غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد شېئىرلىرى(1) - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:ئەدەبىيات   2011年05月04日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/125241452.html

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد شېئىرلىرىدىن دەستە-دەستە (1)


    مۇڭ زار
     
    مەغرۇر چاقماقلارغا كۆكسۈمنى ياقتىم
    ئاسمان دەشتلىرىدە بولۇپ غەزەلخان.
    ۋۇجۇد دەپتىرىدىن بىر ۋاراق ئاچتىم،
    ئۆلۈم مەرىپىتىگە ياندۇرۇپ گۈلخان.
    سەھەر ئەينەكلىرىنىڭ گۈلشەنلىرىدەك
    جېنىم بارماقلرىدا رەڭگارەڭ ئەجەل.
    ياڭرار تەقدىر ئەزەلنىڭ كىشەنلىرىدەك
    ھەر بىر تۈكۈمدىن تۈمەنمىڭ غەزەل.
    سۇنىڭ قۇياشىنى ئالقانغا ئالدىم،
    ئوتنىڭ رەھنەماسى دوزاختا قالدى.
    جاننىڭ جانىنى قوينۇمغا سالدىم،
    كۆزلىرىم قۇياشقا نۇر بېرىپ تالدى.
    كۆڭلۈم سەھراسىدا قاۋايدۇ ئىتلار،
    روھىم جاڭگىلىدا يارىدار بۆرە.
    تېنىمنىڭ قۇرۇپ كەتكەن تەكلىماكانىدا
    تۇرىمەن توغراقلاردەك تۈن بويى ئۆرە...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    نەپرەت بىلەن ئاقارغان قۇملار

    ئوردىلار كۆمۈلدى جىمجىت يۈرەككە،
    قېتىلدى قەدەھكە ئاپئاق ئۇستىخان.
    ئاپتاپنىڭ ساغرىسى كىردى تۆشەككە،
    قۇياشنىڭ شېخىغا قوندى زېمىستان.
    تۆگىلەر يول ئالدى ماشىنىلارغا،
    يىڭنىنىڭ تۆشۈكى بولدى گۆرستان.
    روھلارنىڭ چاقىرغان ئاۋازىنى مەن
    ئاڭلىدىم چىققاندا دەھشەتلەك بوران.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    جانانىم، جانانىم، پەقەت سەن بىلەن...

    ئاسماننىڭ قەرىگە قاناتلىرىمنى
    ئىشىقنىڭ پەيزىگە پەريادلىرىمنى
    ئۆلۈمنىڭ سۈيىگە ھاياتلىقىمنى
    قاندۇراي جانانىم پەقەت سەن بىلەن.

    يىقىندا كۆرۈنگەن يىراقلىرىمنى
    كۈللەرگە كۆمۈلگەن پىراقلرىمنى
    زۇلمەتكە مۈكۈنگەن چىراقلىرىمنى
    ياندۇراي جانانىم پەقەت سەن بىلەن.

    يۈزۈمنى قىزارغان گۈلى رەيھانغا
    كۆزۈمنى سۈزۈلگەن يورۇق ئاسمانغا
    سۆزۈمنى لاۋۇلداپ تۇرغان گۈلخانغا
    قاندۇراي جانانىم پەقەت سەن بىلەن.

    تېنىمنى ھەۋەسنىڭ تىپىرلىشىغا
    جېنىمنى ئەجەلنىڭ پىچىرلىشىغا
    روھىمنى تەڭرىنىڭ شىۋىرلىشىغا
    قاندۇراي جانانىم پەقەت سەن بىلەن...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    سېغىندىم جېنىمنىڭ تۈمۈرچىسىنى

    سېغىندىم جېنىمنىڭ تۈمۈرچىسىنى
    ئەينەكتىن يۈگۈرۈپ ئۆتتى كىشىلەر.
    يامغۇرنىڭ كەينىدە جىننىڭ يايلىقى
    ئاپتاپتا قارىداپ كەتتى كېچىلەر.
    ئادەمنى بار قىلىپ تۇرار قەبرىستان،
    تېنىگە پاتمىغان ئايالدىكى قىز.
    سۇدىكى چۆللەردە ئېزىپ قالغان ئاي،
    چۈشتىكى كارىۋاتتا ئويغانغان دېڭىز...
    گۆشلەردە ئىت قاۋاپ، سوڭەكلەردە نەي
    قانلارنى ئېقىشقا ئۈگەتكەن ناخشا.
    ئەرشتىن زىرىككەن پەرشتىەردەك
    ئۆزىنى ئاسماندىن تاشلىغان دەريا...
    سېغىندىم ئەرشتە قالغان ئىزىمنى
    مۇھەببەت دېگەن بىر دوزاختىن كىيىن.
    بۇ ئالەم مەھشەرگە بارىدىغان يول،
    تەڭرىنىڭ دەردىگە يەتمىدى ھىچكىم!...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بىرلا سۆز بار ئۆزۈمگە

    بىرلا سۆز بار ئۆزۈمگە
    ئادەم بولۇپ يارالغۇچى مەن

    مەن ئۆزۈمنى تاپالمىغۇچى
    ئالماي تۇرۇپ مەندىن بىر قەدەم.
    مەن قەلبىمنىڭ ھارماس ئىشچىسى
    قوللىرىمدا قەغەز ۋە قەلەم.
    تەكرار- تەكرار ئۆلۈشلەر
    يىلىنجىتار ھېسسىياتىمنى.
    ئىشىكىنى چېكەر جەننەتنىڭ
    دوزاختىكى ئىبادىتىم...
    ئىچكىرىلەپ گۆرگىچە
    ئۆزگە تەندە جېنىم بارمىدۇ؟
    ئۆلۈۋەرسەم قىيامەتكىچە
    دۇنيا ماڭا شۇنچە تارمىدۇ؟
    ئاھ، بۇ دەردتىن شائىر بولاي دەپ
    ھەممە جايدا قەبرەم ئولتۇرار.
    ئۆلۈكۈمنى ئۆزۈم قۇتقۇزاي،
    تىرىكىمنى ئۆلۈم قۇتقۇزار.
    ئۆلۈم، ئۆلۈم... ساھىبجامال قىز
    تىنىقلىرى شېئىر پۇرايدۇ.
    ئۆلسەم ئەگەر شائىرمۇ ئۇ دەپ
    خالايىقلار چوقۇم سورايدۇ.
    مەن ئۇ چاغدا ھىچنىمە يېمەي
    كىتابلاردا بولارمەن جەسەد.
    قوسىغى ئاچ، ئۈستى يالىڭاچ
    كىممۇ ماڭا دۇئا قىلار دەپ!...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    قايتىپ كەلگىن سوڭەكلىرىڭدىن

    سۇلار ئەتلەس خىياللىرىنى
    ئېتىزلاردا ئوينار شادىمان.
    مەي بولۇشقا بىر جام ئۆلۈمدۇر
    جېنىڭدىكى سەۋدايى جانان.

    سۇمبۇل چاچتىن يامغۇر غىرىبتۇر،
    مالچى راۋاپ سايدىن قەلەندەر.
    قايتىپ كەلگىن سوڭەكلىرىڭدىن،
    يىقىن يۇلتۇز ياردىن خوشخەۋەر...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    سەندىن كۆڭۈل تىلەيدىغان مەن

    بۇ...
    مەن
    قارا كۆزلىرىڭنىڭ ئۇيغۇر كېچىسى
    قارا قاشلىرىڭنىڭ قۇرئان تەكچىسى
    قارا چاچلىرىڭنىڭ جەڭچىسى
    باغرىڭنى سۇغا ئايلاندۇرىدىغان تاش ناخشىسى
    سۇغا ماڭغان كۆڭلۈڭنى شەرەتلەپ
    چۆلگە ماڭغان قاشتېشى.
    قۇمنى بارماقلىرىڭدا
    بارخان توقۇيدىغان بوران.
    ئۆلۈكىنى داستان قىىلىپ
    مۇقام توقۇيدىغان تەكلىماكان.
    قولۇڭ تەگسە
    يىغلايدىغان ساتار
    بوزلايدىغان دۇتار...
    ساڭا كۆڭلۈمنى بېرىپ قويۇپ
    كۆڭۈلسىز بولۇپ
    سەندىن كۆڭۈل تېلەيدىغان مەن!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    يەنە تويۇم بۇزۇلدى

    يەنە تويۇم بۇزۇلدى
    باخشىلارنىڭ ئوقۇمىغىنى قالمىدى
    باپكارلارنىڭ توقۇمىغىنى قالمىدى.
    داپ داراڭلاپ
    ئېشەك ھاڭراپ
    كۆڭلۈمنى ھىچ ئارامىدا قويمىدى...
    كۆڭلۈم بىر چۈشتىن كىيىن
    دېرىزىسىنى كەڭرى ئاچقان،
    بىر توكۇر بۇغا
    قاراپ قويۇپ بىر قىيا
    تاغقا قاچقان...
    ئەسلى بىر قىز ئىدى
    يىرتىلىشتىن ئىلگىرى.
    ئەسلى بىر گۈل ئىدى
    ئېچىلىشتىن ئىلگىرى.
    ئەسلى بىر شېئىر ئىدى
    يېزىلىشتىن ئىلگىرى...
    كېچىنىڭ قاپ ئوتتورىسىدا
    قەلبىمنىڭ چىراغ يېقىلمىغان جايلىرىدا
    تورۇكلىتىپ چىغ ھاسىسىنى
    ئۇ مېنى ئىزلەيدۇ
    ئىسمىمنى توۋلايدۇ...

    دەرەخلىكتۇر مېنىڭ ھوجرام
    تۈمەن قۇشلار سايرايدۇ.
    قۇمدۇر مېنىڭ تەختىم
    كۆچۈپ تۇرىدۇ.
    شېئىرلىرىم ئاقار يۇلتۇزدۇر
    بىر چاقناپلا غايىب بولىدۇ.

    كۆزۈمدە يوق ھېچنىمە
    بىر قايغۇلۇق ناخشىدىن باشقا.
    چىقار چۇۋۇلۇپ قاپقاراڭغۇ كېچىلەر
    ئاۋازىمنى ئاختۇرسا.
    كۆكسۈمدە بىر پاي ئوق
    مامۇق تۆشەكتە ئۇخلاۋاتقان جاناندەك
    ئۇزۇندىن بىرى...

    يەنە تويۇم بۇزۇلدى
    ئانام ئېسەدەر قىرىپ كەتتىڭ دەپ

    سىلەر
    ئوۋچىنىڭ كىيىكنى سۆيگەنلىكىنى كۆرگەنمۇ،
    ئۆزى ئاتقان كىيىكنى؟
    قاتىلنىڭ ئۆلۈكنى سۆيگەنلىكىنى كۆرگەنمۇ،
    ئۆزى ئۆلتۈرگەن ئۆلۈكنى؟
    پادىشاھلارنىڭ خەلقنى سۆيگەنلىكىنى كۆرگەنمۇ،
    ئۆزى ئەل قىلغان خەلقنى؟
    خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنى سۆيگەنلىكىنى كۆرگەنمۇ،
    ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى ھۆكۈمەتنى؟

    يەنە تويۇم بۇزۇلدى...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    نىمىشقا؟...

    (1)

    نىمىشقا بېشىمدا ئەجەل سايىسى،
    بىر نۆۋەت ئۆلۈشكە بولمايدۇ نىسىپ؟
    نىمىشقا سۆيگۈگە تولغا يۈرىكىم
    سېغىنىش ئىلكىدە كېتىدۇ سىسىپ؟
    نىمىشقا تەشنالىق ھەسرەت ئىلكىدە
    كۈتىمەن پەرۋاسىز كەتكەن شامالنى؟
    كۆتۈرۈپ يۈرىمەن نىچۈن بىر ئۆمۈر
    قەلبىمدە تۇنجى رەت ئۆلگەن ئايالنى؟
    نىمىشقا دۇنيادا پەقەتلا ناخشا
    جېنىمنى ئالغۇچى جاللاتتۇر گويا؟
    نىمىشقا
    يېرىلغان تاملارغا كېلەر ھەۋىسىم،
    يىرتىلغان كىيىمدىن ئالغاندەك لەززەت؟
    سۇغا سۇ كىرگەندەك ئۈن- تىنسىز، ئاستا
    تۇيدۇرماي، يوشۇرۇن سۆيىمەن پەقەت؟
    نىمىشقا ھاياتنى سۆيۈپ جېنىدىن
    ئۆلۈمدە ياشايدۇ پۈتكۈل ئەر كىشى؟
    قۇياشنىڭ جەسىتىنى كېلىدۇ يۈدۈپ
    قاپقارا تۈنلەرگە خەت يازغان كىشى؟
    نىمىشقا؟!...

    (2)

    نىمىشقا
    ياشايمەن كۈندە مىڭ ئۆلۈپ تۇرۇپمۇ
    يىغلايمەن قۇياشتەك كۈلۈپ تۇرۇپمۇ،
    ھەسرەتلىك بوزلايمەن بەزى شامالدەك
    ئۆزۈمنى تاپالمايمەن بەزى خىيالدەك...
    كىرلەشكەن قولياغلىق كەبى يۈرىكىم
    قان يۇقى خىياللار تۆكۈلەر تىم- تىم.
    نىمىشقا ھەر كۈنى يىرىم كېچىدە
    يالغۇزمەن جىنازىدەك كارۋات ئۈستىدە؟
    گۈللەرگە لىق تولغان سۆيگۈ تۈرمىسى،
    ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزىمەن تۈرمە ئىچىدە؟...
    نىمىشقا
    بىر ئايال كوچىدا قىلىپ دىۋانە
    بىر ئايال قىلىدۇ چۆلدە قەلەندەر؟
    بىر ئايال قوينۇمدا قىلىدۇ نالە
    تەڭلەپ تۇرۇپ كۆكسۈمگە خەنجەر؟
    ئاسمان يۇلتۇزلىرى بىلەن بولسا مۇنەۋۋەر
    سۆيگۈ دەردلىرىدە بولدۇم مەن پارلاق.
    نىمىشقا
    مۇھەببەت مەنزىلى شۇ قەدەر يىراق؟!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بازاردىكى مۇقامچىلار

    سۇندى سوڭەكتىكى پىچاقلار
    سۇندى سۆزلەر قۇرۇق- قاخشال
    چېچىلدى تەنلەردىكى تىترەكلەر
    تۆكۈلدى خۇرجۇندىكى تىللالار

    سۇ سۇغا كەتتى باياۋانغا
    ئوت ئوتقا كىردى يالاڭئاياغ
    يەر ۋارقىرىدى: قان، قان!...
    قىزىل رەڭگە كىردى ئاسمان
    تۈكلەر نەيزە بويى ئۆرلەپ كۆككە
    غۇلاپ چۈشتى ھەيۋەت بىلەن
    تەلپەكلەر ئاستىدىكى سانسىز زىندان...

    تۈگىمەس مۇھەببەتتە شاراب ئىچىپ
    ئولتۇراتتىم ئۆزۈم تەنھا سۆھبەت بىلەن.
    ئاۋال كەلدى چۆگۈن ئەسسالام دەپ
    ئاندىن پىيالىلەر شەربەت بىلەن.
    كەلدى قەلەندەرلەر ھۇ تارتىشىپ
    ئىشىق دەپتىرىنى يىرتىپ زار- زار.
    كەلدى دۇتار بىلەن داپتىن كىيىن
    ئەجەمگە دوست تارتىشىپ تەمبۇر، ساتار.
    ئاندىن
    يار كەلدى ناز- كەرەشمە ئىچرە ئويناپ
    قولىدا قاشتېشىدەك سۈزۈك خەنجەر.
    تۈگىگىچە ئۇنىڭ كۆڭۈل ئىزھارى، ئاھ
    تەندە جان تۇرسا بىردەم، تۇرسا بىردەم...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    سەھەرلەردە ئىبادەت قىل
     
    سەھەر تاڭ ئېتەكىدە ئىبادەت قىل،
    ياقا يىرت، ئىلتىجا ئەيلە، نادامەت قىل.

    جېنىڭ تەن سارايىدىن كېتەي دەيدۇ،
    ئىشىك ئاچ، ئۇ بىچارەڭگە ئىجازەت قىل.

    ئەجەل ھەر لەھزىدە يۈز مىڭ قانات قاقسۇن،
    ھاياتنى قەبرىلەر ئىچرە زىيارەت قىل.

    يۈزۈڭنى رەستىدە قوي، ئۇ تاماششادۇر،
    دەردى-غەم، نالىلەر ئىچرە پاراغەت قىل.

    كىشىكىم، ئىزلىگەن ئوتلۇق مۇھەببەتنى،
    ئۇنىڭغا ئول قىيامەتنى ئىشارەت قىل!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    پىنھانلاردا جۇش ئۇرار سۆيگۈ

    پىنھانلاردا جۇش ئۇرار سۆيگۈ
    تاشقىنلىتىپ سوغۇق ياشلارنى.
    چىرقىرىغان كىم ئۇ لەززەتلىك
    بارمىقىغا يۆگەپ چاچلارنى؟...
    تونۇۋالار كىمنى بۇ يۈرەك،
    زۇۋان سۈرمەس غىرىبانە ئاي.
    شۇنچە ئۇزاق دىل قاراڭغۇسى،
    تەنلەر تىترەپ ئۈنلەر خۇشچىراي.
    ئۇ بەئەينى كۈيچى راۋاپتۇر
    ياكى قارنى يېرىلغان دۇتار.
    يا يىقىلغان سانسىز لەشلەردۇر
    كۈي ئەۋجىدە ئۈزۈلگەندە تار.
    ياكى ئاسمان، كونا پالاستەك
    دېرىزىدىن تۇرغان ساڭگىلاپ.
    ياكى قاتتىق قىيناق ئىچىدە
    كۆزدۇر كەتكەن چاناقتىن چاچراپ.
    كۆڭۈللەرنىڭ ئارقا ھويلىسى
    يا زۇلمەتنى يىرتقان چىراغلار.
    گۈللەر بىلەن ياسالغان تۈرمە،
    يا تۈندىكى ئەما بۇلاقلار...
    كەتتى كۆڭلۈم سەرگەردان بولۇپ،
    قاي چۆللەردە تۇغۇلار سەنەم؟
    ھىچبىر سەۋەب قالمىدى ئەمدى
    ياشاشقا يا ئۆلۈشكە بىردەم.
    كېتەيلى ئەي سەۋدايى سۆگەت
    تۇرۇۋەرمە ئۆستەڭ بويىدا.
    ئۇچرىشارمىز يار بىلەن بەلكى
    ئاسمان بىلەن يەرنىڭ تويىدا!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بىر نان ئۈچۈن

    كىمنىڭ ئىشىكىدە تامچىلايدۇ
    بۇ يۈرەك بىر نان ئۈچۈن، بىر نان ئۈچۈن؟
    ئۆلۈم بەرھەق ئىدى پۈتسە رېسىق
    ئەسلى تىرىك يۈرگەن ھەرجان ئۈچۈن.
    ياكى مۇھەببەتتىن يا نەپرەتتىن
    نە قالدى جان بەرمەككە ئوغلان ئۈچۈن؟!

    بىر كوچا بىر كوچىدا يۈرەر يىغلاپ،
    چاچلىرى بەلگە چۈشتى مەجنۇنتالنىڭ.
    بىنالار ئارقىسىغا پاتتى قۇياش
    ئوتلۇق سۆيگۈسىدە بىر ئايالنىڭ.
    قەلبىم تىۋىشلارغا سالار قۇلاق
    ئاتلار كىشنەر كۆكتە ئاھ ئىنتىزار.
    تارقىلار قەبرىلەردىن تونۇش سادا،
    شاۋقۇنلار يەر تەكتىدە ئالتۇن قانلار.
    قىلىچلار يالتىرايدۇ سوڭەكلەردە
    كۆيىدۇ يۈرەك بۈيۈك ئارمان ئۈچۈن.
    بىر شاھمەن، يېنىمدا يوق پۇچۇق تىللا
    تاج- تەختىم بىر نان ئۈچۈن، بىر نان ئۈچۈن...

    ئاخىرى بىر نان ئۈچۈن ئىنقىلابلار
    سۆيگۈ ھەم بىر نان ئۈچۈن يىلىنجايدۇ.
    ئاچ قالغان ئادەم ئۈچۈن ناندۇر ۋەتەن
    لىكىن ئۇ بازارلاردا سېتىلمايدۇ.
    بىر تال نان، بىرلا ناندۇر قۇياشمۇ ھەم
    يېگىلى بولماس بىراق قالغاندا ئاچ.
    ئاچ قالغان ئادەم ئۈچۈن بۈيۈك ئارزۇ
    غايە ۋە ئارمانلاردا بار نەئىلاج؟!...

    ئاشىقلار چۆل كەزگەندەك جانان ئۈچۈن
    كېزىمەن ھاياتلىقنى بىر نان ئۈچۈن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    مەن شېئىر يازاي

    مەن شېئىر يازاي
    كۈيلەپ كۆكتىكى ئارغىماقلارنى
    يەر تەكتىدىكى گۈلدۈرمامىنى.
    ماشىنىلارنىڭ ئۇچقۇرلۇقىنى
    بىنالارنىڭ ئىگىزلىكىنى،
    مۇھەببەتنى ھەمدە كىشەننى
    تۈن كېچىدە يېنىمدا ياتقان
    ئاھ، ئۆمۈرلۈك ئاشۇ دۈشمەننى.
    ئىتىقادنى كۈيلەي پۇلنى ھەم
    كۈيلەي ناننى، ئانا ۋەتەننى...

    مەن شېئىر يازاي
    تولسۇن رەڭدار گۈل- چېچەكلەرگە
    ئاشىقلىقنىڭ قارا زىندانى،
    تولسۇن ئاتەش ناۋالار بىلەن
    ۋۇجۇدلارنىڭ تەكلىماكانى.
    كۈيلەي: گۈلزار ئايالنىڭ تېنى
    قاقاس چۆلدۇر ئۇنىڭ پايانى،
    مۇھەببەتتۇر تەڭرىدىن خەۋەر
    جۇدالىقتۇر ئۇنىڭ بايانى...
     
    مەن شېئىر يازاي
    تاغلار بىلەن بىللە تىك تۇرۇپ
    دەريا بىلەن بىللە ئۇلغۇيۇپ،
    چۆللەر بىلەن چۈش كۆرۈپ بىللە
    بارخانلاردەك سۈكۈتكە تولۇپ.
    ئىشىكىنى ئاچاي تېنىمنىڭ
    چىقىپ كەتسۇن جېنىم شاد- خۇرام.
    جىنازامنىڭ كەينىدىن ماڭسۇن
    ھازا  ئىچىپ ئون ئىككى مۇقام.
    ..
    مەن شېئىر يازاي
    دىلىمدىكى شۇ يورۇق تەڭرى
    ئاسماندىكى قۇياشقا ئوخشاش
    يەر زېمىنغا، كۇللى جاھانغا
    نۇرلىرىنى چاچسۇن بىر تۇتاش!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    دەرەخلەردىن تىللا ياغار

    كۈز كەلسە
    دەرەخلەردىن تىللا ياغار.
    مۇھەببەتلىك كۆڭلۈم مېنىڭ
    قايسى باغقا ئاياغ باسار؟

    كىرپىكلىرى بوستان- بوستان
    مەڭزى ئانار رەيھان- رەيھان
    بىر قىز كېلۇر، ئارقىسىدىن
    دەردى كېلۇر كارۋان- كارۋان.
    جېنىم ئالدىغا چىقماق بولۇپ
    تېنىمنىڭ ئىشىكىنى جالاقلىتار.
    رەشىك ئەيلەپ قىزىل گۈللەر
    بىر- بىرىگە ئوق ئېتىشار.
    كۆزۈم ئۇنى كۆرمەك بولۇپ
    قاپقاراڭغۇ بولۇپ قالار.
    قولۇم ئۇنى تۇتماق بولۇپ
    قايغۇ بىلەن تەمبۇر چالار.
    تىلىم ئۇنى چاقىرىشقا
    بۇلبۇل بولار ئاھ، بىزۇۋان.
    پۇتۇم ئاڭا بارماق بولۇپ
    توزۇپ كېتەر بارخان- بارخان...

    كۈز كەلسە
    دەرەخلەردىن تىللا ياغار.
    مۇھەببەتلىك كۆڭلۈم مېنىڭ
    يەنە، يەنە يالغۇز قالار...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ھەر بىر ئۆلۈمدە بىردىن باھار

    ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشۈشكە ئاز قالغان
    يەر يېرىلىپ كېتىشكە ئاز قالغان
    قۇياش ئۆچۈپ كېتىشكە ئاز قالغان
    ئادەملەر ئۆلۈپ كېتىشكە ئاز قالغان...
    ئۆينىڭ ئىچىدە تۆت كارىۋات
    ھەر بىر كارىۋاتتا بىردىن پەرىزاد
    ئۆينىڭ تېشىدا تۆت تام
    ھەر بىر تامدا بىردىن كائىنات
    ھەر بىر يۈرەكتە بىردىن ئىت
    ھەر بىر جاندا بىردىن ئوق
    ھەر بىر چاچتا بىردىن قامچا
    ھەر بىر تىنىقتا بىردىن ئۆلۈم
    ھەر بىر ئۆلۈمدە بىردىن باھار...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    سۆيگۈ ئېتىزىدا بىللە ئىشلەيلى

    سۆيگۈ ئېتىزىدا بىللە ئىشلەيلى
    بىر- بىرىمىزنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ
    جەننەتكە بىللە كىرەيلى

    كۆچۈپ تۇرايلى تاغدىن- تاغقا
    ئىسىم قويايلى يوپۇرماقلارغا
    دەريالاردا ئېقىپ
    چىقايلى گۈزەل قىرغاقلارغا

    يولۇچى شاماللار تۇتۇۋالمىسۇن
    ماشىنىلاردىن تىز يۈگرەيلى
    قۇياش كۆرمەي قالمىسۇن
    بىنالارنى ئۆرۈۋىتەيلى

    ناخشىلارنى يىغلىتايلى
    چۆللەرنى چۆرگىلىتەيلى
    ۋاقىتنىڭ قۇيرۇقىدىن تۇتۇۋىلىپ
    خالىغانچە ئۆلتۈرىۋىتەيلى!...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    يۈرەكتىكى قان ئازگىلى

    يۈرەكتىكى قان ئازگىلى
    جاننىڭ پۇچۇق چىنىسى.
    ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ تېنىدىكى كائىنات
    تەبىئەتنىڭ سوۋۇپ قالغان ساغرىسى.
    سوڭەكلەردە يالتىرىغان باياۋان
    ئەرۋاھلارنىڭ ئاخىرلاشماس يىغىسى.
    بىر نەپەستە يېتىپ كەلگەن قىيامەت
    بىر نەپەستە ئاخىرلاشقان بۇ دۇنيا.
    كۆرسەتمەستىن ئۆزىنى
    ئاڭلاتماستىن سۆزىنى
    خۇدا
    مۇئەللەقتە ئولتۇرغان تەنھا...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    شائىرلىقىمغا ئىشىنەمسىلەر؟

    جىنلار، ئەرۋاھلار، جۇل چاپانلىق بالىلار
    ئەگرى كوچىلاردا كېتىۋاتقان موللىلار
    سوغۇق كۇلۇڭى، يانتۇ بۇلۇڭى بار ئاياللار
    ئۆلۈپ تۈگىمەيدىغان خەلقلەر
    ئون بارمىقىنىڭ بىرى يوق
    توققۇزى سۇنۇق سازەندىلەر
    ناخشا ئىيتىۋىتىپ
    ئالغا! دەپ توۋلاپ كەينىگە قېچىۋىتىپ
    ئۆلۈمىگە پۇتلىشىپ يىقىلۋاتقان كىشىلەر
    شائىرلىقىمغا ئىشىنەمسىلەر؟!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    مەڭگۈلۈككە كېتىۋاتقاندا

    سوڭەكلەرنىڭ قۇملۇقلىرىدا
    داۋاملىشار قەدىم زامانلار.
    ئوت كەينىدە كۆرۈنەر سۇدەك
    ئۇپۇقتىكى غۇۋا كارۋانلار.
    ئىلھام كېلەر ھەردەم پەلەكتىن
    ۋەھى ئوخشاش پىنھان ۋە يورۇق.
    داۋام قىلار ئۆلۈمنى ئەبەد
    يۈرەكتىكى بىر تال غايىب ئوق.
    ئەڭ زۇلمەتتۇر دىلدىكى قەبرە
    ۋەتەن يەنە قۇللۇقتىن تامغا.
    پەقەت تەڭرى ئەرشتە تۇرار
    مەڭگۈلۈكنى تولدۇرۇپ جامغا!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: