جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10-ئىيۇن خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، لىۋىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 10-ئىيۇن خەۋەر قىلىپ، لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ش ئا ئە ت تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. لىۋىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دېيىشىچە، ش ئا ئە ت نىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى قازافى قىسىملىرى ئېتىپ چۈشۈرگەن، ئايروپىلان زلىتان بازىرىغا يېقىن دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن.
لىۋىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەربىي تەرەپ ئۇچۇرىنى نەقىل قىلىشى، بۇ ش ئا ئە ت نىڭ لىۋىيەگە ھەربىي ھۇجۇم قوزغىغاندىن بۇيان قازافى قىسىملىرى ئېتىپ چۈشۈرگەن ئۈچىنچى ئايروپىلان ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، قازافى قىسىملىرى 10-ئىيۇن مىسۇراتاغا ھۇجۇم قىلغان، ئاز دېگەندە 31 ئادەم ئۇرۇشتا ئۆلگەن. رېيترس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى دوختۇرخانىدا ئۇلارنىڭ جەسىتى قويۇلغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. مۇخبىرلار كەسكىن ئېتىشقان ئاۋازلارنى ئاڭلىغان.
ئەمما ش ئا ئە ت نىڭ بىر ئەمەلدارى ئىتالىيەنىڭ نابلىس شەھىرىدە ش ئا ئە ت تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئىنكار قىلغان، بۇ ئۇچۇرنى يالغان دېگەن.
نورۋىگىيە ھۆكۈمىتى 10-ئىيۇن جاكارلىشىچە، نورۋىگىيەنىڭ ش ئا ئە ت لىۋىيەنى بومباردىمان قىلىشقا قاتناشتۇرغان ئۇرۇش ئايروپىلان سانىنى دانىدىن 4 دانىغا ئازايتىپ، 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ش ئا ئە ت نىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ، نورۋىگىيەگە قايتىپ كېتىدىكەن. نورۋىگىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى نورۋىگىيە ھاۋا ئارمىيە كۆلىمىنىڭ كىچىكلىكىنى، ش ئا ئە ت نىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقا ھەربىي ھەرىكىتىگە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى، ش ئا ئە ت ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!