ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

قازافى قوشۇنلىرىنىڭ توپ ئوقلىرى تۇنىس زېمىنىغا چۈشتى

2011-يىلى06-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  قازافى قوشۇنلىرىنىڭ توپ ئوقلىرى تۇنىس زېمىنىغا چۈشتى u_a_client="1003"; u_a_width="468"; u_a_height="90"; u_a_zones="1003"; u_a_type="0" قازافى قوشۇنلىرىنىڭ توپ ئوقلىرى تۇنىس زېمىنىغا چۈشتى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-ئىيۇن خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، قازافى ئارمىيىسى ئۆز كونتروللىقىدىكى رايوندا توپىلاڭچىلارغا ھەربىي زەربە بېرىپ، راكېتا بومبا ئاتقان، نەچچە دانىسى تۇنىس چېگرىسىغا چۈشكەن، ئەمما ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىدار بولۇش كېلىپ چىقمىغان. لىۋىيە توپىلاڭچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، يېقىنقى كۈنلەردىكى قازافى ئارمىيىسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا نەچچە ئون ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان. يەرلىك بىر ئاممىنىڭ دېيىشىچە، 14-ئىيۇن ئاز دېگەندە 5 دانە راكېتا بومبا تۇنىس زېمىنىغا چۈشكەن.
گېرمانىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى(Guido Westerwelle) گۇيدۇ ۋېستېرۋېل 13-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن بىن غازىغا يېتىپ كېلىپ، توپىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن، سۆھبەتتە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ لىۋىيە خەلقىنىڭ ۋەكىلى بولۇش ئورنىنى ئىتېراپ قىلغان. بىرلا ۋاقىتتا گېرمانىيەنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئىش باشقارمىسىمۇ رەسىمىي ئېچىلغان. بۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى تۇنجى قېتىم توپىلاڭچىلار ئىشغالىيىتىدىكى رايوننى زىيارەت قىلىشى ئىكەن. 
يەر شارى تورىنىڭ 14-ئىيۇندىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 13-ئىيۇن قازافى بىلەن خەلقئارا شاھماتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى كىرسان ئىليۇمژىنوۋ(Kirsan Ilyumzhinov) نىڭ شاھمات ئوينىغان كۆرۈنۈشىنى تارقاتقان. شاھمات ئوينىغاندىن كېيىن ئىليۇمژىنوۋ مۇخبىرلارغا قازافىنىڭ ش ئا ئە ت ۋە بىن غازىدىكى توپىلاڭچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. روسىيە ئاخبارات تورى 14-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، ئىليۇمژىنوۋ مۇخبىرلارغا قازافىنىڭ: مەن دۆلىتىمنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ش ئا ئە ت رەھبەرلىرى ۋە بىن غازىدىكى ۋەكىللەر بىلە سۆھبەتلىشىشنى خالايمەن دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلغان. ئەمما ئىليۇمژىنوۋ قازافىنىڭ لىۋىيەدىن كېتىش ئويىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقان. ئۇ قازافىنىڭ جەڭدە ئۆلۈشكە تەييارلانغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!