جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-ئىيۇن خەۋىرى: سېنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى 13-ئىيۇن ئاشكارلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر 16 نەپەر تېرورچى گۇماندارنى قولغا ئالغان، ئۇلار سىيانىد ۋە قەلەم تاپانچا ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە ساقچىلارنى زەھەرلەشنى پىلانلاشقا چېتىشلىق ئىكەن.
ساقچى باياناتچىسى رافىل ئامار (Rafli Amar) مۇخبىرغا:«بىز ئالدىنقى ھەپتە مۇددىتى 4 كۈن بولغان ھەرىكەتتە ئۇلارنى قولغا ئالدۇق. ئۇلار سىيانىدلار بىلەن ساقچى خادىملىرىنى زەھەرلەشنى پىلانلىغان» دېگەن.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، تېرورچىلارنىڭ يەنە بىر قاتىللىق قورالى قەلەم تاپانچا ئىكەن. ساقچى قەلەم تاپانچىنى ئۇلارنىڭ ئۆزى ياسىغانلىقى ياكى باشقىلار تەمىنلىگەنلىكىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.
ئامارنىڭ ئاشكارلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر جاكارتا، بورنېئو شىتاتى، سۇلاۋېسى ۋە جاۋا ئۆلكىسىدە بۇ گۇماندارلارنى قولغا ئالغان.
ساقچىلار ئالدىنقى ھەپتىدە ساقچىلارنى زەھەرلىمەكچى بولغان جەمئىي 8 نەپەر تېرورچىنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئامارنىڭ دېيىشىچە، بۇ كىشىلەر ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاشخانىسىدىكى تاماقلارغا زەھەر سېلىشنى پىلانلاپلا قالماي، يەنە مېنرال سۇ بوتۇلكىلىرىغىمۇ زەھەرنى ئوكۇل قىلماقچى بولغان.
ئۇنىڭ ئاشكارلىشىچە، گۇماندارلار ساقچىلار سوراق قىلغاندا ئاندىن بۇ سۇيقەستنى ئاشكارلىغان. ئۇ:«بۇ تېرورلۇق ھۇجۇمىنىڭ يېڭى شەكلى» دېگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!