۇتۇ 1984-يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. ئۇ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى قەھرىمان، يەنە ناھايىتى پاراسەتلىك كىشى ئىدى.
    1984-يىلى ئۇ نيۇيوركتىكى بىر قىتىملىق خىرىستىئان دىنى مۇراسىمىدا مۇنداق دىگەن:
    - دىن تارقاتقۇچىلار ئافرىقىغا يېڭى كەلگەندە ئۇلارنىڭ قولىدا «ئىنجىل»، بىزنىڭ قولىمىزدا زىمىن بار ئىدى. دىن تارقاتقۇچى: «ئىبادەت قىلايلى» دىدى.بىز كۆزىمىزنى يۇمۇپ ئىبادەت قىلدۇق. كۆزىمىزنى ئېچىپ قارىساق، ھەممە ئەكسىچە بولۇپ قاپتۇ. بىزنىڭ قولىمىزدا «ئىنجىل»، ئۇلارنىڭ قولىدا بولسا زىمىن تۇرۇپتۇ.


    كىم پېتىنالايتى؟

    ھۆكۈمەتنىڭ بىر يىغىنىدا خرۇششىف ستالىننىڭ خاتالىقلىرىنى قاتتىق ئەيىپلەپتۇ. تۇيۇقسىز بىر كىشى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ:
    - سىز ستالىننىڭ خىزمەتدىشى تۇرۇقلۇق، نىمىشقا ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى توسمىدىڭىز؟ دەپتۇ.
    - كىم ئۇ بۇنداق سورىغان؟ دەپ ۋاقىراپتۇ خرۇششىف. يىغىن ئەھلى جىممىدە بولۇپ كېتىپتۇ. ھىچكىم ئۇنىڭغا گەپ ياندۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ.
    - ئەمدىغۇ نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلگەنسىلەر؟ دەپتۇ خرۇششىف ئاخىردا پەس ئاۋازدا.


    ھەقىقىي ئايال كىم؟

    بىسمارك - گىرمانىيەنىڭ 19- ئەسىردىكى مەشھۇر سىياسىئونى.
    بىر كۈنى ئۇ سانكىت پىتىربورگدا بىر خانىم بىلەن تانسا ئويناۋىتىپ، ئۇ خانىمنى «پەرىشتىدەك چىرايلىق ئىكەنسىز» دەپ ماختاپتۇ.
    - دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە زادىلا ئىشەنگىلى بولمايدۇ، دەپتۇ ئۇ خانىم.
    - نىمىشقا؟
    - بۇنىڭ سورىغۇدەك نىمىسى بار؟ دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ «بولىدۇ» دىگىنى - «مۈمكىن» دىگىنى. «مۈمكىن» دىگىنى - «بولمايدۇ» دىگىنى. ناۋادا ئاغزىدىن «بولمايدۇ» دىگەن سۆز چىقسا، ئۇنداق كىشى دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولالمايدۇ.
    - خانىم، دىگىنىڭىز تامامەن توغرا. بۇ بەلكىم بىزنىڭ كەسپىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا كىرەك. بىزگە شۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق. لىكىن، سىلەر ئاياللار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە.
    - بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟
    - بۇنىڭ سورىغۇدەك نىمىسى بار؟ ئاياللارنىڭ «بولمايدۇ» دىگىنى - «مۈمكىن» دىگىنى. «مۈمكىن» دىگىنى - «بولىدۇ» دىگىنى. ناۋادا ئاغزىدىن «بولىدۇ» دىگەن سۆز چىقسا، ئۇنداق ئايالنى ھەقىقىي ئايال دىگىلى بولمايدۇ.


    ئەر-خوتۇننىڭ ئىش تەقسىماتى

    پومپىدو فرانسىيەنىڭ پرىزدىنتى بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە بىر كىشى ئۇنىڭغا: «يېقىندىن بىرى خوتۇنۇم مەن بىلەن بەك ئۇرۇشىدىغان بولۇپ كەتتى» دەپ دەرت تۆكۈپتۇ.
    - مەن ئەزەلدىن خوتۇنۇم ئۇرۇشۇپ باققان ئەمەس،-دەپتۇ پومپىدو ئۇ كىشىگە بىر مۇنچە نەسىھەت قىلغاندىن كىيىن، - چۈنكى، ھەر قانداق مۇھىم ئىشنى ئۇ ئۆزى بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن، ساياھەتكە بېرىش، بىرەر نەرسە سېتىۋىلىش، تاماق بۇيرۇتۇش، ئۆي جاھازىلىرىنى تاللاش، ئويۇن ۋە كىنو كۆرۈش قاتارلىقلار. مەن پەقەت بەزىبىر ئۇششاق ئىشلارغىلا مەسئۇل.
    - قانداق ئىشلار ئۇ؟ دەپ سوراپتۇ ئۇ كىشى.
    - گۆش ۋە كۆكتاتلارنىڭ باھاسى، ئىشچىلارنىڭ مائاشى، قورال ئىمپورت قىلىش، پۇل پاخاللىشىش دىگەندەك ئىشلار. - دەپتۇ پرىزدىنت.


    ئالدىرىماي تۇرۇڭ

    ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ۋىلسون بىر كۈنى نۇتۇق سۆزلەۋاتسا بىر بۇزغۇنچى ئۇنسۇر:
    - ئىتنىڭ پوقى! ئەخلەت! دەپ ۋاقىراپ ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ قويۇپتۇ.
    بىراق، ۋىلسون تەمتىرىمەي مۇلايىم ئاۋازدا ئۇ كىشىگە قاراپ دەپتۇ:
    - ئەپەندىم، ئالدىرىماي تۇرۇڭ، سىز ئېيتقان پاسكىنىچىلىقلار ھەققىدىكى مەسىلىلەر توغرۇلۇق سەل تۇرۇپ سۆزلەپ بېرىمەن.


    سىياسىئون بولۇشنىڭ شەرتى

    بىر كىشى چىرچىلدىن سوراپتۇ:
    - سىياسىئون بولۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كىرەك؟
    - سىياسىئونلار ئەتە، كىلەر ئايدا، كىلەر يىلى، ھەتتا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى پەرەز قىلالايدىغان بولۇشى كىرەك.
    - ئەگەر شۇ چاغدا پەرەز قىلىنغان ئىشلار ئەمەلگە ئاشمىسىچۇ؟
    - ئۇنداقتا، شۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بىرەلىشى كىرەك. دەپ جاۋاب بىرىپتۇ چىرچىل.


    ئايال پادىشاھ ھوجرىسىغا قانداق كىردى؟

    بىر كۈنى ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە ئېرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. ئېرى ھوجرىغا كىرىپ ئىشىكنى تاقىۋاپتۇ. ئايال پادىشاھ ھوجرىسىغا كىرىش ئۈچۈن ئىشىكنى چېكىپتۇ.
    - كىم؟ - سوراپتۇ ئېرى.
    - ئايال پادىشاھ. - تەكەببۇرلۇق بىلەن جاۋاب بىرىپتۇ ۋىكتورىيە. بىراق ئىشىك ئېچىلماپتۇ. ئۇ يەنە ئىشىكنى چېكىپتۇ.
    - كىم؟ - سوراپتۇ ئېرى يەنە.
    - ۋىكتورىيە، - دەپتۇ ئايال پادىشاھ. بىراق يەنىلا ئىشىك ئېچىلماپتۇ. ئايال پادىشاھ يەنە ئىشىكنى چېكىپتۇ.
    - كىم؟ - سوراپتۇ ئېرى يەنە.
    - سىزنىڭ خوتۇنىڭىز، - دەپ جاۋاب بىرىپتۇ ئايال پادىشاھ مۇلايىم ئاۋاز بىلەن. بۇ قىتىم ئىشىك ئېچىلىپتۇ.


    ئىتتىن ھەزەر ئەيلەڭلار

    رىگان ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا ئۆز ئورنىغا چىقىدىغان بوشنىڭ ئاقسارايغا «بوش» ئىسىملىك كىچىك بىر ئىتنى ئىلىپ كىرمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ قاپتۇ. بوش «بۇ ئىت تىيىن قوغلاشقا ئامراق» دەپتۇ. تىيىن بولسا رىگاننىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھايۋىنى ئىكەن.
    بوش ئاقسارايغا كىرگەن تۇنجى كۈنى ئاقسارايدىكى بەزى بۇلۇڭلارغا تىيىننىڭ رەسىمى ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. رەسىملەرنىڭ ھەممىسىگە رىگاننىڭ ئىمزاسى بىلەن «تىيىنلار، ئىتتىن ھەزەر ئەيلەڭلار» دەپ يېزىلغان ئىكەن.


    كايىش

    لىندون.ب.جونسون – ئامىرىكىنىڭ 36- نۆۋەتلىك پرىزدىنتى.
    بىر كۈنى ئۇ بىر خىزمەتدىشىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ شىرەسىنىڭ ئۈستى قالايمىقان بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، قەستەن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ:
    - ئىدىيىڭىز بۇ شىرەنىڭ ئۈستىدەك قالايمىقان بولمىسۇن، - دەپتۇ.
    جونسون ئىككىنچى قىتىم كىلىپ تەكشۈرگىچە، بۇ خىزمەتچى شىرەنىڭ ئۇستىنى چىرايلىق رەتلەپ قويۇپتۇ. بىراق ، جونسون بۇ قىتىم شىرەنىڭ ئۇستىدە ھىچنىمە يوقلۇقىنى كۆرۈپ يەنە كايىپ:
    - كاللىڭىز بۇ شىرەنىڭ ئۈستىدەك قۇپقۇرۇق بولۇپ قالمىسۇن. - دەپتۇ.


    نۇتۇق ۋە ۋاقىت

    ۋودروۋ ۋىلسون – ئامىرىكىنىڭ 28-نۆۋەتلىك پرىزدىنتى.
    بىر كۈنى بىر كىشى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
    - ئون مىنۇتلۇق نۇتۇق ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت تەييارلىق قىلىسىز؟
    - ئىككى ھەپتە، - دەپتۇ ۋىلسون.
    - بىر سائەتلىك نۇتۇققىچۇ؟
    - بىر ھەپتە.
    - ئەمىسە ئىككى سائەتلىككىچۇ؟
    - بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىش كەتمەيدۇ. چىقىپلا سۆزلەۋەرسەم بولىۋىرىدۇ.


    سىز كىمنىڭ ئايىغىنى مايلايسىز؟

    ئابراھام لىنكولىن – ئامىرىكىنىڭ 16-نۆۋەتلىك پرىزدىنتى.
    لىنكولىن بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ئايىغىنى مايلاۋاتسا، چەتئەللىك بىر دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئۇنىڭ قېشىغا كىلىپ سوراپتۇ:
    - پرىزدىنت ئەپەندى، ئايىغىڭىزنى ئۆزىڭىز مايلايدىكەنسىز-ھە؟
    - شۇنداق، - دەپتۇ لىنكولىن، - سىز كىمنىڭ ئايىغىنى مايلايسىز؟


    باشقىلارغىمۇ پۇرسەت بېرىڭلار

    بىر خانىم لىنكولىننى ئىزدەپ كىلىپ، خاپا بولغان ھالدا مۇنداق دەپتۇ:
    - پرىزدىنت ئەپەندى، سىز مېنىڭ ئوغلۇمنى چوقۇم ئۆستۈرۈشىڭىز كىرەك. بۇ سىزدىن شەپقەت تىلىگىنىم ئەمەس. بەلكى بىز شۇنداق تەلەپ قىلىشقا ھەقلىق. چۈنكى، بوۋام لىستون ئۇرۇشىغا قاتناشقان. تاغام برادونس قەلئەسىدىن قېچىپ كەتمىگەن بىردىنبىر ئادەم. دادام نائورىنس ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئېرىم مانتېللې ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان. شۇڭا...
    - خانىم، - دەپتۇ لىنكولىن ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا، سىلەر ئۈچ ئەۋلاد ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپسىلەر. تۆھپەڭلار ھەقىقەتەن زور ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە ئالىي ئىھتىرام بىلدۈرىمەن. لىكىن، بۇنىڭدىن كىيىن باشقىلارنىڭمۇ ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىغا پۇرسەت بەرسەڭلار بوپتىكەن.

    («مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھەزىللىرى» دىگەن كىتاپتىن تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي)
    (بۇ ماتىرىيالنى باشقا توربەتلەرگە يوللىماڭ)

    *******************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: