版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/228744621.html

    غېرىبلارغا مۇبارەك


      كۆپ ئادەمنىڭ بىر نەرسىگە ئەگەشكەنلىكى شۇ نەرسىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. دىيانەت كېمەيگەن، ئىلىم سۇسلاشقان، ئىش ئەھلى بولمىغانلار تۆرگە ئۆتكەن ۋاقىتتا ئۆزۈڭگە تەۋە روھىي ئالەمگە قايت. غېرىبلىققا يۈز تۇتقان بۇرادەرلىرىڭنى زىيارەت قىل. مۇبادا بارچە كىشى ھەقىقەتكە قارشى جەم بولغان تەقدىردە يالغۇز ھالەتتە ھەقىقەتنىڭ تۇغىنى تۇتۇپ تۇرغىنكى، مۇرەسسە قىلما. دىللار غېرىب بولغان ۋاقىت كەلدى. قەلب چوڭقۇرلىرىڭغا چۆكۈپ ئىلاھىي ھەقىقەتلەرنى تەپەككۇر قىلغىن، ياراتقۇچىغا بولغان چەكسىز ئىشەنچ كىشىلەردىن چەككەن ئەزىيەتلىرىڭنى توزان كەبى ئۇچۇرۇپ كەتكەي.
    غېرىبلىق… غېرىبلىق… كىشىلەر ياراتقۇچىنى ئۇنتۇشقان دەۋردە مۇقەددەس كالامىمىزنى تىلاۋەت قىلغان ئادەم غېرىب، دەتالاش قىلىنغان جايدا شەرىئەت غېرىب، تەقۋا ئەر ھازازۇل ئايال ئالدىدا غېرىب، ﷲ يولىدا تەۋەككۇل قىلغۇچى مەئىشەت قىلغۇچىلار ئارىسىدا غېرىب. ئۆكۈنمە، ئەي مۆئمىن. غېرىب بولغان سەنلا ئەمەسسەن. كىشىلەر ئارىسىدا شەيتان باشلىق بولغان چاغدا ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەلەم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
    پەيغەمبەرلىك ئاخىرلاشتى. ئەمدى سەن مۇقەددەس بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىسەن ياكى كاپىر پېتى مەڭگۈلۈك ئوتقا كىرىسەن. ئۆزرەڭنى قوي. ياراتقۇچى بەرگەن رىزىقنى يەپ تۇرۇپ ياراتقۇچىغا توزكور بولغانلىقىڭنى ئۇنتۇما. قۇرداشلىرىڭ «ئوينا» دەيدۇ. قاپقاراڭغۇ گۆر سېنى «ئويلان» دەيدۇ. شەيتان ۋە ئادەم سۈرەتلىك شەيتانلارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بارچە گۇناھلارنى ئەيمەنمەي بېجىرىسەن، «سەن تېخى ياش، قېرىغاندا قىلىۋال ئىبادەتنى» دەيدۇ، شەيتان قۇلىقىڭ تۈۋىدە. ياشلىقتا، ئەقلىڭ ئۆتكۈر چاغدا شەيتان قوشۇننىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كەتتىڭ، ياشلىق كۈچۈڭنى گۇناھ كوچىلىرىدا خوراتتىڭ. مانا، قېرىغاندا بەللىرىڭ، بويۇنلىرىڭ قاتقاندا سەجدىلىرىڭ قولاشمىدى، ئاغزىڭ مۇبارەك كەلىمىلەرگە كەلمىدى. تەۋبىسىز كەتتىڭ، ئەي بەختسىز ئىنسان. قەبرىدە يېتىپ تۇرۇپ، ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىۋاتامسەن؟ ھالبۇكى بۇ سەن ھايات چاغدا ئىنكار قىلىنغان ھەقىقەتلەر ئىدى. 60-70 يىللىق ئۆمۈر خۇددى بىر كېچە-كۈندۈزدەكلا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ھاياتلىق ھارۋاڭغا ياخشى ئەمەل قاچىلاشنى ئۇنۇتتۇڭ. مەھەللەڭدە ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشتا ئاتامان ئىدىڭ. ئۆسۈم يەيتتىڭ. ھاراقنى ﷲنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئىچەتتىڭ، قانچە قىزنىڭ ئىپپىتىنى بۇزغىنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى تۆھپىلىرىڭ سۈپىتىدە سېنى پەخىرلەندۈرەتتى. سۈننەتنى تىرىلدۈرۈپ، ساقال قويغانلارنى ھاقارەت قىلاتتىڭ. ﷲنىڭ ئىلمىنى ئۈگەنگەنلەرنى چاقاتتىڭ. يىلان- چايانلارنىڭ غىزاسىغا ئايلىنىۋاتقان چاغلىرىڭدا «يا ھەسرىتا، تۇپراق بولۇپ كەتسەمچۇ، ئىسىت» دېگەنسەن.
    سەن ئازدۇرغان ئاشۇ تىرىكلەر يەنىلا گۇناھىنى داۋام قىلماقتا. سەن باشلىغان خاتا يولغا ماڭغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بىر ئۈلۈش گۇناھىنىڭ ئۈستۈڭگە يۈكلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىڭمۇ؟ ياق، سەن كىچىك قىيامەت بولغان قەبرە ھاياتىڭنى ئۆتكۈزۈپ بولغىنىڭدا، مەھشەردىن ئىبارەت تېخىمۇ دەھشەت بىر قىيامەتنى كۆرىسەن. جەھەننەمنىڭ مۇئەككەل پەرىشتىلىرى كۈچلۈك قوللىرى بىلەن ئوتقا سۆرىگەندە خۈنۈك كۆزلىرىڭ بىلەن مۆئىمىنلەرنىڭ، سەن مەسخىرە قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ كەڭلىكى ئاسمان- زىمىنچە كېلىدىغان جەننەتلەرگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپمۇ قالارسەن. ئۇلۇغ ﷲنىڭ كالامى، پەيغەمبەر سۈننىتى كۆز ئالدىڭدا تۇرۇپ ھەقىقەتنى تونىيالمىغىنىڭ ئۈچۈن ئەمدى باشقىلارغا مالامەت قىلالمايسەن. ئەي ئۆز-ئۆزىنى خارلىققا تاشلىغۇچى ئازغۇن ئىنسان!
    قەلب قاتلاملىرىدىن تەۋبە ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ئەي مۇسلىمە! ئۆكۈنمە، يات ئەركەكنىڭ كۆزلىرىدىن خالىي بولۇش ئۈچۈن، پەقەت ﷲتىنلا قورقۇپ تۇرۇپ تومۇز ئىسسىقتا كەيگەن ھىجابلىرىڭغا! كىشىلەردىن، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىڭدىن چەككەن ئەزىيەتلىرىڭ ئۈچۈن قىيامەت كۈنى بۈيۈك سوۋغىغا ئېرىشىسەن. خالىيدا ﷲتىن قورقۇپ ياش تۆككىنىڭنى ئۇ كىشىلەر نەدىن بىلسۇن؟! قوللىرىڭ دۇئادا، قۇرداشلىرىڭ دىبادا. ئاشۇ چۆيۈندەك مەزمۇت ئىمان بىلەن ياشىغىنىڭ، قورساق باقتىلىرىنىڭ ئارىسىدا ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغىنىڭ ئۈچۈن ﷲنىڭ رەھمىتى بولسۇن. سېنى مەسخىرە قىلىشقانلار ئالدىراشمىسۇنكى، ئەتە-ئۈگۈن مەسخىرە نۆۋىتى ساڭا كېلىدۇ.
    بەدەنلىرى ئەرەبىستاننىڭ چوغدەك قىززىق قۇملىرىدا كۆيۈپ، ياغلىرى پىژىلداپ ئېقىپ تۇرۇپمۇ ئىمانىدىن قايتمىغان ئەممار ياسىر ئائىلىسى، ئاچلىقىدىن تاشنى قورساقلىرىغا تېڭىپ يۈرگەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە بۈيۈك ساھابىلەرنىڭ سىماسىنى ئەستىن چىقارما ئەي ھەمشىرەم! ئىمانسىزلارنىڭ ئېسىل قەسىرلىرى، باغلام-باغلام پۇللىرى كۆزلىرىڭنى ئالىچەكمەن قىلمىسۇن. ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى ئازغىنە مەئىشەتلىرى ھامىنى ئاياغلىشىدۇ. قىيامەت كۈنىدىكى بۈيۈك ھېساب كۈنىدە يۈزلىرى تولۇنئايدەك پارقىراپ تۇرغان سائادەتمەنلەردىن بولغىنكى، ئەتراپىڭدىكى ئادىمىي شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە ئالدىنىپ، ئۇ دۇنيالىق ھاياتىڭنى نابۇت قىلمىغىن. ھەقىقەتكە يېقىنلىشىۋىدىڭ، قەۋمى قېرىنداشلىرىڭمۇ دۈشمەنگە ئايلاندى. لىچەكلىرىڭ تىقىپ قويۇلدى. كەينىڭدىن پىتنىلەر توقۇلدى. بۇ سىناقلار نېمە ئىدى قېرىندىشىم؟! تەنلىرى ھەرىدەلگەن، قانلىرى تۇپراقنى سۆيگەن شەھىدلەر ئۇچرىغان قىسمەتلەر ئالدىدا ئاغزاكى ھاقارەتلەر نېمە ئىدى؟ پەيغەمبەرلەرنىڭ سەئىدى بولغان سۆيۈملۈك مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرگە مۇپتىلا بولغان. بېشىغا تۆگىنىڭ قېرىنى ئارتىپ قويۇلغان، ئوھۇد غازىتىدا چىشلىرى تۆكۈلگەن، مۇشرىكلار شېئىرلار توقۇپ مەسخىرە قىلىشقان. لېكىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوڭ قولىغا ئاينى، سول قولىغا قوياشنى بەرگەن تەقدىردىمۇ دەۋەتتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان، مۆئىمىنلەر ئىماندىن تەۋرەنمىگەن. شۇڭا دەيمەن، سەن ھەق ئۈستىدىسەن ئەي مۇسلىمە…ھەرگىز قايتما، بىلگىنكى ئۇلار سېنى ئازدۇرۇشنىلا خالايدۇ.
    كۆپلىگەن كىشىنىڭ بىر مەۋقە ئاساسىدا بىرلەشكەنلىكى ئۇ ئىشنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئېسىڭدە بولسۇنكى، قۇرەيش مۇشرىكلىرىغا ھەم نۇرغۇن كىشىلەر ئەگەشكەن. تارىختا تالاي ئىنسانلار بۇزۇق ئەقىدە ئاساسىدا بىرلەشكەن. ئۇلارنىڭ سالغان قەسىرلىرىنىڭ خارابىلىرى ئىبرەت سۈپىتىدە كېيىنكىلەرگە قالدى. كۈچلۈك، چىرايلىق قامەتلىرى جەھەننەمگە ئوتۇن بولۇشتىن باشقىغا يارىمىدى. ھېلىھەم تالاي كىشىلەرنىڭ ئاللىقانداق ئازغۇن پىكىرلەر قورشاۋىدا جاھىلانە تىركىشىپ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەق ئۈستىدە ، دەپ ئويلايدۇ. دىللىرى پەردىلەنگەن كىشىلەر غادىيىپ يۈرۈشمەكتە. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرى، ئەمەللىرى بىلەن خۇشال. مۆئىمىنلەرنىڭ ئاجىز، غېرىب ھالىتى ئۇلارنى بەكمۇ ھاياجانغا سالماقتا. ئۇلارنىڭ ھېيلە- مىكىرلىرىگە ﷲ كۇپايە، ﷲ نېمە دېگەن ياخشى ھامىي! ۋاھالەنكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى بىلمەيدۇ.
    سەن غېرىبسەن، ئىسلام غېرىبلىقتىن باشلانغان، يەنە غېرىبلىققا قايتماقتا. سىناق دۇنيادا تۈرلۈك قىسمەتلەر بېشىڭنى ئەگىپ تۇرماقتا. ئاتا-ئاناڭ سېنى خىزمەتچى قىلىپ، ئابرويلۇق بىر ئەرگە بەرمەكچى، بىراق، سەن ﷲ يولىدا خىزمەت قىلىپ ﷲنىڭ رىزاسىغا ئېرىشمەكچى. دىللار نېمە دېگەن پەرقلىق-ھە! ئىسمى مۇسۇلمانچە قويۇلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزىنى مۇسۇلمان ساناپ يۈرگەن تالاي كىشى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ﷲنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىشماقتا. بېزىلىۋاتقان ئۆيلەر، تاشلىنىۋاتقان ئاتا-ئانىلار، كىچىك تۇرۇپ تۇغۇپ قويغان قىزلار، پاھىشە-زىنالار، ئىچىلىۋاتقان ئىچىملىكلەر، ئاينىپ كەتكەن بىدئەتلەر قىيامەتنىڭ بىز تەرەپكە سۈرۈلۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشارە قىلماقتا. بېقىشتىن قېچىپ ساناتورىيىلەرگە ئاپىرىۋېتىلگەن ئاتا-ئانىلار، ئۈزۈلمەس قاتار چايلار، ئىنسانغا سەجدە قىلىشلار، شېرىك ئەقىدىلەر قەۋمنىڭ بەختسىزلىكى. تەپەككۇر تاشلانغان ، ئىبرەت كۆزلەر توسۇلغان، دۇنيالىق پاراڭلار ئاۋۇپ كەتكەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قىيامەت يېقىنلاشقاندا مۆئىمىنلەرنىڭ كۆپۈككە ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى، دۇنيانى ياخشى كۆرۈپ، ئۆلۈمدىن قورقىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. ساھابىلەر نەفسىنى بويسۇندۇرۇپ ئۆتكەن بولسا، بىز نەفسىمىزگە قۇل بولماقتىمىز. ئۆز ئەھۋالىمىزنى ياخشىلىماي تۇرۇپ رەببىمىزدىن ياردەم كۈتمەيلى. پىچاق غىلاپقا قايتقاندەك ئەھلى ئىسلام ھەق ئۈستىگە قايتماي تۇرۇپ، نىجاتلىق يوقتۇر.
    پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر تال خۇرما چاغلىق نەرسە سەدىقە قىلىپ بولسىمۇ جەھەننەمدىن ساقلىنىشقا چاقىرغان ئىدى. ئاۋۇ كوچىدىكى پەقىر كىشىنى كۆردۈڭمۇ، سەن يەۋاتقان يۇقىرى ئاقسىللىق غىزادا ئاشۇ مىسكىننىڭ ھەققى بار. كىيىمى يىرتىلغان يوقسۇل ئەمەلىيەتتە ﷲتائالانىڭ ساڭا ئەۋەتكەن نېئمىتى. سەن شۇلارنى كىيىندۈرۈش ئارقىلىق ئەجىرگە ئېرىشىسەن. داڭلىق ماركىلىق كىيىملىرىڭ قىيامەت كۈنى كىيىشكە يارىمايدۇ. بەدىنىڭ يۆگەلگۈدەك كىيىم، ئاران قورسىقىڭ تويغۇدەك غىزا، بېشىڭنى تىقىپ ئولتۇرغۇدەكلا بىر ئۆيدىن باشقا بارلىق نېئمەتتىن سۇئال قىلىنىسەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاۋۇ ئەركىلىتىپ ئولتۇرغان بالاڭدىن، قەلەمقاش ئايالىڭدىن
    ، ھەتتا جېنىڭدىنمۇ ئەزىز كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟ ياق، سەن، مەن، ئاۋۇ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىۋاتقان كىشىلەر بۇنىڭغا ئىمانىمىزنى تەكشۈرۈپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىپ باقايلى. نامازلاردا ئىخلاس يوق. سۈرە فاتىھەدە يىغلاپ باقتىڭمۇ؟ ساھابىلەر ھاياتىنى ئوقۇپ ۋۇجۇدۇڭ قاتتىق قاتتىق سىلكىندىمۇ؟ ياق.
    غېرىبلارغا سالاملار بولسۇن. ئۇلار ئىنتايىن ئاز ساندىدۇر. ئۇلار پىتنە ئاينىغان زاماندىمۇ ئىمانىدا بەقەرار تۇرالىغان، دەۋاسىدا راستچىل كىشىلەردۇر. ئۇلار رېستۇرانلارغا چاقىرىلمايدۇ. ئابرويلۇق بايلارنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولالمايدۇ. ئۇلارنىڭ باشلىق تۇغقىنى يوق. چۈنكى، ئۇلار ياردەمنى پەقەت ﷲتىنلا كۈتىدۇ.
    غېرىب بولغىنكى، زالىم بولما. مۇسىبەتلەر كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئىمانىڭدىن ئەنسىرە. ﷲنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭ جازاسىنى قىيامەت كۈنىگە يىغىپ قويۇشىدىن ھەزەر قىل. سەن ھاياتسەن، غېرىبلاردىن بول. روھىڭ غېرىبلىق دەشتلىرىدە ﷲنىڭ مۆجىزىلىرىنى تەپەككۇر قىلىش بىلەن پارلاقلىققا يەتكەي.
    غېرىبلارغا سالاملار بولسۇن. ئۇلار ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغۇچىلار. ئۇلار مالامەت قىلغۇچىلارنىڭ مالامەتلىرىدىن خاتىرجەم ھالدا ﷲنىڭ زىكرى قىلىش بىلەن قەلبى ئارام تاپقان كىشىلەر. ماۋۇ مەنىسىز كۈلۈپ يۈرگەن كىشىلەردىن چېگرا ئايرىغىن. ئاچچىق كۈلگىنكى، ماڭقۇرتلارچە كۈلمە. كۈلكە قەلبنى ئۆلتۈرىدۇ. ﷲنىڭ ئامانىتى بولغان پەرزەنتلىرىڭ، تېخىچە ئەۋرىتىنى ئېچىپ يۈرگەن ئايالىڭ، ھەمشىرىلىرىڭنى ھەقىقەتكە چاقىرىش قاچالمايدىغان بۇرچۇڭ، سەن بۇ ئىشلاردىن سوراق قىلىنماي قالمايسەن.
    غېرىبلارغا سالاملار بولسۇن. ئۇلارنى دوست تۇتقىن. ئۇلارنىڭ غېرىب كۈلبىلىرىگە ﷲنىڭ بەركىتى چۈشىدۇ. ئۇلار ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقان ئەمەللىرى ئارقىلىق، ﷲنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد كۈتۈپ ياشايدۇ. ئۇلار گۆشسىز غىزا يېسىمۇ يۈزلىرى ئىماننىڭ تەسىرىدىن پارقىراپ تۇرىدۇ. ئۇلار چۈشكۈنلەشمەيدۇ. ئۇلار ھەر كۈنى ياتار چاغدا بىر كۈنلۈك قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھېسابىنى قىلىدۇ. ئۇلار تەھەججۇد نامىزىدا سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن يىغلاپ تۇرۇپ مەغفىرەت سورايدۇ. ئۇلار بىرسىنى ياخشى كۆرسە ﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ. يامان كۆرسە ﷲ ئۈچۈن يامان كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدە داڭلىق ماركىلىق بۇيۇملار يوق. لېكىن ئۇلارنىڭ تىللىرىدا قىيامەت كۈنىدە تارازىغا ئېغىر كېلىدىغان تەسبىھ، زىكىرلەر بار. ئۇلارغا ئۈزۈلمەس سالام ۋە ﷲنىڭ رەھمەتلىرى بولسۇنكى، قىيامەت كۈنىدىكى قىيىن مىنۇتلاردا بۈگۈنكى چەككەن ئەزىيەتلىرى ئۈچۈن بۈيۈك مۇكاپاتلارغا سازاۋەر بولغاي.

    مەنبە: بۇ ئەسەرنى دىلنۇر121 «تەپەككۈر تورى»دىن ئېلىپ، «بوزتاغ ئەدەبىيات مۇنبىرى»گە يوللىغان
    ★★★★★
    http://www.boztagh.com/munber/forum.php?mod=viewthread&tid=225
    ★★★★★


    «ئەرتۇك بلوگى»نىڭ ساھىبى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ھەققىدە


    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد 1974-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئاقيار يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1991-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1996-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ھازىرغىچە جۇڭگو ئىسلام ئىسلام جەمئىيىتى قارمىقىدىكى «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە ئىشلەپ كەلمەكتە.
    ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 1991-يىلدىن باشلاپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ھەر قايسى ئەدەبىي ژۇرناللاردا «لاي سۇ ئىچكەن جانلار، «قىيامەتلىك كېسەل»، «گۇناھ»، «كۆز يېشى ۋە ۋەھىمىگە تولغان كۈنلەر»، «بېيجىڭ ئادىمى» قاتارلىق ئون نەچچە پوۋېست، «چاقىرىش»، «يىراق سەھرادىكى يېڭى ھېكايە»، «مۇھەببەت» قاتارلىق يىگىرمە پارچىغا يېقىن ھېكايە، «تەكلىماكان ئوغلى»، «مىجىت قەلەم ۋە ئۇنىڭغا يۇشۇرۇنغان سىرلار»، «مۇھەببەتلىك ھايات» قاتارلىق ئەدەبىي ئاخبارات، «يازغۇچى ۋە ئىنسان تەبىئىتى»، «پروزا ئىجادىيىتىدىكى بىر قانچە مۇھىم روھىي ھالەت» قاتارلىق ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان. «لاي سۇ ئىچكەن جانلار» ناملىق پوۋېستى 1996-يىلى «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ۋە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرى توپلىمى»غا كىرگۈزۈلگەن. «مۇھەببەت» ناملىق ھېكايىسى 2006-يىللىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. 1999-يىلى ئۇنىڭ «جان ئوتى» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، 2005-يىلى «لاي سۇ ئىچكەن جانلار» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 2005-يىلى «ھەر كاللىدا ھەر خىيال» ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات، ئوبزورلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. يېقىندا يەنە يازغۇچىنىڭ «كۆپۈك» ناملىق تۇنجى رومانى نەشر قىلىنىپ كەڭ كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
    ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن سىرت ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللۇنۇپ، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈركىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ «يېڭى ھايات» ناملىق رومانىنى تۈرۈكچىدىن تەرجىمە قىلغان. بۇ رومان 2008-يىلى 7-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
    ئەنۋەر مۇھەممەد 2004-يىلدىن بۇيان «ئەرتۈرك»((Erturk تەخەللۇسى بىلەن  تور ئەدەبىياتىدىمۇ بەلگىلىك نەتىجىلەر قازانغان ياش يازغۇچى بولۇپ، تور بېكەتلىرىدە ھەر خىل تېما ۋە ژانىردا  50 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر  ئېلان قىلغان، «مودىدىن قالمايدىغان سالام خەت»، «ئۈچ كۈنلۈك مۇھەببەت»، «ئاق شامال»، «تالىپ بىلەن راھىپ» قاتارلىق ھېكايىلىرى، «سېرىق كۈنلەر»، «ئورۇق بەدەن، سېمىز ھېسسىيات»، «مەن سېنىڭ داداڭ» قاتارلىق پوۋېستلىرى، «ئىككى ھەرەم خاتىرىسى» قاتارلىق يازمىلىرى ئالاھىدە ئالقىشلانغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ توردا ئېلان قىلغان «زىنا ئالدىدا تۇرغان قىز» ناملىق رومانىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 250 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ھەمدە توردا 20 قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ تارقىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن، بەس-مۇنازىرە قوزغىغان ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدىكى بىر نامايەندە ھېسابلىنىدۇ.
      «ئەرتۈرك بىلوگى»نىڭ ئادرىسى:
    http://www.tepekkur.com/index.php/archives/779.html
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: