مۇھەببەت
ۋاقتى: 2015-10-30
ئاۋاتلىقى: 2488 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
مۇھەببەت تېغىغا ياماشقانلارنىڭ،
تولىسى چوققىغا چىقالمايدىكەن.
ساداقەت ، ۋاپادىن سۇغۇرۇلسا دىل،
مۇھەببەت تېغىنى ياشنىتار ئىكەن.
مۇھەببەت تېغىغا چىقماق بەك قىيىن،
بەزىلەر بۇ يولدا ئەرزىمەس تىيىن.
كېپىنەك مىسالى ئۇچۇپ يۈرگەننى،
تەنھالىق ئازابى قېينايدۇ كېيىن.
مۇھەببەت ئۇلۇغ بىر مەڭگۈلۈك تېما،
ھاياتىڭ ياشنىماس ئۇنىڭسىز پەقەت.
مۇھەببەت تېغىغا بەل قويماي چىقساڭ،
ھاياتىڭ كۆكلەيدۇ ئەبەدىلئەبەت.
2008-يىلى 3-ماي، شەھىرى نەنچاڭ