ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تۆت جۇڭگولۇق كولومبىيە پارتىزانلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى

2011-يىلى06-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئىيون بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگونىڭ كولومبىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 8-ئىيون مۇنۇلارنى ئىسپاتلىدى: جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى قارمىقىدىكى كولومبىيە شىركىتىنىڭ تۆت جۇڭگولۇق خادىمى شۇ كۈنى كولومبىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كاگېدا ئۆلكىسىدە قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى. شۇ جاي ۋاقتى 8-ئىيون سائەت 14تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە جۇڭگولۇق 4 پۇقرا ۋە شۇ جايلىق بىر شوپۇر كاگېدا ئۆلكىسىدىكى بىر تاش يولدا كېتىۋاتقاندا، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىدى. تۇتقۇن قىلغۇچىلار ئاندىن كېيىن شوپۇرنى قويۇپ بەردى، لېكىن جۇڭگولۇق تۆت پۇقرانىڭ ھازىرغىچە ئىز دېرىكى يوق، باش ئەلچىخانا شۇنىڭ بىلەن بىرگە كولومبىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلاردىن سىرتقا چىققاندا جىسمانىي بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى، ھەرقانداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ئەلچىخانا بىلەن ئالاقە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمائىل

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!