版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/229323836.html

    ئاناتىل كۈنىگە دائىر مۇھىم خەۋەرلەر


    قىرىمدا تاتار تىلى ئېغىر خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە



    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(19.02.2013) خەۋىرى:
    ئوكرائىناغا قاراشلىق قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە ئانا تىل مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
    قىرىمدا تاتار تىللىق مەكتەپلەرنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن تاتار تىلى يوق بولۇش بوسۇغىسىغا كېلىپ قالدى.
    قىرىملىق ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاران 16%ى ئانا تىلىدا تەلىم-تەربىيە ئالالايدۇ.
    قىرىمدا ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىلدا تەلىم-تەربىيە ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي كېلىۋاتقان ئوكرائىناغا مەكتەپلىرىنى زامانىۋى ھالەتكە ئۆزگەرتەلىگەن تۈركىيە ياردەم قىلىدىغان بولدى.
    مائارىپچى قىرىم تاتار ئوقۇتقۇچىلار ئۇيۇشمىسى، ئانا تىلدا تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا كونكرېت قەدەم تاشلاش ئۈچۈن 21-فېۋرالدا خەلقئارا ئاناتىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قىرىمدا لېكسىيىلەر ئۇيۇشتۇرىدۇ.
    قىرىم تاتار ئوقۇتقۇچىلىرى ئانا تىلدا تەلىم-تەربىيە ئېلىشنىڭ تۈرك دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    ★★★★★
    http://www.trtuyghurche.com/trtworld/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=a8dda9f5-2671-4208-b5e8-ae4189cc0ed7
    ★★★★★


    بىنگال «ئانا تىل كۈنى»نى تەبرىكلىدى



    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(22.02.2013) خەۋىرى:
    باڭلادېش(بىنگال) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئورگىنىنىڭ «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن 21-فېۋرال كۈنىنى تەبرىكلىدى.
    1952-يىلىدا غەربىي پاكىستان ئوردۇچىنى رەسمىي تىل قىلىپ بېكىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، داككا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىدۇ.
    نامايىش جەريانىدا توقۇنۇش مەيدانغا كېلىپ ئىككى ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.
    پۈتكۈل شەرقىي پاكىستان يەنى ھازىرقى باڭلادېش ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئانا تىلى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.
    باڭلادېشلىقلارنىڭ ئانا تىلى ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرى ئۇلارنى مۇستەقىللىقىگە ئېرىشتۈرۈپ ئايرىم دۆلەتكە ئىگە قىلىدۇ.
    ب د ت پەن-مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئورگىنى 1999-يىلى17-نويابىر كۈنى 21-فېۋرالنى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بېكىتىدۇ.
    قانچە مىڭلىغان باڭلادېشلىقلار «ئانا تىل كۈنى»نى تەبرىكلەش ئۈچۈن «تىل خاتىرە مۇنارى»غا گۈل-چەمبىرەك قويۇپ ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلەشتى.
    ★★★★★
    http://www.trtuyghurche.com/trtworld/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=1888d91a-a5ad-46f3-8012-7596cc3ea5f8
    ★★★★★


    历史上的今天:

    ئەلۋىدا كىتاب! 2012年02月23日
    تەنھا.قېيىق 2009年02月23日
    رىزۋانگۈللەر 2009年02月23日
    ئەجەم ناۋاسى 2009年02月23日

    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: