版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/125233224.html

    شائىر قانداق ئادەم؟ (2)




    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد بىلەن چاغداش ياش شائىرلارنىڭ سۆھبىتى
    سۆھبەتكە ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئابدۇراخمان مۇھەممەت تۈركىي

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    تەھرىر ئىلاۋىسى:
    «بىر دەۋردە شېئىر ئوقۇيدىغانلار ئازلاپ كەتسە ياكى يوقالسا، ماددىيەتكە بولغان چوقۇنۇش باش كۆتۈرىدۇ. ئىنساننىڭ تەبىئىتى بۇزۇلىدۇ ياكى ئەسلىدىن يىراقلىشىدۇ» (قاھار نىياز) بىز ژورنىلىمىزنىڭ 2010-يىللىق 3-سانىغا بېرىلگەن قاھار نىيازنىڭ «مېنىڭ نەزىرىمدىكى شېئىر» دېگەن ماقالىسى بىلەن ئابلىكىم تۇرسۇننىڭ «4-يول شېئىرغا ئىزاھ» دېگەن ماقالىسىغا كەلگەن ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ناھايتى ياخشى ئىنكاسلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھەقىقىي شېئىرلارنى چۈشىنىدىغان ۋە ئوقۇيدىغانلارنىڭ يەنىلا كۆپلىكىنى ھېس قىلدۇق. شۇ سەۋەپتىن تىرەن پىكىرلىرى، ئۆزگىچە شېئىرىي تۇيغۇلىرى بىلەن ئەلنىڭ قەلبىگە سىڭىپ بېرىۋاتقان غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتنىڭ ئابدۇراخمان مۇھەممەت تۈركىينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر قىسىم ياش شائىرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەدىئىي زوقىغا سۇندۇق.

    (داۋامى:)

    ئابلەت مۇھەممەت (كۈيزار): شائىر قانداق ئادەم؟
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد. شائىر-شېئىر يازىدىغان ئادەم دېسەم، جاۋابىمغا قايىل بولمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. بىراق مېنىڭ مەقسىتىممۇ سىزنى قايىل قىلىش ئەمەس. نۇرغۇن كىشىلەر «شېئىر يازىدىغان» دېگەن گەپنىڭ كەينىدىكى «ئادەم»دېگەن سۆزنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ، ئۇلار شائىرنى گويا «ئادەم ئەمەس»تەكلا ھېس قىلسا كېرەك. ئۇلار «ئادەم» دېگەن گەپ شائىرنىڭ سەلتەنەتىگە نۇقسان يەتكۈزىدۇ دەپ قارىسا، ئۇنى ئادەم ئەمەس، باشقا .... نەرسە دەپ باقسۇن، بۇنىمۇ ئاڭلاپ باقىمىز. بىراق مەن ئۇنى ئادەم دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىمەن. باشقىلار ئۇنىڭغا قانچىلىك مۇقەددەس بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى تېڭىشى ۋە ئۇلۇغلاپ كۆككە كۆتۈرۈشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئايال تەرىپىدىن ئەرلىكىدىن ئايرىلىپ ئىنسانلىقنىڭ مەھرۇملىقىدا بىر ئۆمۈر يىغلاپ ئۆتكەن ئەلىشىر نەۋائىنى، ئاپاق خوجا تەرىپىدىن ئاختا قىلىنىپ دەشتمۇ-دەشت ئەرز ئېيتىپ ئۆتكەن شاھ مەشرەپنى، مەن يەنە ئەرەب ئەللىرى بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقدا ياشاش ۋە ياشاش ئۈچۈن سەپەر قىلىۋاتقان ئادىل تۇنىيازنى، مۇھتاجلىق ۋە نامراتلىقتا ياشاپ ئاخىرى جەسىتى ئۈرۈمچى كوچىسىدا بىرنەچچە سائەت يالغۇز قالغان باتۇر روزىنى، مەن بىلەن بىليارت ئويناپ، تاماكا چېكىشكەچ قىزلار توغرىسىدا ھەزىل چاخچاقلارنى قىلىشىدىغان مۇتەللىپ ماڭسۇر بىلەن ئابدۇرېشىت ئېلىنى شائىر دەيمەن. مەن يەنە  خوتەنگە كېلىپ خىزمەت، تۇرمۇش ئالدىراشلىقىدا مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە قەشقەرگە قايتار ۋاقتىدا ئاران يىرىم سائەتلا ۋاقىت چىقارغان چىمەنگۈل ئاۋۇتنى، قايسىدۇر بىر مۇرەككەپ مەسىلىنى مۇتائىلە قىلىۋاتقان پەرھات تۇرسۇننى ۋە ئۇنىڭ ئاغزىغا زوقمەنلىك بىلەن قاراپ ئولتۇرغان ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم بىلەن قەيسەر تۇرسۇننى شائىر دەيمەن. مەن ئۇلارنى شائىر دەۋاتقاندا ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە كىتابخانا، خوتەندە كىيىم-كېچەك دۇكىنى ئېچىپ ئىككى شەھەر ئارىلىقىدا يۈگرەپ يۈرگەن ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان، ئىجادىيەتچىلەر يېغىلىشىغا بېرىش ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرىدىن رۇخسەت ئالالماي تىرىكىپ تۇرغان ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك ۋە قورغاس ناھىيە مەركىزى سانائەت سودا بازىرى 24-دۇكاندا خېرىدار كۈتۈپ ئولتۇرغان ئابدۇرەھىم ياسىن قاينامىنىڭ شائىرلىقىنى ھېچقاچان تاشلاپ كېتەلمەيمەن. مەن ئۇلارغا ئەۋلىيالىقنىڭ كۆرۈنمەس تونىنى كىيدۈرۈپ قويۇپ كارامەت كۆرسەت دەپ قىستىغۇچىلارغا نەپرەتلىنىمەن. مەن بۈگۈن ئۇلارغا ياشاش، ئۆزىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن كوچىلاردا ئىككى پۇتى بىلەن مېڭىپ، ئىككى قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، ئىككى قولى بىلەن ئەمگەك قىلىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ شائىر ئىكەنلىكىنى دەپ قويماقچى. خالايىق، ئۇلارغا ئىنسانلىقنىڭ ئارامى جانى بولغان مەستلىكنى، ھەۋەس شەيتىنىنى ئازراق بولسىمۇ بېرىڭلار، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئادەم!...

    ئابلەت مۇھەممەت (كۈيزار): شائىرلىقتىن ئۆكۈنگەن چاغلىرىڭىزمۇ بولغانمۇ؟
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن ھاياتىمدا كۆپ ئىشلاردىن ئۆكۈنگەن، بىراق شائىر بولۇپ قالغانلىقىمدىن ئۆكۈنگەن ئەمەسمەن. فابرىكىدىن ئايرىلىپ ئىشسىز قالغاندا، ئايالىمدىن ئاجرىشىپ ئىللىق ئائىلىدىن مەھرۇم بولغاندا، تىجارەت قىلىمەن دەپ زىيان تارتقاندا، باشقىلار بىلەن مۇشتلىشىپ تاياق يېگەندە... ئۆزۈمنىڭ بۇ دۇنيادا ئەڭ قاملاشتۇرۇپ قىلالايدىغان ۋە قىلالىغان ئىشىمنىڭ شائىرلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدىم. ئەگەر شېئىر يازىدىغان ئادەم بولمىغان بولسام، بەلكىم چۈشكۈنلۈك، ئامالسىزلىق ئىچىدە ئاللىقاچان تۈگىشىپ كېتىشىم مۈمكىن ئىدى. ئۆمرۈمنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ، ئەڭ ئەڭ مۇدھىش كۈنلىرىدە شېئىر روھىمنى بەربادلىقتىن ساقلاپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن.

    توختى مامۇت ئىزچى: بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا توپلىمىڭىز چىقىدىكەن دەپ ئاڭلاپ ھېيتلىق ئالىدىغان بالىدەك خۇش بولۇشقان ئىدۇق. نەشرىيات ۋە ژۇرناللارنىڭ شېئىرلىرىڭىزغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن رازىمۇسىز؟
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: دەرۋەقە، بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا «مەشرەپ چۆلى» نامىدا بىر شېئىرلار توپلىمىم چىقماقچى بولغان، ئىككى يىل بۇرۇن ئۇ توپلىمىم بارلىق رەسمىيەتلەرنى تۈگىتىپ 5100 تىراژدا بېسىلىدىغان بولۇپ، ماڭا دەسلەپكى بىر نۇسخىسى كۆرۈپ بېقىشقا ئەۋەتىلگەن. سەۋەب نامەلۇم، كېيىن ئۇ توپلىمىم تارقىتىلمايدىغان بوپتۇ. بۇلتۇر خەلق نەشرىياتىدىكىلەر بىر توپلام بېرىشنى ئېيتتى(بۇ نەشرىياتتىكىلەرنىڭ ماڭا تۇنجى قېتىم توپلام دېيىشى، ئىلگىركى توپلامنى باشقىلار مەبلەغ سېلىپ چىقارماقچى بولغان) شۇنىڭ بىلەن چاقماق تېزلىكىدە بىر توپلام تەييارلىدىم-دە، ئۇنىڭغا «مەست مۇقام» دەپ ئات قويۇپ نەشرىياتقا يوللىدىم. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ يىل يىل ئاخىرىدا نەشر قىلىنىدىغاندەك. نەشرىياتنىڭ شېئىرلىرىمغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئەنە شۇنداق. ھەر ھالدا يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ. مېنى ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر «غوجىمۇھەممەد» دەپ بىلگەندىن بېرى ژۇرناللارنىڭ شېئىرلىرىمغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلدى. دەسلەپتە «كروران»، «ئىلى دەرياسى» ژۇرناللىرى مېنى كۆتۈردى، كېيىن باشقىلار ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان شېئىرلىرىمنى «تەڭرىتاغ» ۋە «تۇرپان» ژۇرنىلى باستى، ھازىر «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ۋە «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرناللىرى مېنى قوللاۋاتىدۇ. شېئىرلىرىمنى ئەڭ كۆپ باسقان ژۇرنال «يېڭى قاشتېشى»... سىزگە بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بېرەي، ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەن ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشر قىلىنىدىغان ھەممە ژۇرناللاردا شېئىر ئېلان قىلىپ باقماقچى بولغان، چۈنكى مېنىڭ نەزەرىمىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرقانداق بىر مەتبۇئات ئىنتايىن مۇھىم ئىدى... شۇ چاغلاردا نەشر قىلىنىدىغان « قىزىل بايراق» ۋە «يىرىم ئايلىق سۆھبەت» ژۇرنىلىدىن باشقا ھەممە ژۇرناللاردا شېئىر ئېلان قىلغان ئىدىم. مەن شېئىر ئېلان قىلمىغان ھەتتا « شىنجاڭ تەنتەربىيىسى»، «شىنجاڭ پوچتا-تېلېگىرافى»، «يېزا پەن-تېخنىكىسى» قاتارلىق ژۇرناللارمۇ چالا قالمىغان. گەرچە ئۇ شېئىرلارنى ھازىر ياراتمىساممۇ، ئۆزۈم يازغاچقا شېئىرلىرىم ئېلان قىلىنغان شۇ ژۇرناللارنى ساقلاپ قويدۇم.

    تۇراپجان تۆمۈر(ئاتقۇچى): تۇغۇلغان يۇرتىڭىز بولغان گۇمىغا ئالاھىدە ھۆرمىتىم بار. كېيىنكى ئىجادىيەت يۈكسىلىشىڭىزدە گۇمىدىكى بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك قەلەمكەشلەرنىڭ ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە تەسىرى بارمۇ؟
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: تۇغۇلغان يۇرتۇم گۇما توغرىلىق سۆزلىسەم تىلىم يايرايدۇ، چۈنكى جاھاندىكى ھەممە ئادەمگە ئوخشاش مېنىڭمۇ تۇغۇلغان يۇرتۇمغا ئالاھىدە مېھرىم بار. چۈنكى يۇرتۇمدا ئۆزىگە مېھرىمنى كۈنسېرى چوڭقۇرلىتىپ تۇرىدىغان پەرىشتىدەك ئانام، تاغدەك ئاكام، ئايدەك ئاچام، يۇلتۇزدەك سىڭلىم ۋە بىر-بىرىدىن شەپقەتلىك ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك، ئابلەت ئەخمەت چۆلتىكىن، ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتىكىن، مۇھەممەت كامال خۇشخۇي، ئابلىكىم تالىپ، ئابدۇقادىر سادىر، ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزاد، توخسۇن ھۈسىيىن ئەلقۇت، ئابدۇرېشىت ئەمەت سەھرا، ئابلەت ئابلىكىم توغراق، ئابلىكىم مۇساق مىركالان، ئىدىرىس رۇسۇل تەمكىن، غوجىمۇھەممەد قابىز... قاتارلىق قەلەمكەش دوست-بۇرادەرلىرىم بار. گۇما ھەرقانداق قەلەمكەشنىڭ مىسالى ئۆز يۇرتىدۇر. شىنجاڭنىڭ ھەرقانداق يېرىدىن داڭلىق ياكى داڭسىز بولۇشىدىن قەتئى نەزەر قەلەمكەش كەلسە گۇمىغا چۈشۈپلا ئەخمەتجان تۇرۇپنى ئىزدىسۇن، ئۇ دەرھال گۇمىدىكى يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بۇرادەرلەرگە تېلېفۇن ئۇرىدۇ. ئۇ بۇرادەرلەر مەيلى ھۆكۈمەتنىڭ مەيلى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىشى بولۇشىدىن قەتئى نەزەر بېرەر رېستۇران ياكى ئارامگاھقا يىغىلىدۇ-دە، مېھماننىڭ ھۆرمىتىگە سورۇن راسلايدۇ. مېھمان گۇمىدا بېجىرىدىغان ئىشلىرىدىن ئەسلا غەم يېمىسۇن. ئۇ تەشۋىشىنى ئىيتسىلا بولدى، ئۇ سورۇندىن قوپۇپ بولغىچە ھاجىتى راۋا... ئەقلىمگە كېلىپ، شېئىر يېزىپ يۈرگەندە خوتەندە ئىدىم. كىيىن يەنە ئون ئىككى يىل خوتەندە ياشىدىم. بۇ جەرياندا ھەرقىتىم گۇمىغا چىقسام مەنمۇ ھېلى تىلغا ئېلىنغان داڭلىق ياكى داڭسىز مېھماندەك مېھمانلىقنىڭ پەيزىنى سۈردۈم. ھالا ئون ئىككى يىلدىن كېيىن تەقدىر مەندىن خوتەننى تارتىۋالدى. خوتەن قولدىن كەتتى... ئەمدى قايان بارىمەن؟!... ئاخىر ساياق بېشىمنى ئېلىپ سەرگەردانلىق كوچىسىغا كىردىم. قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، ئۈرۈمچىلەرنىڭ كوچىلىرىدا ئاياغ ئىزلىرىم قالدى، ئۆزۈم قالالمىدىم. ئېھ سەرگەردان، مالامەتتە قالغان غىرىب بېشىڭنى قەيەردە قويارسەن ئەمدى؟!... ئەجىبا، گۇمىغا بېرىش نېمىشقا ئېسىمگە كەلمىگەندۇ؟ ئويلىماپتىمەن، ئانام جان جەھلى بىلەن مېنى سېغىنىپتۇ ۋە ئاشۇ سېغىنىشلىرى بىلەن مەن ئۈچۈن قوشتاغنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. شائىر بۇرادەرلىرىم چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلەن ماڭا گۇمىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. قوشتاغقا كەلدىم، ئانام: «ئال ئوغلۇم، قوشتاغنى قولۇڭغا ئال» دېدى. گۇمىغا كەلدىم، شائىر بۇرادەرلىرىم: « ئال دوستۇم، گۇما سېنىڭ»دېدى. ھىچ ئويلىمىغان ئىكەنمەن، گۇما مەندىن ھېچكىم تارتىۋالالمايدىغان يەر ئىكەن ئەمەسمۇ؟!... گۇما مېنىڭ يۇرتۇم. مەيلى قەيەردە بولاي، گۇما قولدىن كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئېھتىرام بىلەن مەن ئۇچۈن گۇمىنى ساقلايدىغان شائىر بۇرادەرلىرىم بار... كېيىن گۇمىدا توپتوغرا بەش يىل تۇرۇپ قالدىم. بۇ جەرياندا ئاشۇ بۇرادەرلەر، بولۇپمۇ ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك، ئابلەت ئەخمەت چۆلتېكىن، ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتېكىن قاتارلىق جانجىگەرلەر بىر تاۋاقنى يالاپ، بىر تامبالنى يىرتىپ ئۆتتۈق. تۆتەيلەن سانسىز كېچىلەردىن چىققاندا قۇياش بىزدىن رۇخسەت ئالاتتى. ئىچ-باغرىمىزنى يېرىپ داستىخانغا تاشلايتتۇق-دە، ئاچكۆزلەرچە يېيىشكە باشلايتتۇق. بىز بىر-بىرىمىزنى بىر-بىرىمىزگە قوشۇۋەتتۇق. بىز بىر-بىرىمىزگە ئەنە شۇنداق قانمايتتۇق... ئۇلار مەندىن شېئىر يېزىشنى، يەنە يېزىشنى تەلەپ قىلىشتى. ماڭا توختىماي ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشتى. قوشتاغدا ياخشى يازالمىدىم دەپ ئاتايىن گۇمىغا كېلىپ ساق بىر قىش مۇھەممەت كامال خۇشخۇي ۋە ئابلەت ئابلىكىم توغراقلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ شېئىر يازدىم. كۈنلەر ئۆتتى، ئايلار ئۆتتى... 2008-يىلى خوتەننى قايتا قولۇمغا ئالدىم. گۇمىدىكى دوستلىرىمغا يەنە مېھمانمەن. شۇنىڭغا قەتئى ئىشىنىمەنكى، ئۇلار چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلەن گۇمىنى ماڭا ساقلاپ تۇرىدۇ...

    تۇراپجان تۆمۈر: تۇيغۇنى ھەشەمەتلىك ۋە چۈشىنىكسىز سۆز دۆۋىسى ئارقىلىق ئىپادە قىلىدىغانلارغا قارىغاندا، ئانا تىلىمىزدىكى ساپ سۆزلەر بىلەن سەنئەتلىك ئىپادە قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىسىز... مۇشۇ نۇقتىدىمۇ ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ قانداق؟
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: كىمدۇ بىرىگە ئىيتقىنىمدەك شېئىر يېزىۋاتقىنىمدا ھېچقانداق نەرسىنى ئويلىمايتتىم. راستىمنى ئېيتسام، ئۆزۈم يازغان شېئىرنى ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ شەرھىلەشنىمۇ ياقتۇرۇپ كەتمەيتتىم. بىراق ئۆمرۈمدىكى ئەڭ كۆپ سۆزلەپ يۈرگەن بۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى دېمىگەن گېپىم ئاز قالغاندەك قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ سۆزلىسەم سۆزلەي.
    مەن شېئىر يېزىۋاتقاندا سۆز تاللاپ ئولتۇرمايمەن. شېئىر دېگەنگە كېلىدىغان سۆزلەر ئۆزى كېلىدۇ. كەلمەيدىغان سۆز بولسا يەتتە پاتمان چاقىرسىڭىزمۇ كەلمەيدۇ. سۆزلەرنىڭ قەلەندىرى بولۇپ ئىشىك چېكىپ يۈرگۈچە يازماسمىنا ئاشۇ شېئىرنى... ئەمدى ئويلاپ باقسام، ئانا تىلىمىزدىكى ساپ سۆزلەر بىلەن سەنئەتلىك ئىپادىلەپ بېرەلىگىنىمگە قارىغاندا شېئىر يېزىۋاتقىنىمدا سۆزلەرنىڭ رېتىمىغا ئۇسۇل ئوينىمايدىكەنمەن، ئەكسىچە سۆزلەرنى تۇيغۇمنىڭ رېتىمىغا كەلتۈرۈپ ئوينىتىدىكەنمەن. لۇغەتكە قاراپ ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئۆلچەملىك شاھانە كۈيلىرىنى ئاڭلاشتىن كۆرە، سۆزلەرنى ئۆزۈم خالىغان كۈيگە ئۆزۈم چالىدىكەنمەن. سۆزلەرنىڭ مېنى تۆت تەرەپتىن قىستاپ كېلىشىگە، بۇرنۇمنى نوقۇشىغا، كىيىملىرىنى يىرتىشىغا، ئاياغ-ئاستى قىلىشىغا ھەرگىزمۇ تەخىر قىلىپ تۇرالمايدىكەنمەن. سۆزلەر ماڭا ئاشىقكەن، ئىشىكىم ئالدىدا ۋىسالىمغا زار بولۇپ تەلمۈرۈپ تۇرۇشۇپتۇ.

    ئۆمەرجان تۇرسۇن: شېئىرنىڭ گۈزەللىكى نېمىدە ئىپادىلىنىدۇ؟
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: سەت ئايال يوق. ئايال دېمەك-گۈزەللىك دېمەكتۇر. ئايال-يالىڭاچ بولغاندا ئاندىن ئايال. ئايالنىڭ ماھىيىتى-يالىڭاچلىق. كۆرۈمسىز ئايال ئۇپا-ئەڭلىك ئارقىلىق گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدۇ، ئىپپەتلىك ئايال ئەخلاق-ھاياسى بىلەن گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدۇ. ئۇ گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدىغان ئاشۇ نەرسىلەرنى سېلىۋەتكەندە، ئاھ خۇدا، ئۇ تىخىمۇ يالىڭاچ، تىخىمۇ گۈزەل... مەن ئەسلى شېئىرنىڭ گۈزەللىكى نىمىدە ئىپادىلىنىدۇ؟ دېگەن تېمىدا سۆزلىمەكچى ئىدىم. شۇنداق، شۇ تېمىدا سۆزلىمەكچى ئىدىم. قارىغاندا بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنىڭ ئاياللار بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئوخشايدۇ. ئۇنداق بولمىسا ھىچبىر سەۋەبسىزلا ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ يالىڭاچىلىقى ھەققىدە ۋاتىلداپ كېتەتتىممۇ؟ شېئىر يېزىپ يۈرگەن دەسلەپكى مەزگىللىرىمدە ئارۇز ۋە بارماق ۋەزىننىڭ ھەممە تۈرلىرىگە چېپىلىپ باققان ئىدىم. بارماق ۋەزىننىڭ بوغۇم، قاپىيە، رېتىملىرى ۋە قىلىپتا قۇيغاندەك تۆت چاسا كۇبلېتلىرى ماڭا ئىنتايىن مۇكەممەل ۋە نەپىس بىلىنەتتى. ئىشلەتكەن ئۆلچەملىك تىللار مەزمۇندىكى تېيىزلىقلارنى يېپىپ تۇراتتى. ئارۇزنىڭ سەلتەنىتىگە باش ئۇرغان چاغلىرىمدا بەھىر، رەمەل، قاپىيە، رادىف... لارنىڭ مەپتۇنلۇقىدا ئىدىم، ماڭا نە ناخشا، نە ساز تېتىماس ئىدى. ئارۇزدىكى ھەددىدىن تاشقىرى مۇستەھكەم شەكىل ۋە يىمىرىلمەس ئۆلچەم مېنى ئۆزىنىڭ سېھىرلىك قەسرىگە بەند قىلىۋالغان ئىدى. بىراق تاسادىپىي بۇ ئىككى ۋەزىننىڭ بەس-بەس بىلەن كۆتۈرگەن غەليانلىرى، نالە-پىغانلىرى، ئەسەبىي قۇتراشلىرىنى كۆرۈپ قالدىم. ئەسەبىي روھلار، ئەشەددىي نۇرلار، غايەت قاراڭغۇلۇق، مىسلىسىز چۇقانلار قەسىرنىڭ تاملىرىغا سوقۇلاتتى... ئاھ!... شېئىر ئۆزىگە پاتمايتتى... ھەرپلەر سۆزلەرگە، سۆزلەر مىسرالارغا، مىسرالار كۇبلېتلارغا زەرپ بىلەن ئۆزىنى ئۇراتتى. گۈمبۈرلەپ ئۆرۈلۈشلەر، تاراڭلاپ چېقىلىشلار، ۋەرت-ۋەرت يىرتىلىشلارنى سېزەتتىم. ئاچچىق ئىنجىقلاشلار، قايغۇلۇق ۋارقىراشلارنى ئاڭلايتتىم. سىقىلىش، ئازابلارغا چىدىيالماي ئۇ قەسىردىن بۇ قەسىرگە يۈگرەيتتىم.... كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاھ مەشرەپنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. ۋاي ئاللاھ!... كۆردۈمكى، يېرىلىپ تۇراتتى، يېرىقلاردىن ئاسمانلار ساڭگىلاپ تۇراتتى. سۆكۈلۈپ تۇراتتى، يوچۇقلاردىن دەشتى-باياۋانلار يۈگرەپ چىقاتتى.... شۇندىن بىرى شېئىرلىرىم ماڭا باقمىدى، قەسىرلەردىن ئۆزىنى قاچۇردى. كىچىككىنە بىخەستە بولسام كىيىملىرىنى يىرتىۋېتىشكە، ھەتتا يالىڭاچ بولۇپ كوچىلارغا يۈگرەشكە باشلىدى. مەن ئۇلارنى قەسىرگە ھەيدەش، كىيىم كىيدۈرۈش بىلەن ئاۋارە ئىدىم. قورقاتتىم، شېئىرلىرىم قەسىردە جىم ئولتۇرۇپ مېنىڭ پەرمانىم بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك ئىدى، ئۇلار قەسىر ئىچىدە ئىنتايىن بىخەتەر بولاتتى. شېئىرلىرىم قاپىيە، ۋەزىن، تىل... قاتارلىق كىيىملەر بىلەن ئەدەبلىك، نازاكەتلىك كۆرۈنەتتى. بىراق... كېچىككەن ئىدىم. ئەمدى ئۇلار مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمايتتى. مېنىڭچە، شېئىر يالىڭاچ بولغاندا ئاندىن شېئىردەك بولاتتى. بىراق، يالىڭاچلىق قورقۇنچلۇق گۈزەللىك، بۇ يالىڭاچلىقنىڭ چېكى يوق ئىدى. شېئىردىكى بۇ يالىڭاچلىق بارلىق يالىڭاچلىقنىڭ چېكىنى بۇزۇپ تاشلايتتى. شېئىردىكى بۇ گۈزەللىك بارلىق گۈزەللىكنىڭ، ھەتتا ئۆلۈمنىڭ بىپايان ۋە سىرلىق گۈزەللىكىنىڭ چېكىنىمۇ بۇزۇپ تاشلايتتى. بۇ چەكسىزلىكتە ئىنسانلار نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن قۇرۇپ چىققان بارلىق مۇقەددەسلىكلەر، بۈيۈكلۈكلەر، سەلتەنەتلەر؛ ئېرىشكەن نەتىجىلەر، شان-شەرەپلەر؛ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەت، يىمىرىلىش، گۇمران بولۇشلار؛ بارلىق ھەقىقەتلەر ۋە خاتالىقلار بىر دۆۋە سوغۇق كۈلگە ئايلانغان... بۇ بەجايىكى قىيامەتنىڭ ئۆزى ئىدى. شۇ دەقىقىدە دانىشمەن ئەجدادلارغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمدىم. ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ داۋاملىق مەۋجۇد بولۇشى ئۈچۈن ئاياللارنى كىيىمدىن چىقارمىغان ۋە شېئىرىي تۇيغۇلىرىنى قەسىرلەرگە باشلاپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى پاساھەتلىك تىل، ئاھاڭدار رېتىم، قاپىيەلەر... بىلەن ئىپادە قىلغانىكەن.

    ئۆمەرجان تۇرسۇن: ئىجادىيەت مۇساپىڭىزدە ئەڭ ئۆكۈنگەن ئىش قايسى؟
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بۇ ھەقتە سورىغانلارغا 2003-يىلى ئۈرۈمچىگە 12-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» يىغىنىغا قاتناشقىلى چىقىپ، تۆت دانە خاتىرەمنى يوقىتىپ قويغىنىمنى ھازىرغىچە بولغان ئىجادىيەت مۇساپەمدىكى ئەڭ ئۆكۈنۈشلۈك ئىش دەپ قارايمەن. بۇ خاتىرىلەرگە 2000-يىلى 1-ئايدىن 2003-يىلى 8-ئايغىچە يازغان بارلىق شېئىرلىرىم قاچىلانغان ئىدى. بۇ مېنىڭ ئىجادىيەتكە تازا قىزغىنلىق بىلەن كىرىشكەن، رېئاللىقتا نە بىر خىزمەت، نە بىر ئائىلە، نە بىر ياشاش نىشانىم يوق، شېئىردىن باشقا ھېچنەرسەم قالمىغان چاغلىرىم ئىدى. شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىم ھازىرمۇ ئېسىمدە، مەن ئەمدى شېئىر يازمايمەن، دەپ ئويلىغان...

    قاسىمجان ئوسمان (غازى): ھۆرمەتلىك دوستۇم، سىز بىلەن ھەم سىز ئىسمىنى ئاتاپ ئۆتكەن ۋۇجۇد ئىگىلىرى بىلەن دەۋرداش بولۇپ يۈرۈۋاتقانلىقىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. مەن بۇ يىل خوتەنگە بارغاندا ئابدۇرېشىت ئېلىنىڭ ئۆيىدىن گىيۇتى يازغان «فائۇسىت» ناملىق شېئىرى ئوپىرانىڭ 1-قىسمىنى ئېلىپ چىقىپ ئوقۇپ شېئىرنى ئىلگىرىكىلەر يېزىپ بوپتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. نۆۋىتىدە بىر سۇئال سوراي، سىز مەتبۇئاتلاردا، تور مۇنبەرلىرىدە كۆرگەن تەرجىمە شېئىرلارنى ئوقۇپ شېئىرنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن دەپ باققانمۇ؟ دېمەكچى، تۇيغۇ ئالىمىڭىزدە سۆزلەرنى ئويناۋاتقىنىڭىزدا نىمىگە شۇنچە ھەيرانلىق پوزىتسىيىسىدە بولىسىز؟
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ھەرقانداق سۇئالغا قىلچە يالغاننى قاتماي، مۇبالىغە قىلماي راستچىللىق بىلەن جاۋاب بېرىشنىڭ بىرلا ئامالى بار. ئۇ بولسىمۇ جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئويلانماسلىق، سۇئال سورالغان شۇ دەقىقىدە كاللىغا كەلگەن ئىنكاسنى ئۇدۇل ئېيتىش، بۇ كۆڭۈلدىكى سۆزدۇر. مەنمۇ مۇشۇ ئەسنادا كۆڭلۈمدىن كەچكەن سۆزلەرنى ئۇدۇللا ئېيتاي. مەن ئېيتماقچى بولغان بۇ سۆزلەر بەلكىم سىزنى قايىل قىلالماس، چۈنكى ئۇ سۆزلەر سىزنىڭ كۆڭلىڭىز كۈتكەن سۆزلەر ئەمەستۇر. بىراق ئىشىنىمەنكى، سىزمۇ مەندىن كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى ئېيتىپ مېنى قايىل قىلىڭ دەپ ئەمەس، بەلكى كۆڭلىكىڭىزدىكى سۆزلەرنى ئېيتىڭ دەپ مەندىن بۇ سۇئالنى سورىدىڭىز. مەن مەتبۇئاتلاردا، تور مۇنبەرلىرىدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان شېئىرلارنى ئاساسەن دېگۈدەك تولۇق ئوقۇپ ماڭدىم. ئىنكار قىلمايمەنكى، ئىجادىيىتىمنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدا ئوقۇغان چەتئەلنىڭ نادىر تەرجىمە شېئىرلىرى شۇ مەزگىلدىكى شېئىر ئىجادىيىتىمنىڭ مەيلى قۇرۇلما، مەيلى ئىپادىلەش جەھەتلىرىدە بولمىسۇن ئاز-تولا ئىپادىسىنى تاپتى. بىراق مەن ھېچقاچان «ئۇيغۇر قىزى لىرىكىسى» دېگەن شېئىرلار توپلىمىنى تۇنجى كۆرگەن چېغىمدىكى «شېئىرنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن»دېگەن سۆزنى ئىككىنچى تەكرارلاپ باقمىدىم. كېيىنكى كۈنلەردە ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلىنىپ «سۇمرغ»، «ئەنقا» تورلىرىدا ئېلان قىلغان ئەرەپ شائىرلىرىدىن ئەدۇنىس، ئۇنسى ئەلھاج قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى كۆرۈپ قاتتىق ھەۋەس بىلەن «مۇنداق يېزىپ باقايمۇ-يا؟»دېگەن خىياللاردا بولدۇم. سىز ئېيتقان گىيۇتىنىڭ «فائۇسىت» دېگەن ئوپىراسىنى تېخى ئوقۇپ باقمىدىم، ئۇنى ئوقۇپ سىزنىڭ «شېئىرنى ئىلگىرىكىلەر يېزىپ بوپتىكەن» دېگەن قاراشقا كەلگىنىڭىزنى ئاڭلاپ، مەندە دەرھال ئۇ كىتابنى ئوقۇش ئىستىكى قوزغالدى. بەلكىم شۇ چاغدا مەندە يەنە بىر قېتىم «شېئىرنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن»دېگەن ئوي تۇغۇلار، بەلكىم ئۇنداق بولماس... لېكىن مەن شېئىر دېگەن قانداق بولسا شۇنداق بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئۇنداق يازسىمۇ بولىدۇ، مۇنداق يازسىمۇ بولىدۇ، دەيدىغانلارنىڭ تەرەپدارى. تۇيغۇ ئالىمىڭىزدە سۆزلەرنى ئويناۋاتقىنىڭىزدا نېمىگە شۇنچە ھەيرانلىق پوزىتسىيىسىدە بولىسىز؟ دېگەن سۇئالىڭىز ئېسىمگە كەلدى. ئويناش-شادىمانلىق ئىچىدە بولىدۇ. بالىلارچە تەنتەكلىك، بىغۇبارلىق ۋە تەسۋىرلىگۈسىز قىزغىنلىق ئىچىدە ئويناش داۋاملىشىۋاتقاندا سىزدە مەستلىك ھەم ھاياجاندىن باشقا نېمە بار؟ مەست بولۇش-ئىدراكتىن خالاس بولۇش دېگەنلىكقۇ؟!... سۆزلەردىكى مەنىنى، پاساھەتنى، قۇدرەتنى يوق قىلىۋېتەلمىسىڭىز، ئۇلار سىزنى ئىدراكقا، تەپەككۇرغا، مەپتۇنلۇققا سۆرەيدۇ. ئۇ چاغدا سۆزلەر سىزنى ئوينايدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئويناۋاتقان چېغىمدا شادىمانمەن، مەستمەن، بىھۇشمەن، سۆزلەر ماڭا ھەيران...

    مۇھەممەد توختى(جالالىدىن): شېئىرىي شەكىل بىلەن مەزمۇننىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىز؟
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شەكىل بىلەن مەزمۇن بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، خۇددى تەن بىلەن جاندەك. ھەرقانداق شەكىل مەزمۇنغا ئىگە، ھەرقانداق مەزمۇننىڭ شەكلى بار. جان تەندىن ھامان چىقىپ كېتىدۇ، بۇ بەئەينى شەكىلنىڭ مەزمۇندىن ئايرىلغىنىدۇر، بۇ-ئۆلۈشتۇر. بىراق گەپ شېئىر ئۈستىدە بولۇۋاتىدۇ، بىز بۇ يەردە تۇتىمنىڭ «شېئىرنىڭ گۈزەللىكى نېمىدە ئىپادىلىنىدۇ؟» دېگەن سۇئالىغا بەرگەن جاۋابنى تەكرارلاپ ئولتۇرمايمىز. بىز يەنە مەزمۇننىڭ شەكىلدىن چىقىپ شەكىلسىزلەشكەندىن ۋە شەكىلنىڭ مەزمۇندىن چىقىپ مەزمۇنسىزلاشقاندىن كېيىنكى «ئۆلۈم»ىنى شېئىرنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى دېگەن گەپتە چىڭ تۇرىمىز. «ئۆلۈم»دىن ئىبارەت بۇ پايانسىز يوقلۇقتا شېئىر ئەركىن قانات قاقىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ روھىمىز ئاشۇ يوقلۇققا تەۋە. بىز شېئىرلىرىمىز ئارقىلىق بارلىقنىڭ مەنزىلى يوقلۇق ئىكەنلىكىنى، بارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىشارەتلەيمىز. يەنىمۇ ئىنىقراق چۈشەنچە كېرەك بولغاندا تۇتىمنىڭ سۇئالىغا بېرىلگەن جاۋابلار بۇ يەرگە كۆچۈرۈلسۇن.

    مۇھەممەد توختى( جالالىدىن): سىز مۇكەممەل بولماسلىق شېئىرنىڭ خاسلىقى دەپ قارامسىز؟
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئىنسانلار تەبىئەتنىڭ مۇكەممەللىكىگە ئەبەدىي مەپتۇن. سۆز ئويۇنىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىنساننىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، مۇكەممەللىك ئىزدەپ مەنىۋىيەت چۆللىرىدە بىر ئۆمۈر سەرگەردان بولۇپ يۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىمىز. ئەگەر ئادەم تاسادىپىي تۇغۇلۇپ، تۇيۇقسىز ئۆلسە بۇ شېئىرنىڭ تۇيۇقسىز باشلىنىپ، تاسادىپىي ئاخىرلىشىدىغانلىقى، بۇ ھەم ئىنساننىڭ ئىككى ئۇچىنىڭ يوقلۇققا چىلىشىپ تۇرىدىغانلىقى... سىز دەۋاتقان مۇكەممەل بولماسلىقنىڭ شېئىرنىڭ شەكلىدىكى چۇۋالچاقلىق، مەزمۇنىدىكى مەنتىقىسىزلىك، رېتىمىدىكى تۇراقسىزلىق ئىكەنلىكى ماڭا ئايان. سىز دەۋاتقان ئۇ مۇكەممەل ئەمەس شېئىرلاردا پىرامىدالاردەك مەزمۇتلۇق ۋە ھەيۋەتلىك تۈس يوق، دەريالاردەك قىرغاق ۋە مۇقىم مەنزىل يوق. ئۇ شېئىرلار گويا باشلانمىغاندەك، ئاخىرلاشمىغاندەك...

    ئابدۇرېشىت مۇھەممەتئېمىن: «شائىر تىلنىڭ ئادەتلىرىگە جەڭ ئېلان قىلغۇچى»دېگەنىدى بىر ئۇستاز. مەن بۇ سۆزنى قوللايمەن. شائىر ھەقىقەتەنمۇ بىز ئادەتلەنگەن تىل فورمىسىنى توختىماي بۇزۇپ تۇرغۇچىدۇر. بولمىسا ئۇزاق تارىختىن ئاۋاللا كېيىنكىلەرگە گەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىغان بولاتتى. دېمەك، شائىر قېلىپتىن چىقىپ قەلبكە يىقىنلاشقۇچى ئىكەن. ئىلگىرى «چاھار ماقالە» دېگەن كىتابنى كۆرگەن چېغىمدا مۇنداق مەزمۇندىكى بايانلارنى ئۇچراتقان ئىدىم: «شائىر بولماقچى بولغان كىشى ئۆزى بىلەن دەۋرداش ياكى ئىلگىرىكى دااڭلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن 20 مىڭ مىسرانى يادا بىلىشى كېرەك»... بۇ گەپ مېنى بەك چۆچۈتكەنىدى. چۈنكى شائىرلىققا ھەۋەس قىلساممۇ شېئىر يادلىمايتتىم. ئۆزۈم ياقتۇرغان شېئىرلارنى قايتا-قايتا ئوقۇيتتىم، ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا ئوخشىمىغان لەززەتنى ھېس قىلاتتىم. گەپكە قايتىپ كەلسەم، شائىر بولماقچى بولغان كىشى باشقىلارنىڭ 20 مىڭ مىسرا شېئىرىنى يادلىسا، ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتى تەقلىدچىلىككە پېتىپ قالامدۇ قانداق؟ سىزمۇ باشقىلارنىڭ شېئىرىنى يادلاپ باققانمۇ؟ ماڭا ۋە مەندەك ھەۋەسكارلارغا بۇ ھەقتە نېمىنى تەۋسىيە قىلىسىز؟
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بۇ سۇئالىڭىز ۋە سۇئالغا مۇقەددىمە بولغان شېئىر ۋە شائىرلىق ھەققىدىكى شەرھلىرىڭىز سىزنىڭ بۇ ھەقتە خېلى چوڭقۇر ئويلانغانلىقىڭىزنى بىشارەتلەپتۇ، شۇنداقلا بۇ بىشارەتلەردىن ئۆزىڭىزگە ئايان بولغان ۋە توغرا دەپ قارىغان قاراشلىرىڭىزنى مەن ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرماقچى بولغانلىقىڭىزنى چۈشەندىم. دەرۋەقە، شائىر تىلنىڭ ئادەتلىرىگە جەڭ ئېلان قىلغۇچىدۇر. شائىر تىلنىڭ مەنە مۈمكىنچىلىكلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر. شائىرنىڭ پائالىيەت مەيدانى تىل ياكى مەنە بولماستىن بەلكى تىل ۋە مەنە ئارىسىدىكى بوشلۇقتۇر. شائىر بۇ بوشلۇقتا تىلنى ئەزەلدىن بىر ياكى بىر نەچچىلا مەنىنى ئىپادىلەش بەخشەندىلىكىدىن ئازاد قىلىپ، چەكسىز مەنە مۈمكىنچىلىكىگە ئىرىشتۇرىدۇ. مەنىنى تىلنىڭ مۇستەھكەم ۋە يىمرىلمەس قورشاۋىدىن ئازاد قىلىپ، مەنىنىڭ ئاداققى مەنزىلى مەنىسىزلىك پايانىغا باشلايدۇ. مەن سىز ئىيتقان «چاھار ماقالە» دېگەن كىتابنى كۆرۈپ باقمىغان، بىراق «چاھار» دېگەن سۆز ئارقىلىق بۇ كىتابنىڭ كىلاسسىكلىرىمىزغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ھەر بىر ياخشى كىتاب ھەر بىر ھاياتلىق ۋە ئىجادىيەت باسقۇچلىرىمىزدا بىزگە مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بىز ھاياتىمىزدا نۇرغۇن كىتابلار بىلەن ئۇچرىشىمىز، بىز ئۇچراشقان ئۇ كىتابلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ھەتتا بەزىلىرى بىر-بىرىنى رەت قىلىدۇ، بىراق بىز قەلبىمىزنىڭ بەرباد بولۇشىدىن قورقۇپ كىتاب ئوقۇشنى قەتئىي توختىتىپ قويالمايمىز، بىزنىڭ بەرباد بولۇش خەۋپى ئىچىدە تۇرغان ئاشۇ قەلبىمىز، تەۋەككۈلچىلىككە تولغان خارەكتىرىمىز ۋە مەڭگۈ ئاچ مەنىۋىيىتىمىز بىزنىڭ تىنىمسىز كىتاب ئوقۇش ئادىتىمىزنى بەلگىلىگەن. كىتابلارغا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىرى قاچىلانغان. كىتابلار ئۈزلۈكسىز نەشر قىلىنىپ تۇرىدۇ، كىتابلارغا قاچىلانغان بىلىملەرمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ھاياتىمىز ۋە ئىجادىيىتىمىزنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا ئوقۇغان كىتابلار پەقەت ھاياتىمىز ۋە ئىجادىيىتىمىزنىڭ شۇ باسقۇچىغىلا تەۋە. «20 مىڭ مىسرا شېئىر» يادلاش بەلكىم ئەينى زاماندىكى شائىرلارنىڭ شېئرىي تاكامۇللۇققا يېتىشتىكى بېسىپ ئۆتكەن يولى بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم ھەددىدىن تاشقىرى شەكىل مۇكەممەللىكىنى تەلەپ قىلىدىغان ئارۇز ۋەزىن ئۈچۈن بۇنىڭ ئاز بولمىغان پايدىلىق تەرەپلىرى باردۇر. بىز كلاسسىكلارنىڭ تەشەببۇسلىرىنى رەت قىلمايمىز، بىراق ئەينى زامانغا تەۋە بولغان كىتابتىكى بىزنىڭ ھازىرقى ھاياتىمىز ۋە ئىجادىيىتىمىزگە ماس كەلمەيدىغان تەشەببۇسىنى ئۆزىمىزگە تاڭمايمىز. مەنمۇ شېئىر يادلاپ باققان، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ «مۇقام ھەققىدە مۇخەممەس»، ل. مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاب» ناملىق شېئىرلىرى ۋە چۇيۈەننىڭ «جۇدالىق زارى» دېگەن داستانىنىڭ دەرسلىك كىتابقا كىرگۈزۈلگەن قىسمىنى يادلىغان. كېيىن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى يادلىدىم. ئەينى چاغدا بۇ شېئىرلار ماڭا ئىنتايىن چىرايلىق تۇيۇلاتتى، ھەر بىر يادلىسام كۆڭلۈم تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل ۋە يارقىن تۇيغۇلارغا چۆمۈلەتتى. بۇ شېئىرلارنى ھازىرمۇ يادلاپ بېرەلەيمەن، چۈنكى ئۇ پاك ۋە سەبىي ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمنىڭ ئۇنتۇلماس ئەسلىمىسى. گەرچە ئۆتمۈشنى ھازىرىمغا قويۇپ ئاڭا تىۋىنىش ئويىدا بولمىساممۇ ئەسلىمىنى تاشلىۋېتەلمەيمەن ۋە تاشلىۋېتىشنى يامان كۆرىمەن. شېئىر يادلاش ئۇنچىۋالا يامان ئىشمۇ ئەمەس، پەقەت مەلۇم مۇددىئا ئۈچۈن ئەمەس بەلكى قەلبىڭىزنى ئادالاش، گۈزەل تۇيغۇلارغا چۆمدۈرۈش ئۈچۈن شېئىر يادلىسىڭىز بۇنىڭ سىزگە ھېچقانداق زىيانلىق تەرىپى يوق. ھاياتىڭىز ۋە ئىجادىيىتىزنىڭ مەلۇم باسقۇچىغا تەۋە بولۇپ، كېيىن ئەسلىمىگە ئايلىنىپ كېتىدىغان بۇ شېئىرلارنى ئۆمۈرلۈك دەستەك قىلىۋالمىسىڭىزلا بولدى، 20 مىڭ مىسرا شېئىر يادلاشنىڭ ھاجىتى يوق، مەيلىڭىزگە بېقىڭ...

    ئابدۇرېشىت مۇھەممەتئېمىن: ئۆزىڭىز ياكى ئەسەرلىرىڭىز توغرىلىق يېزىلغان ئوبزۇر-ماقالىلارغا قانداق قارايسىز؟
    غوجىمۇھەمەد مۇھەممەد: شۈكرىكى، مەن ۋە شېئىرلىرىم توغرىلۇق يېزىلغان ئوبزۇر، ماقالىلار كۆپ ئەمەس. بۇ مېنىڭ ھازىرغىچە تىنچ-ئامان ۋە جىمجىت ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشىمغا ئاز بولمىغان پايدىلارنى ئېلىپ كەلدى. مەن بىلەن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، مەن تىپىك كەمسۆز ۋە غەمكىن تەبىئەتتىكى ئىچ مىجەز كىشى. مەن ھېچقاچان بۇنچىلىك كۆپ سۆزلەپ باقمىغان. سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلماقچى بولغاندا بۇنچىلىك سۆزلىيەلەيدىغىنىمنىمۇ بىلمەيتتىم... مەن توغرىلىق يېزىلغان ماقالىلار مەمتىلى ھېلىمنىڭ «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ئەگەر ناخشىچى بولۇپ قالغان بولسا...» ۋە نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئادىل تۇنىياز ۋە مەن ھەققىدە يېزىلغان «ئەركەكلىكنىڭ چىللىشى» بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇ ماقالىلارنىڭ بىرىنچىسىدە مېنىڭ شېئىرنى دەپ ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقىم، ئەگەر ناخشىچى بولغان بولسام ئەقىلدىن كۆرە ھېسسىياتقا بەكرەك مايىل خەلقىمىزنىڭ مېنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدىغانلىقى، رېستۇران-قاۋاق، توي-بەزمىلەردە ئالغان ئۆرۈمىلەر بىلەنلا بايۋەتچىلەردەك كۈن كەچۈرىدىغانلىقىم... تەسىرلىك بايان قىلىنغان. ۋەھالەنكى بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغانغا قەدەر مەن بۇ ماقالىنىڭ مۇئەللىپى مەمتىلى ھېلىم بىلەن دىدار مۇلاقەتتە بولمىغان، تېلېفوندا كۆرۈشمىگەن، ھەتتا خەت-ئالاقە قىلىشىپمۇ باقمىغان ئىدىم. ئۇ شۇنىڭدىن بىر يىللار ئىلگىرى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «غوجىمۇھەممەدنىڭ بايانى» ناملىق سۆھبەت خاتىرىسى (مۇتەللىپ ئىقبال بىلەن ئېلىپ بېرىلغان) ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە تارقىلىپ يۈرگەن مەن ھەققىدىكى ئەپقاچتى گەپلەرنى ماتىرىيال قىلىپ بۇ ماقالىنى يېزىپتۇ. بۇ ماقالىدا تەسۋىرلەنگەن ئېچىنىشلىق تەقدىرىم مېنى خېلىلا بىئارام قىلدى. مەمتىلى ھېلىم گەرچە مەزكۇر ماقالىسى ئارقىلىق مېنىڭ شېئىر ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىم ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ مۇكاپاتقا ئىرىشەلمىگەنلىكىمدىن ئىبارەت رېئاللىقنى يازماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق تەقدىرىمنى بايان قىلغاندىكى ھەددىدىن زىيادە ئېچىنىشلىق تەسۋىرلەر ۋە مېنى بايرۇن، مىستىرال قاتارلىق دۇنياۋى شائىرلار بىلەن سېلىشتۇرۇشلار كۆڭلۈمگە تەگدى. مەن ماقالە ژۇرنالغا بېسىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ ماقالىدىن خەۋەر تاپتىم ۋە خىجىللىق ئىچىدە «ئەلھۆكمىلىللاھ» دېدىم. كېيىنكى ماقالە ئاپتۇرى نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن بىلەن خېلىدىن بېرى قويۇق باردى-كەلدى مۇناسىۋىتىدە ئىدىم. تالاي قېتىملىق ئۇچرىشىشلىرىمىز، كېچە-كېچىلەپ قىلىشقان پاراڭلىرىمىز ئارقىلىق ئۇ مەن ھەقتە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ۋە مەزكۇر ماقالىنى ئېلان قىلىشتىن خېلى يىللار ئىلگىرى مەن ۋە شېئىرلىرىم توغرىلىق «روھ دارىدا تىرىلگەن ئىسيان» ناملىق ئوتتۇراھال ھەجىمدە ئەسەرمۇ يېزىپ پۈتتۈرگەن(بۇ ئەسەر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېلان قىلىنمىدى). ئۇنىڭ بۇ ماقالىسىدىكى مېنى شامال چىقسا ئۆرۈلۈپ كەتكۈدەك ئورۇق ۋە ئىگىز، چىرايىدىن چۈشكۈنلۈك ۋە چەكسىز ئازاب-ئوقۇبەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، جۇلدۇر-كېپەن سوپى تەلئەت قىلىپ تەسۋىرلەشلەردىن ھاڭ-تاڭ قالدىم. مەن ئويلىدىمكى، ئۇ مېنىڭ ئىچكى دۇنيايىمنى بايان قىلىش زۆرۈرىيىتى بىلەن تېشىمغا شۇنداق رەڭ بەرگەن. ھەر ئىككى ماقالە نەسىر تىلىدا تەسىرلىك يېزىلغان بولۇپ، كىملا ئوقۇسا شۈبھىسىزكى مەن بىلەن بىر قېتىم دىدارلىشىپ باققۇسى كېلىدۇ. شېئىرلىرىم توغرىلىق يېزىلغان ئوبزورلارمۇ پەقەت بىر نەچچىلا پارچە، ئۇلار ئەكبەر نۇرۇللارنىڭ «تۇرپان» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «تامغا سۆزلەش بۇلانغان ھەسرىتىمدە قالدىم يىگانە»، تۇردى سۇلتان ئىزچىنىڭ «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «غوجىمۇھەممەدنىڭ شېئىرىيەت قەلئەسىگە نەزەر» ۋە ھەزرىتىلى ئەلىنىڭ «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «شېئىر شائىرنىڭ قەلب تارىخى» قاتارلىقلاردۇر. بۇ ئوبزۇرلاردا شېئىرلىرىمغا يۇقىرى باھا بېرىلگەن ۋە يازغانلىرىمنىڭ «شېئىر» ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. شېئىر يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا تاشلىنىدۇ. ھەرقانداق ئوقۇرمەن ئۆز-ئۆزىگە مۇستەقىل ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك. بۇ دېمەك ھەرقانداق ئوقۇرمەننىڭ ھەرقانداق ئەسەرگە نىسبەتەن ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقى بار.

    ئابدۇرېشىت مۇھەممەتئىمىن: مەن شېئىرلىرىڭىزدىن سىزنىڭ روھىيىتىڭىزدىكى ئىنتايى سۈزۈك بولغان بولغان بىرخىل شېئىرىي تۇيغۇنى ھېس قىلدىم. بەزىدە يەنە سىزنى مەشرەپ بىلەن بەيگىگە چۈشكەندەك ھېس قىلىپ قالىمەن. سىز ئۆزىڭىزنى زامانىمىزنىڭ تەسەۋۋۇپ شائىرى دەپ قارامسىز؟
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن ئۆزۈمنى ئۇنداق دەپ ھېس قىلمايمەن ھەم ئۇنداق دەپ قارىمايمەن. مەن پەقەت ئۈنسىز ۋە جىمجىت ئىجاد قىلىمەن. كىمدۇ بىرسىگە ئېيتقىنىمدەك مەن ۋە شېئىرلىرىم ھەققىدىكى قاراشلارنى باشقىلاردىن ئاڭلايمەن. بەزىلەرنىڭ ئىيتىشىچە، ھازىرقى شېئىرلىرىم «مۇقام»غا چۈشمەسمىش. ئەجەبا، ھەر كىشىنىڭ ئۆز مۇقامى بولغاننىڭ نېمە يامىنى بار؟ قانداق يارالغان بولسام شۇنداقمەن. ئەزەلدىن ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىش خىيالىدا بولمىدىمكى، ياشاشنىڭ جەبرۇ-جاپالىرى، ئىجتىمائىيەتنىڭ چاڭ-توزانلىرى بىلەن بۇلغانغان قەلبىمنى تازىلاش بىلەن مەشغۇلمەن. تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ، تېخىمۇ يالقۇنلاپ، ئۆز پايانىمغا يەتسەم دەيمەن. بۇ بۈيۈك مەقسىتىم ئۈچۈن پەرۋەردىگارىم ماڭا شېئىرنى بېرىپتۇ. قەلبىمنىڭ ئىچكىرىسىدىكى خىلۋەت كەپىدە ئولتۇرغىنى ئېتىكاپتىكى سوپى، شۈكرى-قانائەتچان كۆكتۆش ياكى سوۋۇپ كەتكەن جەسەد بولماستىن بەلكى ئىنسانىي كامالەت ئۈچۈن يۇلقۇنىۋاتقان بىر تىرىك ئەقىدە بولغاچقا، مەندىن تەۋەككۈلچى، ئەسەبىي مىسرالار روياپقا چىققاندۇ. مەن مۇشۇنداق بولسام شۇنداق پېتى قوبۇل قىلىڭ، قوبۇل قىلالمىسىڭىز سۈكۈت قىلىپ، ئۆز ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ. بىراۋنى ئۆز رايىڭىزدىكىدەك ئادەم بولۇشقا قىستىماڭ. ئىنساننى ئەسلى تەبىئىيتىدىن ئۆزگەرتىش مىسلىسىز جىنايەتكى، سىز ئۇنى ئازغۇنلۇققا، گۇمراھلىققا باشلايسىز. قەدىرلىك دوستۇم، مەشرەپنىڭ شېئىرلىرىنى ۋە تەسەۋۋۇپقا ئائىت كىتابلارنى زوق-شوق بىلەن ئوقۇغىنىمدىن تانمايمەن. بەلكىم ئۇ شېئىرلار ۋە كىتابلار روھىي دۇنيايىمغا يىقىن تۇرغاندۇ. بىراق ئۇ مېنىڭ ھاياتىم ۋە ئىجادىيىتىمنىڭ مەلۇم باسقۇچلىرىدىكى ھادىسە. ئۇ مېنىڭ كېيىنكى باسقۇچلاردىكى ھاياتىم ۋە ئىجادىيىتىمگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. مەن بىر چاغلاردىمۇ ئېيتقان: ئەدەبىياتنىڭ چېكى يوق، ئەدەبىيات ئىنسان روھى بىلەن تاشقى دۇنيانىڭ دىئالوگى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرقاچان يېڭىلىنىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىنسان ئاخىرلاشمايدىكەن، ئۇنىڭ پائالىيىتى داۋاملىشىۋېرىدۇ. ئىنساننىڭ ھەركىتى ھامان ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلىش بىلەن راۋاجلىنىدۇ. بىر نۇقتىدا توختاپ قىلىش ئەدىب ئۈچۈن ھالاكەتتۇر، خالاس!

    (تۈگىدى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك يولۇچىلار توشۇش بېكىتىدە)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.xjzjxh.com/bbs/Topic.aspx?BoardID=22&TopicID=2886
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: