版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/228744059.html

    ئۈستەل يەنىلا ئۈستەلدۇر


    بوتتىر بىسىلى (فىرانسىيە)
    ھۈسەيىن تاش تەرجىمىسى



    ★★★★★
    ھۈسەيىن تاش 1966-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1989-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچى 1-ئاۋغۇست پولات زاۋۇتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان ۋە «شىنجاڭ پولات-تۆمۈر گېزىتى»دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.
    ھۈسەيىن تاشنىڭ ۋەكىللىك ھىكايە-پوۋىستلىرىدىن: «ئاق كىيىملىك پەرىزات»، «كۆلەڭگە»، «سېختىكى ئىشلار»، «قاباھەتلىك چۈش»، «يىرگىنىش»، «ئۈرۈمچىنىڭ جىلۋىسى»، «روھنىڭ قۇدرىتى»، «يىلان يىللىق قىز»، «سەۋدايىلار شەھرى»، «جىن باسقان مەھەللە»، «ئاجرىشىش خىتابنامىسى»، «چىڭقى چۈشتىكى مۇھەببەت»، «ئۈرۈمچىنىڭ چۈشى» قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇ ھايات ۋاقتىدا «ئۈرۈمچىنىڭ چۈشى» ۋە «سەۋدايىلار شەھىرى» ناملىق ھىكايەتلەر توپلاملىرى نەشر قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ بىر پارچە رومانى مىللەتلەر نەشىرىياتىغا تاپشۇرۇلغان بولسىمۇ، تېخى نەشىر قىلىنمىغان ئىدى.
    ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ھىكايە-پوۋېستلىرى بىلەن ئەدەبىيات ئىخلاسمەنلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان تالانتلىق يازغۇچى ھۈسەيىن تاش 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەر سائەت ئىككىدە راك كېسەللىكى بىلەن قازا قىلدى ۋە باگاڭ مەسچىدىدە پېشىن ۋاقتىدا نامىزى چۈشۈرۈلۇپ، ئۈرۈمچى گۈلساي قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. 
    ★★★★★





    ئۈستەل يەنىلا ئۈستەلدۇر


    بوتتىر بىسىلى (فىرانسىيە)
    ھۈسەيىن تاش تەرجىمىسى



    مەن سىلەرگە بىر بوۋاي ھەققىدە ھېكايە ئېيتىپ بەرمەكچى. ئۇ باشقىلارغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدىغان، روھى ھالىتى شۇ قەدەر سۇلغۇن، نە كۈلۈشنى، نە ئاچچىقلىنىشنى بىلمەيدىغاندەك كۆرۈنىدىغان بوۋاي ئىدى.
    ئۆيى بىر كىچىك بازارنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدىكى دوقمۇش بويىغا جايلاشقان بولوپ، ئۇنىڭ شىلەپىسى، ئىشتان – چاپىنى، ھەتتا قىش كۈنلىرى كىيىدىغان پاختىلىق چاپىنىمۇ كۈلرەڭدە ئىدى. يول يۈرگەندە ئاق كۆڭلەكتىن چىقىپ تۇرغان ئوروق پاتىڭىنى گىلدىڭلىتىپ ماڭاتتى.
    ئۇنىڭ ئۆيى بىنانىڭ ئەڭ يۇقىرى قەۋىتىدە ئىدى. بەلكىم ئۇ بۇرۇن تويمۇ قىلغان، پەرزەنىتلىكمۇ بولغان، ھەتتا باشقە شەھەرلەرگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپمۇ باققاندۇر. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ باشقىلارغا ئوخشاشلا بالىلىق دەۋرىمۇ بولغان. ئەمما، ئۇ مەزگىلدىكى بالىلار خۇددى چوڭ ئادەملەردەك كىيىنىپ يۈرىشەتتى. بۇنى مومىسىنىڭ ئەلبۇمىدىكى ئۇنىڭ بالا ۋاقتىدا چۈشكەن سۈرىتىگە قاراپ بىلىۋالغىلى بولاتتى. ئۆيىدە بار-يوقى ئىككى ئورۇندۇق، بىر ئۈستەل، بىر پارچە گىلەم، بىر كارىۋات، بىر كىيىم ئىشكابى تۇراتتى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر كىچىك ئۈستەلگە قوڭغۇراقلىق سائەت، كونا گىزىت، ئەلبۇم قاتارلىق نەرسىلەرمۇ قويۇلغانىدى. تامغا سىن ئەينەكتىن بىرسى ۋە بىر پارچە پورتىرىت رەسىم ئېسىقلىق ئىدى.
    بوۋاي چۈشتىن بۇرۇنقى ۋە چۈشتىن كىيىنكى ۋاقتىنى كوچا ئايلىنىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. بەزىدە، قوشنىلىرى بىلەن ئاندا-ساندا پاراڭلىشىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولاتتى.ئۇ، كەچقۇرۇنلىرى بولسا ئۈستەل ئالدىدا باش-ئاخىرى يوق خىياللارنى سۈرۈپ ئولتۇرۇش بىلەن ئۆتەتتى.
    كۈنلەر بىر خىل تەرىزدە، ھەتتا يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ شۇنداق پەرقسىزئۆتەتتى. ئۇ ھەر قېتىم ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرغاندا قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ چىك-چاك، چىك-چاك قىلىپ ماڭغان ئاۋازىنى ئاڭلايتى. سائەتنىڭ توختاۋسىز چىكىلدىغان ئاۋازى، مەڭگۈلۈك ئاۋازى…
    بىراق، مەلۇم بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان، باشقىچە بىر كۈن بولدى. ئاسماندا قۇياش بۆلەكچىلا پارلاپ تۇراتتى، ھاۋا تولىمۇ ئىللىق ئىدى.قۇشلار بەس-بەستە سايراپ نەغمە –ناۋا قىلىشاتتى. ئادەملەرمۇ ئۇنىڭغا شۇ قەدەر يېقىملىق ھەم مېھرىبان كۆرىنەتتى. بالىلار شوخلۇقتىن بىر- بىرىنى قوغلىشىپ ئوينايتى. بۈگۈن راستىنلا ئالاھىدە بىر كۈن بولدى. بوۋاينى ھەممە نەرسە خۇشال قىلىۋەتكەنىدى. ئۇ ھوزۇرلىنىپ كۈلدى.
    «ھازىردىن باشلاپ ھەممە نەرسىسى ئۆزگىرىدىغان بولدى»، ئۇ شۇنداق ئويلايتى. ئۇ شادلىقتىن چاپىنىنىڭ تۈگمىلىرىنى ئېچىۋىتىپ، شىلەپىسىنى قولغا ئېلىۋالدى. قەدەملىرىنى تېزلىتىپ سەكرەپ-ئويناقلاپ دىگۈدەك ماڭدى.شۇ مىنۇتلاردا ئۇ ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك قىلاتتى. ئۇ كوچىنىڭ ئېغىزىغا كەلگەندە، باشقىلارغا يېقىنچىلىق قىلىپ بېشىنى لىڭىشىتىپمۇ قويدى. ئاندىن ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ يانچۇقىدىن ئاچىقۇچنى ئېلىپ ئىشىكنى ئاچتى.
    ھالبۇكى، ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى قىلچە ئۆزگەرمەستىن بۇرۇنقى پېتىچە تۇراتتى. بىر ئۈستەل، ئىككى ئورۇندۇق، بىر كارىۋات…
    ئۇ، ئولتۇردى. يەنىلا سائەتنىڭ چىكىلدىغان ئاۋازى… ئۆيدىكى ھېچقانداق نەرسىنىڭ ئۆزگەرمىگىنىنى كۆرۈپ چىرايىدىكى خۇشاللىق ئورنىغا غەزەپ ئالماشتى.
    ئۇ ئەينەكتىن قاپاقلىرىنىڭ چۈشۈپ، چىرايىنىڭ ئۆپكىدەپ ئېسىلىپ –قىزىرىپ كەتكىنىنى كۆردى.ئۇ بىردىن مۇشتۇملىرىنى چىڭ تۈگدى-دە، گۈممىدە ئۇردى، ئاندىن ئارقا ئارقىدىن ئۇلاپ بىر نەچچىنى گۈمبۇرلىتىپ مۇشىتلىغان ھالدا :« بۇلار ئۆزگىرىشى كېرەك، چوقۇم ئۆزگىرىشى كېرەك !» دەپ ۋارقىراپ كەتتى. ئۇنىڭ ۋارقىراپ-جارقىراشلىرى، تاراق-تۇرۇقلىرى دەسلەپتە سائەتنىڭ چىكىلدىغان ئاۋازىنى بېسىپ كەتتى، قولى ئاغرىپ بولالمىغاندىلا مۇشىتلاشتىن توختىغانىدى، يەنە سائەتنىڭ چىكىلداشلىرى ئاڭلاندى ئۆيدىكى ھېچقانداق نەرسە ئۆزگەرمەي شۇ پېتى تۇراتتى.
    --يەنە شۇ ئۈستەل، يەنە شۇ ئورۇندۇق، -- دىدى بوۋاي، -- يەنە شۇ كارىۋات. شۇنداق تۇرۇقلۇق زادى نېمىشقا ئۈستەلنى ئۈستەل، رەسىمنى رەسىم، كارىۋاتنى كارىۋات دەپ ئاتاۋېرىمەن ؟ ئىنگىلىز تىلىدا كارىۋات « »، ئۈستەل « »، رەسىم « »، ئورۇندۇق« » دېيىلىدۇ. كىشىلەر ھەتتا جوڭگولۇقلارمۇ بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەلەيدۇ.
    «كارىۋاتنى نېمىشقا رەسىم دەپ ئاتاشمايدۇ ؟…» دەپ ئويلىدى بوۋاي.
    ئۇ بىردىنلا ئەقىل تاپقاندەك چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى، ئاندىن قاقاھلاپ بولىشىغا كۈلدى. ئۇ كۈلەتتى، توختىماي كۈلەتتى. ئاخىر قوشنىسى چىدىماي تامنى ئۇرۇپ ۋارقىراشقا مەجبۇر بولدى :
    --ھوي، ئۆزىڭىزنى تۇتىۋالسىزڭىزچۇ!
    --ئەمدى ئۆزگىرىش بولىدىغان بولدى، --ئۇ توختىماي توۋلايتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ كارىۋاتنى «رەسىم» دەپ ئاتىدى. «ھېرىپ ھالىمدىن كەتتىم، ئەمدى رەسىمگە ئۆزۈمنى تاشلاپ ئارام ئالاي»دىدى ئۇ.
    ئەتىسى ئەتىگەندە، ئۇ رەسىم ئۈستىدە يېتىپ، ئورۇندۇقنى نېمە دەپ ئاتاش توغرىسىدا ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن ئاخىر ئۇنى «سائەت» دەپ ئاتىدى.
    كىيىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى كىيىپ رەسىمدىن چۈشتى-دە، سائەتتە ئولتۇرۇپ، ئىككى جەينىگىنى ئۈستەلگە تىرىگىنىچە خىيالغا پاتتى. ئۈستەلنى ئەمدى ئۈستەل دەۋېرىشكە بولمايتى، شۇڭا «گىلەم» دەپ ئاتىدى. شۇنداق قىلىپ بوۋاي سەھەردە رەسىمدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى كىيگەن بولدى. سائەتتە ئولتۇرۇپ گىلەم ئالدىدا خىيال سۈرۈپ ئۆيدىكى ھەممە نەرسىگە ئىسىم قويۇپ چىقتى :
    كارىۋاتنى «رەسىم» دەپ ئاتىدى.
    ئۈستەلنى «گىلەم» دەپ ئاتىدى.
    ئورۇندۇقنى «سائەت» دەپ ئاتىدى.
    گېزىتنى «كارىۋات» دەپ ئاتىدى.
    ئەينەكنى « ئورۇندۇق» دەپ ئاتىدى.
    كىيىم ئىشكابىنى «گېزىت» دەپ ئاتىدى.
    رەسىمنى «ئۈستەل» دەپ ئاتىدى.
    ئەلبۇمنى «ئەينەك» دەپ ئاتىدى.
    شۇنداق بولغاندا، بوۋاي بىر كۈنى ئەتىگەندە يەنىلا رەسىم ئۈستىدە ياتقان بولاتتى. سائەت توققۇزدا ئەلبۇم جىرىڭلىدى.بوۋايئورنىدىن تۇرۇپ، پۇتىنىڭ توڭلاپ كەتنەسلىكى ئۈچۈن كىيىم ئىشكابىنىڭ ئۈستىگە قويىۋالدى، ئارقىدىن گېزىتتىن كىيىملىرىنى ئېلىپ كىيدى-دە، تامغا ئېسىقلىق ئورۇندۇققا قاراپ قويغاندىن كېيىن، گىلەم ئالدىدىكى سائەتتە ئولتۇرۇپ ئەينەكنى بىر باشتىن ئۆرۈپ-چۆرۈپ كۆرۈشكە باشلىدى، كۆرۈپ ئانىسىنىڭ ئۈستىلىگە كەلگەندە ئاندىن توختىدى.
    بۇ ئىش بوۋايغا تولىمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلدى. ئۇ كۈن بويى يېڭى- يېڭى ئىسىملارنى تېپىپ چىقتى. ئەمدى ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ بولدى. ئادەمنى «پۇت»، پۇتنى «ئەتىگەن»، ئەتىگەننى « ئادەم» دەپ ئاتىدى.
    ناۋادا بۇ ھېكايىنى سىلەرمۇ داۋاملاشتۇرۇپ باقساڭلار، بوۋايغا ئوخشاشلا نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىلەر. ھەتتا باشقا سۆزلەرنىڭ مەنىسىنىمۇ شۇ يوسۇندا ئۆزگەرىتكىلى بولىدۇ :
    سايراشنى -- قويۇش؛
    شامالداپ قېلىشنى -- تىكىلىپ قاراش؛
    يېتىشنى -- سايراش؛
    ئورنىدىن تۇرۇشنى -- شامالداپ قېلىش؛
    قويۇشنى -- ئوقۇپ چىقىش.
    شۇنداق ئۆزگەرتكەندە، مەلۇم بىر ئادەم، پۇت ئۆز رەسىمىنىڭ ئۈستىدە ياتاتتى، سائەت توققۇزدا ئەلبۇم قويۇشقا باشلىغاندا پۇت ئۆزىنى مۇزلىغاندەك ھېس قىلدى. شۇڭا ئۇ تىكىلىپ قاراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشكابنى ئپقۇپ چىقتى.
    بوۋاي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ئىشلىتىدىغان كۆك تاشلىق مەشىق دەپتىرىدىن بىرنى سېتىۋىلىپ، ئۇنى يېڭىدىن –يېڭى سۆزلەر بىلەن تولدۇرىۋەتتى. كوچىدا كىشىلەر ئۇچىراپ قالسا، ئۈگىنىۋالغان بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ ئىشلىتىشىگە يىتەرلىك ئىدى.
    بارا-بارا ئۇ بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىسمىنى يادقا ئېلىۋالدى، شۇنداقلا ئۇ شەيئىلەرنىڭ ئەسلىدىكى ئىسمىنى ئۇنتۇنشقا باشلىدى. ئۇ، ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ يېڭى تىل موھىتىدىلا ياشايتى، ئۆز تىلىنىڭ خىيالى دۇنياسىدا ئۈزۈپ يۈرەتتى. كېيىنچە ئۇ مەكتەپتە ئوقىۋاتقان مەزگىلىدە ئۆگىنىۋالغان ناخشىسىنىمۇ ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ پەس ئاۋازدا ئوقۇيدىغان بولىۋالدى.شۇغىنىسى ئۇ ئۇزاق ئۆتمەيلا سۆزلەرنى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىشتە قىينىلىپ قالدى. ئۇ، بۇرۇنقى سۆزلەرنى تامامەن ئۇنتۇپ قالغاندەكلا ئىدى. ئۇ كۆك تاشلىق مەشىق دەپتىرىدىكى سۆزلەرنىڭ ئەسلى مەنىسىنى ئىزلىمىسە بولمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئەمدىلىكتە ئۇ باشقىلار بىلەن سۆزلىشىشتىن قورقىدىغان، ھەتتا ئۆزىنى قاچۇرۇوپلا يۈرىدىغان بولوپ قالدى. بۇ، باشقىلارنىڭ بىرنەرسىلەرنى نىمەدەپ ئاتايدىغىنىنى بىلىش ئۈچۈن خىلى ئۇزاق باش قاتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى.
    ئۇ «رەسىم» دېگەننى باشقىلار «كارىۋات» دەپ ئاتايتى. ئۇ «گىلەم» دېگەننى باشقىلار «ئۈستەل» دەپ ئاتايتى. ئۇ« سائەت» دېگەننى باشقىلار «ئورۇندۇق» دەپ ئاتايتى. ئۇ «كارىۋات» دېگەننى باشقىلار «گېزىت» دەپ ئاتايتى. ئۇ «ئورۇندۇق» دىگەننى باشقىلار «ئەينەك» دەپ ئاتايتى. ئۇ «ئەلبۇم»دېگەننى باشقىلار «سائەت» دەپ ئاتايتى. ئۇ «گېزىت» دېگەننى باشقىلار «كىيىم ئىشكابى» دەپ ئاتايتى. ئۇ «كىيىم ئىشكابى» دېگەننى باشقىلار باشقىلار «رەسىم» دەپ ئاتايتى. ئۇ «ئەينەك» دېگەننى باشقىلار «ئەلبۇم» دەپ ئاتايتى. شۇڭلاشقا بۇ بوۋاي باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلايتى. «سىزچۇ، سىز ئەتىمۇ پۇتبول كۆرگىلى بارامسىز ؟»، «يامغۇر توختىمىغىلى ئىككى ئايدىن ئاشتى»، «مېنىڭ ئامرىكىدا بىر تاغام بار» دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىدا، ئۆزىنى تۇتالماي پاراقلاپ كۈلۈپ كېتەتتى. چۈنكى، ئۇ باشقىلارنىڭ نىمە دېيىشىۋاتقىنىنى زادىلا چۈشەنمەس بولۇپ قالغانىدى.
    شۇنداق، بۇ ئانچە قىزىقارلىق ھېكايىمۇ ئەمەس. چۈنكى بۇنىڭ باشلىنىشىمۇ، ئاخىرلىشىشىمۇ ئوخشاشلا ئېچىنارلىق.
    كۈلرەڭ پەشمەت كىيىۋالغان بوۋاي كىشىلەرنىڭ سۆزىنى چۈشەنمىسىمۇ چاغلىق گەپ، تېخىمۇ چاتاق يېرى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى چۈشەنمەيدىغان بولوپ قىلىشتى. ئۇنىڭ باشقىلارغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي يۈرۈشىنىڭ سەۋەبىمۇ ئەنە شۇ ۋەجىدىن ئىدى. ئۇ پەقەت ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلىشەتتى. باشقىلار بىلەن ئەھۋاللىشىپمۇ قويمايتى.

    (خەنزۇچە «چەتئەل پەلسەپىۋى ھېكايىلىرىدىن جەۋھەرلەر» دېگەن كىتابتىن ھۈسەيىن تاش تەرجىمە قىلدى.)
    ★★★★★
    http://www.boztagh.com/munber/forum.php?mod=viewthread&tid=92
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: