كۆپ ئاپتاپ سۇنۇپ بەرگەندە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېتلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بەدەن ئاجىزلىقىدىن بولغان زۇكام قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئاپتاپ بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى قىسقا كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى ۋىتامىن D نىڭ بىرىكىشى ئاز بولىدۇ. بۇ بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى كۈچىنى تۆۋەنلىتىدىغان ھەم كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان چوڭ ئامىلنىڭ بىرسى. چۈشتىن بۇرۇن 10:00 دىن چۈشتىن كېيىن 2:00–3:00 كىچە بولغان ۋاقىت ئاپتاپ سۇنۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى، بۇ ۋاقىتتا ھاۋا بىر قەدەر ساپ، ئۇلترا بىنەپشە نۇر تۆۋەن بولغاچقا، بەدەننى ئىللىتىپ ھوزۇرلاندۇرۇش ئارقىلىق قاننى جانلاندۇرۇش، تىنىپ قالغان قانلارنى ئېرىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ياشانغانلار بۇ مەزگىلدە ئاپتاپ سۇنۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.