جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-ئىيۇن خەۋىرى: ئەنگىلىيە BBC تورىنىڭ 10-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۇرىيە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلىرى بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئارىسىدا يېڭىدىن توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 22 ئادەم ئېتىپ تاشلانغان. 10-ئىيۇن جۈمە كۈنىدىكى نامايىشلاردا جەمئىي 32 نەپەر نامايىشچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
پائالىيەتچى زاتلارنىڭ دېيىشىچە، تانكىلار شىمالىي قىسىمدىكى مارات ئەل-نۇمان شەھىرىگە قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، نەچچە نامايىشچىنىڭ ئۆلىشىنى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يارىدار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بىرلا ۋاقىتتا، سۇرىيە ئارمىيىسى جىسر ئەل-شۇغۇر بازىرىغا يۈرۈش قىلغان.
سۇرىيە ئارمىيىىسنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نەچچە يۈز نەپەر ئامما سۇرىيەنىڭ شىمالىدىن تۈركىيەگە قېچىپ كەتكەن.
ئۆكتىچى زاتلارنىڭ دېيىشىچە، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى جىسر شۇغۇر بازىرى ئەتراپىدا تەدبىر قوللانغان: قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە تانكىلار بازارغا ئوت ئاچقان، قىسىملار ئاممىنىڭ تۇرالغۇسىنى ۋەيران قىلغان، يەنە دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىغا ئوت قويۇپ تاشلىغان.
سۇرىيە دائىرلىرى بۇ ئەيىبلەشلەرگە قارىتا باھا بەرمىگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!