ئۇچۇر ئىنقىلابىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلىشى - [دۇنياغا نەزەر]

    _べ Tag:ئەرەب-دۇنياسى   2013年02月17日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/229114432.html

    ئۇچۇر ئىنقىلابىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلىشى


    ئاپتورى: جوسىف س.ناي
    تەرجىمىدە: نەپرەت





    ئوكيان تورى(2013-02-16) ماقالىسى:
    ئۇچۇر ئىنقىلابىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلىشى
    مىسىردا «ئەرەب باھارى» ئىككى يىللىقىنى كۈتۈۋالغاندا، تەھرىر مەيدانىدا يەنە مالىمانچىلىق يۈز بەردى. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر 2011-يىلدىكى ئۈمىدۋار قىياسلىرىنىڭ ئاسانلا بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى. مەسىلىنىڭ بىر قىسىمى قىياسنىڭ قىسقا ۋەقەنى تەسۋىرلەيدىغان مېتافورانىڭ بۇراپ تاشلىشىغا باغلىق. ئەگەر بىز «ئەرەب باھارى» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەي، بەلكى «ئەرەب ئىنقىلابى» دېگەن بولساق، ئۇنداقتا بىز ئېھتىمال تېخىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئارزۇدا بولاتتۇق. ئىنقىلاب ھەمىشە نەچچە ئون يىللىق ئىش، ھەرگىزمۇ نەچچە پەسىل ياكى نەچچە يىللىق ۋەقە ئەمەس.
    1789-يىلى پارتلىغان فرانسىيە ئىنقىلابىنى ئېلىپ ئېيتايلى. 10 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، نام-نىشانسىز بىر كورسىكا ئەسكىرىنىڭ فرانسىيە قوشۇنىنى باشلاپ نىل دەرياسى قىرغىقىغا بارىدىغانلىقىنى ياكى ناپولېئون ئۇرۇشى ياۋروپانى سۈپۈرۈپ تاشلايدىغانلىقىنى، تاكى 1815-يىلغا كەلگەندە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى كىم قىياس قىلغان؟
    ئەرەب ئىنقىلابىنى ئويلاپ باقساق، يەنە نۇرغۇن ھەيران قارارلىق ئىشلار يۈز بەرمىدى. نۆۋەتتە، كۆپ قىسىم ئەرەب پادىشاھلىق دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى خەلق ئىنقىلابىغا قارشى تۇرالىغۇدەك تولۇق قانۇنىيلىق، پۇل ۋە كۈچ بار، تەختتىن غۇلاپ چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى دەھرىي (دىندىن خالىي) جۇمھۇرىيەتنىڭ دىكتاتورلىرى، مەسىلەن مىسىرنىڭ مۇبارەك ۋە لىۋىيىنىڭ قازافى قاتارلىقلار. ئەمما بىزنىڭ ئىنقىلاب ئەندىزىسىگە كىرگىلى ئەمدى ئىككى يىل بولدى.
    ئەرەب سىياسىي ئىنقىلابى دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭقۇر، ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولغان تەلتۆكۈس ئۆزگىرىش، بەزىدە بۇ خىل ئىنقىلاب ئۇچۇر ئىنقىلابى دېيىلىدۇ. بىز ئىنقىلابنىڭ تەسىرىنى پۈتۈنلەي ئىگىلەشكە ئامالسىز،ئەمما 21-ئەسىردىكى ئەمەلىي كۈچلەر خاراكتېرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتمەكتە. 21-ئەسىردە، ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان يەرلىك دائىرىلەرمۇ ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش كونترول قىلىش ۋە قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشقا ئامالسىز، بۇ بارلىق دۆلەتلەر ئورتاق دۇچ كەلگەن مۇھىت.
    ھۆكۈمەت ئەزەلدىن ئۇچۇرنىڭ ئېقىشچانلىقى ۋە كونتروللىقىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، بىز تۇرۇۋاتقان دەۋر ھەرگىزمۇ بىرىنچى قېتىم ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئۆزگىرىش كەسكىن تەسىر كۆرسەتكەن دەۋر ئەمەس. گوتېنبېرگنىڭ باسمىچىلىق تېخنىكىسى دىنىي ئىسلاھات ۋە كېيىنكى ياۋروپا ئۇرۇشنىڭ مۇھىم سەۋەبى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، مەيلى بىر دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان ياكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان بولسۇن، ئۇچۇردىن كەلگەن كۈچكە ئېرىشەلەيدىغان نوپۇسنىڭ نىسبىتى ئىلگىرىكىدىن ئىنتايىن كۆپ.
    نۆۋەتتىكى يەر شارىۋى ئىنقىلابنىڭ ئاساسى تېز سۈرئەتلىك تېخنىكا ئىلگىرىلىشى بولۇپ، ئىجادىيەت، ئىزدەش ۋە ئۇچۇرنىڭ تارقىلىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى. 30 يىلدىن بۇيان، ھېسابلاش ئىقتىدارى ھەر 18 ئايدا بىر قاتلاندى، 21-ئەسىرنىڭ بېشىدا، ھېسابلاش تەننەرخى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكىن پەقەت مىڭدىن بىرى بولدى. ئەگەر ئەگەر ماشىنىنىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈش سۈرئىتى يېرىم ئۆتكۈزگۈچتەك تېز بولسا، ئۇنداقتا بۈگۈن 5 ئامېرىكا دوللىرىغىلا ماشىنا سېتىۋالغىلى بولاتتى.
    20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغىچە، سىملىق تېلېفون بىر سېكۇنتتا پەقەت بىر ۋاراق قەغەز ئۇچۇرنى يەتكۈزەلەيتتى؛ بۈگۈنكى كۈندە، كىچىككىنە بىر تال نۇر كابېلى بىر سېكۇنتتا 90 مىڭ توم كىتابنىڭ ئۇچۇرىنى يەتكۈزەلەيدۇ. 1980-يىلى، 1 GB سانلىق مەلۇماتنى بىر ئېغىز ئۆي بولسا ئاندىن قويغىلى بولاتتى، بۈگۈنكى كۈندە، 200 GB لىق ساقلاش بوشلۇقى پەقەتلا چاپاننىڭ يانچۇقىچىلىك چوڭلۇقتا كېلىدۇ.



    تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى ئۇچۇر يەتكۈزۈش تەننەرخى زور دەرىجىدە ئازلىدى، بۇ قورغانغا كىرىشنى تۆۋەنلەتتى. ھېسابلاش ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ ئەرزانلىشىشغا ئەگىشىپ، كومپيۇتېرنىڭ ھەجمىمۇ كىچىكلەپ ئەقلىي يانفۇن ۋە باشقا ياندا ئېلىپ يۈرۈيدىغان ئەسلىھەلەرچىلىك كېلىدىغان بولدى. تارقىلىش ئېففېكتى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى. نەچچە ئون يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغان تەغدىردىمۇ، ئۇچۇر كۈچىنىڭ تارقىلىشى چوڭ دەرىجىدە كېڭەيدى.
    نەتىجىدە، دۇنيا سىياسىي سەھنىسى ئەمدى پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازىلا بولماي قالدى. شەخس ياكى ۋىكىلىكس (WikiLeaks)، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار، تېرورچىلار ۋە ئۆزلىكىدىن شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەخسىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى رولىنى بىۋاستە جارى قىلدۇرىدىغان كۈچكە ئېرىشتى.
    ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشى مەخپىي ئېنتىرنېتنىڭ ئەنئەنىۋى بيۇروكراتچىلىقنىڭ مونوپوللىقىنى ئاجىزلىتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھەر قانداق ھۆكۈمەت ئەمدى بۇرۇنقىغا ئوخشاش كۈنتەرتىپنى ئاسانلا كونترول قىلالمايدۇ. سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ مەلۇم ۋەقەگە چوقۇم ئىنكاس قايتۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى ئەركىنلىك دەرىجىسى بارغانسېرى تۆۋەنلىدى، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، سىياسىي رەھبەرلەر باشقا ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپلا قالماي ھەم ئاۋام جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك.
    ئەمما ئەرەب ئىنقىلابىنىڭ ئۇچۇر، تېخنىكا ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئالاقىدار ساۋىقىنى «زىيادە قوبۇل قىلىش» خاتادۇر. گەرچە پرىنسىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇچۇر ئىنقىلابى چوڭ دۆلەتلەر ئەمەلىي كۈچىنى چەكلەپ، كىچىك دۆلەتلەر ۋە دۆلەتسىز ھەرىكەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرالايدۇ، ئەمما سىياسىي ۋە ھوقۇق تېخنىكىغا قارىغاندا قارار قىلىدىغان دەرىجىسى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ.
    20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدا، كىشىلەر كومپيۇتور ۋە يېڭى ئالاقە يولىنىڭ جورجى ئورۋېل (George Orwell) نىڭ «1984» ناملىق كىتابىدا تەسۋىرلەنگىنىدەك مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىشتى. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە باشقا جايلاردىكى مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەر يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇرنى كونترول قىلدى. ئىنتېرنېت روماتىزمچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۈلكىلىك بولغىنى Facebook ۋە Twitter قاتارلىق ئالاقە تورلىرى كومپيۇتېردا پەيدا قىلغان ئىز بەزىدە مەخپىيى ساقچىلارنىڭ خىزمەت قىلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىدۇ.
    ئىران ھۆكۈمىتى 2009-يىلى Twitter دا تۇمشۇقىغا يېگەندىن كېيىن، 2010-يىلى ئىراندىكى «يېشىل» ھەرىكەتنى باستۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى. ئوخشاشلا، گەرچە «جۇڭگو سەددىچىن سېپىلى» مۇكەممەل بولۇشتىن يىراق بولسىمۇ، گەرچە جۇڭگودا ئېنتىرنېتتا جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ،  ئەمما نۆۋەتتە كونترول قىلىش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا قولىدىن كېلىدۇ.
    مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇچۇر ئىنقىلابىنىڭ بەزى تەرەپلىرى ئاجىزلارغا پايدىلىق، ئەمما ھەم بەزى تەرەپلىرى كۈچلۈكلەرگە پايدىلىق. كۆلەم يەنىلا مۇھىمدۇر. گەرچە خاككېر ۋە ھۆكۈمەتلەر ئۇچۇر ياسىيالايدۇ، ئېنتىرنېتتىن پايدىلىنالايدۇ، ئەمما ئۇنچە كۆپ مەسىلىلەرگە ھۆكۈمەت نەچچە مىڭلىغان مەشىقلەنگەن ھەم ساپالىق كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كۈچلۈك ھېسابلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشقا تەشكىللەنگەن كود ۋە خاككېرلارنى تازىلايدۇ.
    ئوخشاشلا، گەرچە بۈگۈنكى كۈندە تەننەرخى تۆۋەنلىگەن ئۇچۇرلار تارقىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇچۇر ئىزدەش ۋە ياساشقا ئادەتتە مەبلەغ سېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، نۇرغۇن رىقابەتلىك ئەھۋاللاردا، يېڭى تېخنىكا ھەل قىلغۇچ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئاخبارات توپلاش ناھايىتى ياخشى مىسال، ئىنچىكىلىك بىلەن يېزىلغان Stuxnet ۋىرۇسى ئىران يادرو مەركەزدىن قاچۇرغۇچىلىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويالايدۇ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ نادىر ئەسىرىدۇر.
    ئۇچۇر بىلەن قوراللانغان شەخسىي پائالىيەتچىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ھۆكۈمەت ۋە چوڭ دۆلەتلەر يەنىلا تېخىمۇ كۆپلىگەن مەبلەغنى ئىگىلەپ تۇرماقتا، ئەمما ئۇلار ھەرىكەت قىلىدىغان سەھنە تېخىمۇ قىستاڭ بولۇپ كەتتى. كېلەركى قېتىملىق ئويۇن قانداق ئوينىلىدۇ؟ كىم ئۇتىدۇ، كىم ئۇتتۇرىدۇ؟
    بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشتە بىر پەسىل ئېنىقلا بولمايدۇ نەچچە ئون يىلدا ئاندىن بولىدۇ. دەل مىسىر ۋە باشقا رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ئىپادىلىگىنىدەك، بۇ ئەسىردىكى ئۇچۇر ئىنقىلابىنىڭ ئەمەلىي كۈچكە بولغان تەسىرىنى بولغان چۈشىنىشىمىز ئەمدىلا باشلاندى.

    مەنبە: ئاپتورى جوسېف ناي ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى بولغان، ھازىر خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتىدا پىرافىسسور.
    ( نەپرەت تەرجىمە قىلدى)
    ★★★★★
    http://news.okyan.com/news/thinking/2013/0216/775.html
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: