ئامىرىكىنىڭ قۇدرەت تېپىشىدىكى سىر - [ئەجرىمدىن گۈللەر]

    _べ Tag:تارىخ   2009年02月01日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34494182.html

     ئامىرىكىنىڭ قۇدرەت تېپىشىدىكى سىر


    ئامىرىكىنىڭ يەر مەيدانى كەڭ، بايلىقى مول بولسىمۇ، بىراق ئېرقى مۇرەككەپ، سىياسى تەشكىلاتلىرى بوشاڭ، بىيۇكىراتلىق ئىستىل ھەممە ساھەگە يامراپ كەتكەن، ئاساسى قانۇن ۋە ئەدلىيە تۈزۈملىرىمۇ دىگەندەك مۇكەممەل ئەمەس.
        مۇشۇنداق نۇرغۇن ئىللەتلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى يۈز يىل بولغاندا، دۇنيا بويىچە دەرىجىدىن تاشقىرى قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىشى كىشىنى قانداقمۇ ھەيران قالدۇرمىسۇن؟
        بىر دۆلەت خەلقى جاپا- مۇشەققەتكە قانچىكى چىداملىق بولسا، دۆلەت شۇنچە گۈللىنىدۇ ۋە باي بولىدۇ. بۇ ھەممىگە ئايان پاكىت. ئەمما ئامىرىكىلىقلار ئاز خىزمەت قىلىپ، يۇقۇرى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشنى، راھەت- پاراغەتتە ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ.
        ئامىرىكىلىقلار ئۇنچىۋالا ياخشى شارائىتقىمۇ ئىگە ئەمەس، ئىشلىتىپ تۈگەتكۈسىز مول بايلىقىمۇ يوق، خەلقىمۇ ئانچە جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىپ ئىشلەيدىغان خەلق ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ ئامىرىكا دۇنيادا تەڭدىشى يوق دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىكى سەۋەپ نىمە؟
        ئەسلىدە ئامىرىكىلىقلار سۆز ئەركىنلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. نىمە گېپى بولسا دەۋىرىدۇ، پىكرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت رەھبەرلىرى توغرا نىيەتلىك تەنقىتلەرنى بەجانىدىل قوبۇل قىلىدۇ. مەيلى قايسى جەھەتتىكى ئىجابى پىكىرلەر بولسۇن، ھەممىنى قوبۇل قىلىۋىرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئامىرىكىنىڭ باي ۋە قۇدرەتلىك بولالىشىدىكى ئاساسى سەۋەپ: ئىلگىرى ھاكىمىيەت باشقۇرغان كىشىلەر كۆكسى- قارنىنى كەڭ تۇتۇپ، ھەر قايسى تەبىقىدىكى خەلقنىڭ پىكرىنى قىلچە قالدۇرماي قوبۇل قىلغانلىقىدىن ئىبارەت.
        بۇنىڭدىن مەلۇمكى، پىكىرمۇ بىر خىل قۇدرەتلىك كۈچ بولۇپ، ئۇ دۆلەتنى باي، ئارمىيەنى قۇدرەتلىك قىلىشتا زور رولغا ئىگە. شۇ سەۋەپتىن ئامىرىكا خەلقىمۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ تۈز كۆڭۈل، ئۆز پىكرىنى ئوچۇق- ئاشكارا بايان قىلىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان خەلق.

    ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
    مەنبە: «پۇل تېپىشنىڭ ئېپى» 256-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995-يىل 3-ئاي نەشرى. تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي.
    ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: