20-ئەسىردىكى 20 كاتتا زات - [ئەجرىمدىن گۈللەر]

    _べ Tag:تارىخ   2009年01月30日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34446350.html

    20-ئەسىردىكى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن 20 كاتتا زات



    (1) ئېينىشتىيىن(1879-1955)
    ئۇنىڭ نىسپىلىك نەزىرىيەسى كىشىلەرنىڭ ئالەم توغرىسىدىكى قارىشىنى ئۆزگەرتتى.
    ئالبېرت ئېينىشتېيىن(Albert Einstein) مىلادىيە 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم ۋە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق زىيالى. ئۇنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئىلمىي نەتىجىسى «نىسپىلىك نەزىريىسى» بولۇپ، بۇ نەزەرىيەنىڭ ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلىرى ئاتوم ئىنىرگىيىسى ۋە سۈنئى ھەمراھ، راكىتا قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى. 1921-يىلى ئېينىشتىيىن «فوتو- ئىلىكتىرىك ئىففىكىت قانۇنى»نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن شەرەپ بىلەن نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ.

    (2) بور.
    ئۇنىڭ كۋانت مىخانىكىسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى 20-ئەسىردىكى پەن-تېخنىكا ۋە پەلسەپەگە تەسىر كۆرسەتتى.

    (3) ھىسىنبېرگ.
    ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان دەل ئۆلچىگىلى بولماسلىق قائىدىسى كىشىلەرگە مىكرو زەررىچىنىڭ خاسلىقىنى تونۇتتى.

    (4) شېردىنگېر.
    ئۇنىڭ دولقۇن مىخانىكىسى تەڭلىمىسى كۋانت مىخانىكىسى جەھەتتىكى ئۆلچەملىك تەڭلىمە ھىسابلىنىدۇ.

    (5) رۇزېرفورد.
    ئاتوم يادرو فىزىكىسى ۋە ئاتوم يادرو خىمىيەسى جەھەتتە ئاساس سېلىش خىزمىتىنى ئىشلىدى.

    (6) ئوبىنھام.
    تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى ياساشقا تەشكىلاتچىلىق قىلدى.

    (7) ۋېلبورېت.
    ئۇ ئىنىسى ئوۋېل بىلەن تۇنجى ئايروپىلاننى كەشپ قىلىپ 20-ئەسىردىكى ئاۋىئاتسىيە ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتتى.

    (8) كىرىك
    ئۇ فۇرسېن بىلەن بىللە يادرو كىسلاتاسىنىڭ مالىكۇلا قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، زامانىۋىي بىئولوگىيەگە ئاساس سالدى.

    (9) بۇراۋېن.
    دەۋرىمىزدىكى ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىغا ئاساس سالغۇچى.

    (10) ۋون نومان
    كومپىيوتىر نەزىرىيەسىگە ئەڭ زور تۆھپە قوشقان ئالىم.


    (11) كيورى خانىم(1867-1934)
    رادىئوئاكتىپلىق تەتقىقاتقا زور تۆھپە قوشتى ۋە زور تەسىر كۆرسەتتى.
    فرانسىيىلىك بۈيۈك فىزىكا، خىمىيە ئالىمى كيۇرى خانىم دۇنيادىكى بىردىن-بىر ئىككى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئايال ئالىم.


    (12) بېل گايتىس.
    20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە دۇنياغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن يۇمشاق دىتال مۇتەخەسسىسى.

    (13) ماكىس پىلانىك(1858-1947)
    كۋانت نەزىرىيەسىنى تۇنجى قىتىم ئوتتورىغا قويۇپ، كۋانت مىخانىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى.

    (14) ۋېگنا.
    20-ئەسىردىكى يەر شارى ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى.

    (15) ھاركون.
    تىلىگىراف، خەۋەرلىشىش ئىشلىرىغا ئاساس سالغۇچى.

    (16) خابېر.
    زامانىۋىي ئاسترونومىيەگە ئاساس سالغۇچى.

    (17) گىرمانىيە فىزىكا ئالىمى ۋېلىيام رىنتىگىن(1845-1923)
    ئۇ رېنتىگىن نۇرىنى بايقىغان. بۇ نۇر 20-ئەسىردە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى. رىنتىگىن مۇشۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 1901-يىلى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن


    (18) چيەن شۆسىن(1911-2009)
    جۇڭگۇنىڭ ئالەم قاتنىشى تىخنىكىسىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى. دۆلەتكە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئالىم.
    چيەن شۆسىن 1911-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى شاڭخەيدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۈچ يېشىدا دادىسىغا ئەگىشىپ، بېيجىڭغا كەلگەن. ئالىي مەكتەپنى شاڭخەي قاتناش ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ماشىنىسازلىق كەسپىدە ئوقۇغان. 1939-يىلى ئامېرىكىدا ئاۋىئاتسىيە ۋە ماتىماتىكا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئامېرىكىدا ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات جەريانىدا، چيەن شۆسىن باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تاماملىغان «يىراق مۇساپىلىق راكىتانى باھالاش ۋە دەسلەپكى قەدەمدىكى تەھلىلى»-باشقۇرۇلۇدىغان بومبا ۋە ئالەمنى تەكشۈرۈدىغان راكىتا نەزىرىيىسىگە ئاساس سالدى. 1939-يىلى ئامېرىكا ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەنلەر ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاۋىئاتسىيە كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1955-يىلى، چيەن شۆسىننىڭ ۋەتەنگە قايتىشى زۇڭلى جۇ ئېنلەينىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۆزى شەخسەن ئالدىغا چىقىشىغا ئېرىشكەن. 1956-يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1957-يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تەبىئىي پەنلەر 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋاپات بولغان.


    (19) گوتال.
    ماتىماتىكا ۋە پەلسەپەگە تۈپ تەسىر كۆرسەتكەن ئادەم.


    (20) فروئېد(1856-1939)
    پىسخىلوگىيە ساھەسىدە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ئادەم.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»نىڭ 2001-يىل 4-سىنتەبىر سانى.
    تورغا تولۇقلاپ تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: