版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34446863.html

    پويىزنىڭ تەقدىرى


    مەلۇم يىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى لېنىن، ستالىن، خروششېف، برىژنېۋ ۋە گورباچېۋلار بىر پويىزغا ئولتۇرۇپ يىراق شەرققە سەپەرگە چىقىپتۇ. پويىز مەلۇم بىر يەرگە كەلگەندە، ئالدى تەرەپتە نەچچە چاقىرىم كەلگۈدەك يەردىكى رېلىس ئېلىۋىتىلگەنلىكتىن، ماڭالماي توختاپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پويىز باشلىقى قانداق قىلىش توغرىسىدا بەشەيلەندىن يوليورۇق سوراپتۇ.

    لېنىن مۇنداق يوليورۇق بېرىپتۇ:
    دەرھال پويىزدىن چۈشۈپ، خەلقنى شەنبىلىك خالىسانە ئەمگەككە تەشكىللەيلى. رېلىسنى ياتقۇزۇپ بولۇپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش كىرەك.

    ستالىن مۇنداق دەپ ۋاقىراپتۇ:
    بۇ چوقۇم ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقى. سىنىپىي كۆرەشنى قانات يايدۇرۇپ، گۇمانلىق ئۇنسۇرلارنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىغا ئەۋەتىش، سۈرگۈن قىلىش، قانۇن بويىچە جازالاش كىرەك.

    خروششېف مۇنداق دەپتۇ:
    بۇنچىلىك ئىشلارغا مېنى ئاۋارە قىلماي، ئارقا تەرەپتىكى رېلىسنى سۆكۈپ ئالدىغا يۆتكىسەڭلارلا بولمىدىمۇ.

    برىزنېۋ بىر دەم تۇرۇپ كېتىپ مۇنداق دەپتۇ:
    پويىزنى ئىتتىرەيلى. ئىتتىرىش ئالغا باسقانلىق دىگەن گەپ. تەشۋىقات ۋاستىلىرىغا ئېيتىڭلار. ئۇلار: «پويىز ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىمەكتە» دەپ يازسۇن.

    گورباچېۋ مۇنداق دەپتۇ:
    بۇنىڭغا باش قاتۇرۇش كەتمەيدۇ. كۆپچىلىك قولمۇ-قول پويىزنى چۇۋۇپ، ئالدى تەرەپتىكى رېلىس بار يەرگە ئاپىرىپ قايتا قوراشتۇرساقلا بولمىدىمۇ!

    *********************************************
    مەنبە: «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى». تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن سابىر.
    تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي. باشقا توربەتكە يوللاشقا بولمايدۇ

    *********************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: