ئېغىز پۇراش كېسەللىك ئەمەس، بۇ ئاساسەن ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقىغا ئېتىبار بەرمىگەنلىكىتىن كېلىپ چىقىدۇ.ئەلۋەتتە،بەزىدە ئېغىز پۇراش مەلۇم كېسەللىكىلەرنىڭ سىگنالى بولۇپمۇ قالىدۇ.ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقىغا ئېتىبار قىلىغانلارنىڭ ئېغىزى پۇرىمايدۇ.ئېغىز پۇراش چىشىنى قۇرت يېيىش،چىشىنىڭ ئورۇنلىشىشى تەكشى بولماسلىق،چىش سالدۇرۇش قاتارلىقىلاردا يېمەكلىكىلەرنىڭ ئۇشىشاق پارچىلىرى قۇرت يېگەن يەرگە ۋە چىش ئارىلىقىغا،يالغان ،چىشىنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىپ،يۇغاندىمۇ تازىلانماي،مىكروبلارنىڭ ئېچىشىدىن بىر خىل پۇراق چىقىدۇ.مەسىلەن،يېمەكلىكىتىكى ياغ كىسىلاتاسى كاربون بىرىكىمىسى ۋە سۇغا پارچىلىنىدۇ.ئاقسىل ئامياك تۈزى ۋە ھىدرو سۇلغىد بىرىكىمىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.بۇ خىل بىرىكىمىلەر پۇرايدۇ.ئاستا خاراكتېرلىك چىش ئەتراپى يالغۇغىغا گىرىپتار بولسىمۇ،ئېغىز پۇرايدۇ.ئادەتتە ئېغىز تازىلىقىغا دىققەت قىلىمايدىغان ئادەملەر،چىش كوچىلاش ئادىتى يوق ئادەملەرنىڭ چىشلىرىدا چىش تېشى چىش تېشى پەيدا بولۇپ،ئېغىزنى پۇرىتىدۇ.ئۇنىڭىدىن باشقا،يىگىلەش خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى،ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن كاۋاكلىرى ياللۇغى،يېرىكلاش خاراكتېرلىك بادامسىمان بەزى ياللۇغى،ئۆپكە تۇبېركۇلىتوزى،ئاشقازان-ئۈچەي يارىسى ۋە قەنىت سىيىش كېسەللىكلىرىدىمۇ ئېغىز پۇرايۇد.ئېغىز پۇراشىنىڭ يۇقىرىقى سەۋەبلىرىدىن باشقا بەزى ئادەملەرنىڭ ئېغىزنىڭ پۇرىشى كەسىپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇزۇن مەزگىل بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشى كۆرۈلىدۇ.مەسىلەن،قوغۇشۇن،سىماب،بىسمۇت قاتارلىقىلاردىن زەھەرلىنىش.بەزىلەر پىياز،سامساققا ئامراق،بۇلارنى يېگەندە ئېغىز پۇرايدۇ.ئەمما،بۇ ۋاقىتلىق ئەھۋال. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئېغىز پۇرايدىغان كىشىلەر ئەڭ ئالدى بىلەن ئېغىز بۆلۈمگە تەكسۈرۈش كېرەك،ئەڭ ياخشىسى كېسەل سەۋەبلىرىنى تېپىپ،مۇھىمى ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش،چىش چوتكىلاش كېرەك،بۇمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان مەسلىدۇر. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە؛ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن100كۆرسەتمە www.iz.la