ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئافرىقا ئەللىرى لىۋىيەگە قارىتىلغان ھەربىي ھۇجۇمنى توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلد

2011-يىلى06-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو بورى 9-ئىيون بېيجىڭ خەۋىرى:

سەھرايى كەبىر ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسى 8-ئىيون بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئوتتۇرغا قويغان ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىغا پىسەنت قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى . شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تېزدىن ئۇرۇش توختىتىپ، لىۋىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. باياناتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافرىقا ئەللىرى ئوتتۇرغا قويغان ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىغا پىسەنت قىلمىدى، بۇ ئافرىقا تەشكىلاتىنى كەمسىتكەنلىك. بۇ خەۋپلىك سىياسىي ئىقتىسادى مۇددىئانى مەقسەت قىلىدۇ، مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. سەھرايى كەبىر ئورتاق گەۋدىسى 1998-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەزالىرىدىن ئوتتۇرا ئافرىقا، چاد، لىۋىيە، مالى، سومالى، سۇدان، ماراكەش، تۇنىس، سېنېگال، مىسىر ۋە نىگېرىيە قاتارلىقلار بار.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمائىل


خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!