版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34445952.html

    خورازنى تىللىماڭلار

          
    رەسۇلۇللا مۇنداق دىگەن:
          خورازنى تىللىماڭلار، چۈنكى ئۇ نامازغا ئويغۇتىدۇ. (185-بەت)

    مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ:
          يالغان سۆزلەش،
          ۋەدىسىدە تۇرماسلىق،
          ئامانەتكە خىيانەت قىلىش. (2-بەت)

    ئۈممەتلىرىم ئۈچۈن ئەڭ قاتتىق قورققان تەرەپلىرىم:
          قوساق سېلىپ سەمرىش،
          كۆپ ئۇخلاش،
          ھورۇنلۇق،
          ئېتىقادى سۇسلىشىپ كېتىشتۇر. (11-بەت)

    تۆت خىل ئادەملەرنى ئاللاھ يامان كۆرىدۇ:
    (بۇلار)
           قەسەمخور سودىگەر،
           تەكەببۇر كەمبەغەل،
           زىناخور قىرى،
           زالىم پادىشاھ. (20-بەت)

    گۇناھنىڭ چوڭى:
          ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈش،
          ناھەق قان تۆكۈش،
          ئاتا - ئانىغا ۋاپاسىزلىق قىلىش،
          يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتۇر. (29-بەت)

    ئايال دىيانىتى ياكى مال - دۇنياسى ياكى بولمىسا جامالى ئۈچۈن نىكاھ قىلىنىدۇ.
    سەن دىيانەتلىكنى تاللىغىن. بەرىكەت تاپىسەن. (40-بەت)

    ئىمان بىلەن ئەمەل بىر - بىرىگە ناھايىتى يېقىندۇر.
    ئۇلار بىرى بىرىسىز دۇرۇس ئەمەس. (60-بەت)

    ھالالمۇ، ھاراممۇ روشەن بولدى.
    قايسى نەرسە سېنى شۇبھىلەندۈرسە ئۇنى قويۇپ، شۇبھىسىزىنى تاللا. (81-بەت)

    دىن - نەسىھەتتىن ئىبارەت. (91-بەت)

    مۇلايىملىق - ھېكمەتنىڭ بېشىدۇر. (94-بەت)

    زىناخورلۇق - پېقىرلىق كەلتۈرىدۇ. (95-بەت)

    سەپەر قىلىڭلار، ساغلام بولىسىلەر. (96-بەت)

    تاڭ سەھەردىكى ئۇيقۇ - رىسقىنى قىسقارتىدۇ. (102-بەت)

    مۆئمىن كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا ئۇرۇش قىلىشى - كۇپرىدۇر.
    تىللىشىشلىرى بولسا - پاسىقلىقتۇر.
    ئىككى مۆئمىن(مۇسۇلمان)نىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەتتە يۈرۈشى دۇرۇس ئەمەس. (114-بەت)

    ئاللاھنىڭ نەزىرىدە توغرا سۆزدىن ئارتۇقراق سەدىقە يوقتۇر. (135-بەت)

    ****************************************
    مەنبە: «سەھىھ ھەدىسلەر» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىل 11-ئاي نەشرى
    تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي. باشقا توربەتكە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ

    ****************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: