版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/229152011.html

    بۇ كۈن - شۇنداق بىر كۈندۇر


    ساداقەتجان ھاجى


    بۈ كۈن يەنە يېتىپ كەلدى. مېنىڭ بىلىشىمچە، تور دۇنياسىدا 2009-يىلدىن بېرى بۇ كۈن ئەسلىنىۋاتىدۇ. «تەبرىكلىنىۋاتىدۇ»
    بۇ كۈن - قايسى كۈندۇر؟
    بۇ كۈن – ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدۇر!
    بۇ كۈن – دۇنيا ئانا تىل كۈنىدۇر!
    بۇ كۈننىڭ «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» بولۇپ بېكىتىلىشى بېنگال خەلقىنىڭ بىنگال تىلى ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1952-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى بېنگال خەلقى پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن(ئۇ چاغدا بېنگال پاكىستانغا تەۋە ئىدى) بېنگال تىلىنى ھۆكۈمەت تىلى قاتارىدا ئىشلىتىشنى (يەنى، ھۆكۈمەت تىلى دەپ ئېلان قىلغان تىللار قاتارىغا كىرگۈزۈش) تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان. نامايىشتا بەش نەپەر نامايىشچى ساقچىلارنىڭ ئوقىدا قۇربان بولغان ۋە بىر قىسىم نامايىشچىلار يارىلانغان. بېنگال مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ «ئانا تىل قەھرىمانلىرى»غا ئاتاپ خاتىرە مۇنارى ياسىغان.
    ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت كومىتېتىمۇ ھەم 1999-يىلى 11-ئايدا قارار ماقۇللاپ، 2000-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ خاتىرىلەشنى بېكىتكەن

    لېكىن، بىزنىڭ بىر قىسىم تورداشلىرىمىز بۇ كۈننى «ئانا تىل بايرىمى» دەپ چۈشىنىۋاتىدۇ. بەلكىم بۇ «ناخشا-ئۇسۇل مىللىتى» قىلىپ لايىھەلىنىۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ مېڭىسىنى «بايرام، تەبرىكلەش» سۆزلىرى بىلەن «پىروگىراممىلاش»نىڭ نەتىجىلىرىدىن بىرى بولسا كىرەك.
    «دۇنيا ئانا تىل كۈنى»نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە ب د ت نىڭ بۇ كۈننى خاتىرىلەشنى تەلەپ قىلىش مەقسىتى بىلەن «بايرام»نىڭ ھىچ مۇناسىۋىتى يوقكى؟
    بىزدە «بايرام» دىمەك-«تەنتەنە» دىمەكتۇر.
    لېكىن، بىز بۇ كۈندە ئاشۇ قۇربان بولغان ۋە يارىلانغان «ئانا تىل قەھرىمانلىرى»غا تەنتەنە قىلامدۇق؟ ياكى ئۈمىد بىلەن ئۈمىدسىزلىك ئارىسىدا گاڭگىراپ قالغان، مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن مەھبۇبلىرىغا ئىنتىلىۋاتقان... ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ قىسمەتلىرىگە تەنتەنە قىلامدۇق؟
    ئۇنداقتا، بۇ كۈننى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
    ئانا تىل كۈنىنى ئەڭ ئاددى چۈشەنگەندە، «يىلدا بىر قېتىم ب د ت نىڭ تەشەببۇسىدا ئانا تىلنى بىر كۈنلۈك قوغداش ھەرىكىتى» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.
    بۇ كۈن – قۇتلۇق بىر كۈن ئەمەس، بەلكى قانلىق بىر كۈن... قىسمەتلىك بىر كۈن... قىممەتلىك بىر كۈن...
    بۇ كۈن – ئانا تىلنىڭ ئازابىنى ھىس قىلىش ئۈچۈن سۆزلەيدىغان كۈن ئەمەس، بەلكى سۆزلىمەيدىغان كۈن!... سۈكۈت قىلىدىغان كۈن... سۆيگۈنىڭ نىمىلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن «چۈش» كۆرۈدىغان كۈن!...
    بۈ كۈن – بۈ كۈننىڭ باھانىسىدا باراۋەت قۇرۇپ، نەپسىمىزنى ۋە ھەۋىسىمىزنى پەرۋىش قىلىدىغان كۈن ئەمەس، بەلكى جاننىڭ دەرمانىنى، جاناننىڭ ئارمانىنى ھىس قىلىش ئۈچۈن «ئاچلىق»قا ۋە «ئازاب»قا چىدايدىغان كۈن!...
    بۇ كۈن - ئۇسۇل ئويناپ تەنتەنە قىلىدىغان كۈن ئەمەس، بەلكى، ئويلىنىدىغان، تەپەككۇر قىلىدىغان، رەببىمىزدىن تەلەپ قىلىدىغان كۈن!...
    بۇ كۈندە نېمىنى ئويلىنىمىز؟
    بۇ كۈندە ئۇيغۇرنىڭ ئارمانلىرىنى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئامانلىقىنى ئويلايمىز...
    بۇ كۈندە نېمىنى تەپەككۇر قىلىمىز؟
    بۇ كۈندە ئۇيغۇرنىڭ تەقدىر-قىسمەتلىرىنى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەدىر-قىممەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىمىز...
    بۇ كۈندە رەببىمىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلىمىز!
    تەلەپ قىلماق بىزدىن، ئىجابەت قىلماق ئاللاھتىندۇر!
    ★★★★★
    2013-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى قەشقەر
    ★★★★★


    历史上的今天:

    نۇرنامە 2012年02月19日

    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: