سىتاتىستىكا ئىدارىسى: 5-ئايلىق يىمەك-ئىچمەك باھاسى 11.7%ئۆرلىدى دېدى.
جوڭگو ئاخبارات تورى 14-ئىيۇن خەۋىرى: جوڭگو ئاخبارات تورى ئىقتىساد قانىلى دۆلەتنىڭ سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىدىن، بۈگۈن دۆلەتلىك سىتاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 5-ئايلىق خەلقنىڭ ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېمەك-ئىچمەك سىرتىدىكى باھالارنىڭ ئۆرلىشى 2.9%بولغان. ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى باھاسى 6.2%ئۆرلىگەن. مۇلازىمەت تۈرلىرى 3.9% بولغان. تۈرىگە ئاساسەن، يېمەك-ئىچمەك باھاسى 11.7%ئۆرلىگەن. ھاراق-تاماكا قاتارلىق مەھسۇلاتلار 2.5%ئۆرلىگەن. داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرى 3.2%ئۆرلىگەن. قاتناش-ترانسىپورت باھاسى 0.7%، مائارىپ، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى 0.6%. تۇرالغۇ 6.1% بولغان. 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، ئوولتۇراق ئۆي ئىستېمال باھاسى 5.2% بولغان.
5-ئايدا، ئولتۇراق ئىستېمال ھالقىما باھاسى 0.1% ئۆرلىگەن بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە شەھەردىكىسى 0.1%، يېزىدىكىسى 0.1%.مۇلازىمەت تۈرلىرى باھاسى 0.1% بولغان. يېمەك-ئىچمەك سىرتىدىكى باھالارنىڭ ئۆرلىشى 0.2%بولغان. ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى باھاسى 0.1%ئۆرلىگەن. مۇلازىمەت تۈرلىرى 0.1% بولغان. تۈرىگە ئاساسەن، يېمەك-ئىچمەك ھالقىما باھاسى 0.3%تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە سەي-كۆكتات باھاسى 9.3%تۆۋەنلىگەن.
ھاراق-تاماكا قاتارلىق مەھسۇلاتلار 0.3%ئۆرلىگەن. كىيىم-كېچەك باھاسى 0.5%ئۆرلىگەن. ئائىلە سايمانلىرى بىلەن ئاسراش مۇلازىمەتلىرى 0.3%ئۆرلىگەن.
داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرى 0.4%ئۆرلىگەن. قاتناش-ترانسىپورت باھاسى 0.1%، مائارىپ، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئالدىنقىسىغا ئاساسەن ئوخشاش، تۇرالغۇ 6.1% بولغان. 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، ئوولتۇراق ئۆي ئىستېمال باھاسى 0.2% ئۆرلىگەن.
ئاسىيە تۇرسۇن تەرجىمە قىلىپ يوللىدى.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!