版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34564943.html

    تۇرغۇن ئالماس شېئىرلىرى

    تەنلىرىم ياپراق

    تەنلىرىم ياپراق، تىترەپ تۇرمىدى.
    يۈرىكىم دەردلىك، ئەركىن سوقمىدى.
    كۆردۈم پىغاندا سېنىڭ ھالىڭنى،
    ئويلا ئەي يارىم غۇنچە چاغىڭنى.

    ئاستىلاپ ئۆسۈپ ئون بەشكە كىردىم،
    تېخىمۇ دەھشەت باستى پەلەكنى.
    دوست ۋە دۈشمەننى پەرق ئېتەلمىدىم،
    بىر زالىم قانخور ئەزدى يۈرەكنى.

    ئۈمىدىم ئويغاق، مەغرۇر ياشلىقىم.
    ئۆتمۈشنى ئەسلەپ كۆزنى ياشلىما.
    قەدىرلىك جانان سۆيگەن ئامرىقىم،
    قۇچاغىڭ كەڭرى، مېنى تاشلىما.

    ئويلا ئەي يارىم رەقىپلەر يامان.
    گەر ئويغانمىساڭ يىغلاتۇر زامان.
    مېنىڭ چىرايىم سارغايدى سامان.
    ئەمدى مەن كەتتىم، سەن قالغىن ئامان.

    (1946 - يىل 1- ئاي. قەشقەر)

    «تەنلىرىم ياپراق» - شائىر تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۆمرۈڭگە باق» ۋە «مەكتەپكە» دىگەن نادىر شېئىرلىرىدىكى نادىر مىسرالاردىن تاللاپ تۈزۈلگەن يەنە بىر نادىر شېئىرى.

    (مەنبە: «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1985 - يىللىق 6 - سانى)
    ************************


    ئازاتلىق مەشئىلى

    تاغلاردا ئازاتلىق مەشئىلى
    يانىدۇ كېچىنى يورۇتۇپ.
    كېلىدۇ باھارنىڭ شەپىسى
    تەڭرىتاغ باغرىنى ئويغۇتۇپ.

    (1945 - يىلى 2 - ئاي. قارا شەھەر)
    شائىر بۇ شېئىرىنى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» توغرىسىدىكى خۇشخەۋەرنى ئاڭلاپ يازغان.
    *******************************


    ئۆتسە ئۆمۈر

    ئاقسا سۇلار دولقۇنلىماي - تاشماي بىكار،
    ئورمان، ئېتىز، باغلار قالار ھەسرەت چېكىپ.
    ئۆتسە ئۆمۈر ھىچ مەنىسىز بولماسمۇ ئار؟
    ۋىجدان يىغلار باشلىرىنى غەمكىن ئېگىپ.

    (1946 - يىلى 8 - ئاي. قەشقەر)
    ********************


    ئامرىقىم

    تاغلاردا شەپە، قاراڭغۇ كېچە،
    ياۋايى يىرتقۇچ تۇرامدۇ مۆكۈپ؟
    ئامرىقىم يالغۇز تاڭلار ئاتقۇچە
    مۇڭلىنامدىكىن يېشىنى تۆكۈپ؟

    (1948 - يىلى 25 - مارت. گومىنداڭ تۇرمىسىدە يېزىلغان)
    (مەنبە: «تاڭ سەھەر». قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1982 - يىل نەشرى)
    ***********************
    (بۇ شېئىرلارنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ)



    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: