دۇنيامۇ گويا بىر سىنىپتۇر - [ئەجرىمدىن گۈللەر]

    _べ Tag:تارىخ   2009年02月01日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34493818.html

    دۇنيا گويا بىر سىنىپتۇر، ئامىرىكا-سىنىپ باشلىقى، جۇڭگوچۇ؟


          
    ئەگەر دۇنيانى بىر سىنىپ دىسەك، ئۇنداقتا دۇنيادىكى دۆلەتلەر بۇ سىنىپتا قانداق رول ئوينايدۇ؟
           ئامىرىكا – سىنىپ باشلىقى. ئۇ ئۆگىنىشتە ياخشى، ئائىلىسى باي، قامەتلىك بولغاچقا، جىدەلگە ئامراق. سىنىپتا ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈشكە پېتىنىدىغانلار يوق دىيەرلىك. مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس.
           روسىيە – مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقى. نەتىجىسى ئالاھىدە، بويى خېلىلا ئېگىز. ئالدىنقى ماۋسۇمدا سىنىپ باشلىقى بىلەن تىركىشىپلا ئۆتتى. كېيىن ئۆيىدە ئىش چىقتى. يەنى بەزىلەر ئۆي ئايرىدى. ھازىر ھەرقانداق ئىشتا بەك قاتتىققول. ئەمما سىنىپتا بەلگىلىك تەسىرى بار.
           جۇڭگۇ – سىنىپ ئىتتىپاق ياچايكىسىنىڭ شۈجىسى. ئىدىيىسى ئىلغار، دائىم ساۋاقداشلىرىغا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەيدۇ. مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىن.
           ئەنگىلىيە – ئۆگىنىش ھەيئىتى. ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى، ئائىلىسى باي، سىنىپ باشلىقىنىڭ كۆتىدىن چىقمايدۇ.ئوبىكتىپ مەيدانى يوق، ھەممىلا ئىشتا سىنىپ باشلىقىنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ.تېخى يېقىندىلا سىنىپ باشلىقى بىلەن بىرلىشىپ ئىراقنىڭ ئاغزى-بۇرنىنى قان قىلىۋەتتى.
            شۋىتسارىيە – گۈزەل-سەنئەت دەرسى ۋەكىلى. سىنىپ گۈزىلى. ئۈگىنىش نەتىجىسى خېلىلا ياخشى. بويى ئېگىز ۋە كىلىشكەن.
            ئاۋستىرىيە – مۇزىكا دەرسى ۋەكىلى. مۇزىكىدىن ئوت چىقىرىۋىتىدۇ.
            ئافغانىستان – ۋەزىپىسى يوق. ئۆگىنىش دىسە بېشى ئاغرىيدۇ. بويى پاكار. ئالدىنقى ماۋسۇمدا مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقىدىن يەتكىچە تاياق يىدى. ئەمما داۋالىنىش پۇلىنى سىنىپ باشلىقى تۆلىدى. بىراق نەچچە كۈن بۇرۇن سىنىپ باشلىقىنىڭ ئۆيىدىكى ئەڭ ئېگىز ئىككى ئويونچۇقنى بۇزۇپ قويىۋىدى، بولۇشىغا تاياق يەپ چالا ئۆلۈك بولۇپ قالدى. ھازىرمۇ ئېسىنى يىغالماي يۈرۈيدۇ.
           ئىراق – ۋەزىپىسى يوق. ئۆگىنىشى ناچار. ئەمما بوي-بەستى كىلىشكەن. ئالدىنىقى ماۋسۇمدا بوي ئېگىزلىكى جەھەتتە 4-ئورونغا ئۆتكەن. ئاغزى قاتتىق. پارتىدىشى كۇۋەيتنى ئۇرۇۋىدى، كۇۋەيتنىڭ پايدىسىنى كۆرگەنلەر بىرلىشىپ ئۇنى تازا سالدى. ئاخىرىدا سىنىپ باشلىقى بىلەن ئۆگىنىش ھەيئىتى ئۇنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇرۇپ-چېقىپ خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
            ھىندىستان – كومپيوتىردىن ئوت چىقىرىۋىتىدۇ. شۇڭا كومپيوتىر دەرسىنىڭ ۋەكىلى بولىۋالدى. دائىم پارتىدىشى پاكىستان بىلەن بىر پارچە سالاتنى تالىشىپ سوقۇشۇپلا تۇرىدۇ.
            پاكىستان – ۋەزىپىسى يوق. ئۆگىنىشى ئادەتتىكىچە. ھىندىستاننى كۆرگەنلا يەردە تىللايدۇ.
            گېرمانىيە – سىنىپنىڭ ئاكتىپى. بويى بەكلا ئېگىز. ماتىماتىكا، فىزىكا ۋە خىمىيەدە ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. نىيىتى يامان. مەكتەپكە يېڭى كىرگەندە خېلىلا كەڭ كۆلەملىك جىدەل قوزغىۋەتكەچكە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئەمما خاتالىقىنى تونۇش ئىپادىسى بەكلا ياخشى.
            ياپونىيە – ۋەزىپىسى يوق. نەتىجىسى خېلىلا ياخشى. بىراق ئىدىيىۋى ئەخلاقى بەك ناچار. مەكتەپكە يېڭى كىرگەندە سىنىپ باشلىقى بىلەن ئىتتىپاق ياچايكا شۈجىسىنىڭ چىشىغا تىگىپ قويۇپ تاياقنى بولدى دىگىچە يىگەن. بىراق ھازىرمۇ سىنىپ باشلىقىنىڭ ئۆيىدىكى بېلىق قاچىسىغا ئېرىشىش نىيىتىدىن يانمىدى.
            ۋيېتنام – ۋەزىپىسى يوق. ئىستىلى چاتاق. بەك ئاۋاق. ئۆتكەن ماۋسۇمدا سىنىپ باشلىقى ئۇنى قولىغا كالتەك ئېلىپ قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرغان ئىدى، مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقى بىلەن ئىتتىپاق ياچايكا شۈجىسى ئارىغا چۈشۈپ قۇتقۇزىۋالغان. كېيىن ئاش بەرگەن قاچىنى چېقىپ ئىتتىپاق ياچايكا شۈجىسىغا «چاقچاق» قىلىۋىدى، ئاغزى-بۇرنى قان بولدى.
    چاۋشيەن – ۋەزىپىسى يوق. خاراكتىرى ئۈستۈن. ئىتتىپاق ياچايكا شۈجىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئالاھىدە ياخشى

    ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
    مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 6-بەت. 2007-يىل 25-دىكابىر سانى
    تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي. 2008- يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى

    باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ
    ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: