版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34445301.html

    «رىسالەئى ھېكمەت»تىن جەۋھەرلەر


                        مۇھەممەد سالىھ ئىبن قۇتلۇقبىي


    ئىنسان ئۆز ۋۇجۇدىغا ئېغىرلىق ۋە كېسەللىك پەيدا قىلماسلىق ئۈچۈن، تاماقنى ئاز يېيىشى زۆزۈر. ئىنسانغا نىمىكى ئىللەت چاپلاشسا، ئەلۋەتتە، ئۇ كۆپ تاماق يېيىشتىن زاھىر بولىدۇ. تاماق كۆپ ئىستىمال قىلىنغاندا مەيدىگە كۈچ كېلىدۇ. مەيدىدە ئارتۇقچە سەپرا ۋە زەرداپ ھاسىل بولىدۇ.

    كىشى ئەتىگەن تۇرغاندا كەيپىياتى ياخشى بولمىسا، بۇنىڭ سەۋەبى ئىككىدۇر:
    (1) ئىچىملىك ۋە ئادەمنى كەيپ قىلىدىغان باشقا نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش. بۇنداق نەرسىلەر ئادەمنىڭ ئىچىنى بۇزىدۇ، تەبىئىتىنى بۇلغايدۇ، بەدىنىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.
    (2) مەيدىدە كۆيگەن سەپرا بولۇش. كۆيگەن سەپرادىن كۆڭۈل خىرە بولىدۇ. ئەتىگەن تۇرۇپ پاكىز ھاۋادىن نەپەس ئالسىمۇ، ئادەم ئۆزىنى بىئارام سېزىدۇ. كۆيگەن سەپرادىن ئادەم قۇسۇش ئارقىلىق قۇتۇلۇش مۈمكىن.

    ئىككى نەرسە باركى، ئۇلار ئادەمنىڭ يۈرىكىگە قۇۋۋەت بېرىدۇ:
    (1) ساياھەت.
    (2) ئالىملارنىڭ سۆھبىتى.

    تۆت نەرسە باركى، ئۇلار ئادەمنىڭ كۆزىگە نۇر بېغىشلايدۇ ۋە كۆزنىڭ نۇرىنى ئۆتكۈر قىلىدۇ:
    (1) چىرايلىق يۈز.
    (2) ئېقىن سۇ.
    (3) ياپيېشىل چىمەنلىك.
    (4) خۇشخەت كىتاب.
    «ئىشرەت رىسالىسى»دە شۇنداق دىيىلگەن:
    «دائىم ئالدىڭدا قەغەز-قەلەم بولسۇن. ئۆزۈڭ تەپەككۇر قىل. پىكىر قىلىشتىن ئەقىل ساغلام بولىدۇ. ئىلىم-ھېكمەتنىڭ ئىشىكى ئېچىلىدۇ»

    ھەكىملەر تۆۋەندىكى تۆت نەرسە ئادەمنىڭ يۈرىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتقان:
    (1) دۇنيانى تاماشا قىلىش.
    (2) مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش.
    (3) ناننى ھالال تېپىپ يېيىش.
    (4) ئۇلۇغ ئالىملارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش.

    تۆۋەندىكى سەككىز نەرسە ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە ساغلاملىق قوشىدۇ:
    (1) ساغلام ھالدا سەپەر قىلىش.
    (2) باھاردا باغلارنى سەيلە قىلىش
    (3) سېمىز ۋە ياۋاش ئاتقا مىنىپ چېپىش.
    (4) ئازادە كىيىنىپ يۈرۈش.
    (5) خۇشخۇي ۋە چىرايلىق خوتۇنغا ئىگە بولۇش.
    (6) باھار ۋاقتىدا سادىق دوستلار بىلەن ئۇچرىشىش.
    (7) مۆتىدىل ھاۋادا ئالىملار سۆھبىتىدىن بەھرىمەن بولۇش.
    (8) قەدىمدىن قالغان ئاسارە-ئەتىقىلەرنى تاماشا قىلىش.

    بىلگىنكى، تۆت نەرسە كىشىنى سالامەت قىلىدۇ ۋە ھەمىشە ياخشى كەيپىيات بېغىشلايدۇ:
    (1)    ئاز تاماق يېيىش.
    (2)    ئاز سۆز قىلىش.
    (3)    جىمانى ئاز قىلىش.
    (4)    ئۇلۇغلار ئالدىدا ئەدەبلىك بولۇش.

    (مەنبە: «تىبابەت دۇردانىلىرى» شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى. 1998-يىل 8-ئاي نەشرى)
    تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي. باشقا تور بىكەتكە يوللىماقچى بولسىڭىز، مەنبەنى ئەسكەرتىڭ
    ****************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: