شائىرنىڭ يولى - [ئۇيغۇرغا نەزەر]
_べ Tag:ئەدەبىيات 2013年02月12日
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/228744212.html
شائىرنىڭ يولى
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
شېئىر ئەسلى تىم-تىم ئاققان جان ئىكەن،
نەپسىگە قارشى جىھاد، ئىسيان ئىكەن...
ئاق بېتى ئىمان، قۇرى ۋىجدان بىلەن،
ھەر ھەرف سۆيگۈ، سىياھى قان ئىكەن...
كۆرگىنىم چۈش، مۈلكى ئالەم ئۇيقۇدا،
تىن-نەپەستە ھال غېرىپ، ئۈلپەت رىيا.
ھەر قەدەم ئاھ ئىپتىدا، يوق ئىنتىھا...
ئەسلى ئىلھام قوزغىتار ئەزان ئىكەن...
ياندىشىپ باتىلغا پىكرۇ-مەسلىكىم،
بىلگىنىمدىن زور بولۇپ بىلمەسلىكىم.
ھېچ سوراپ باقماپتىمەن: مەن ئەسلى كىم؟
ئەمدى بىلسەم، شۇ بىلىشمۇ شان ئىكەن.
ياش يېتىپ، ئۈچ ئون يەنە بىر بەشتە مەن،
ھەققە قايتتىم، باش يېرىلغاچ دەردتە مەن...
ھەم شۇنىڭدىن تا بۇدەم ئۈزلەتتە مەن...
ئەسلى شائىرنىڭ يولى ئىھسان ئىكەن.
2012-يىل 21-مارت
★★★★★
http://www.boztagh.com/munber/forum.php?mod=viewthread&tid=190&from=portal
★★★★★
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us