جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئىيون بېيجىڭ خەۋىرى:
پاكىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارى 9-ئىيون مۇنداق دېدى: يۈزدىن ئارتۇق قوراللىق ئۇنسۇر شۇ كۈنى مەزكۇر دۆلەتنىڭ غەربى شىمالىدىكى قەبىلە رايونىدىكى بىر بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى، پاكىستان بىخەتەرلىك قىسمى ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، 12 قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. پاكىستان ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: بۇ قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئافغانىستاندىن كەلگەن. 8 ئەسكەر ھۇجۇمدا قازا قىلدى، باشقا 12 كىشى يارىلاندى، مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى 300دىن ئارتۇق قوراللىق كىشى ئافغانىستان رايونىدىن ھالقىپ پاكىستان تەۋەسىگە كىرىپ، شۇ جايدىكى چېگرا قاراۋۇلخانىسىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. ئۇچ كۈن داۋاملاشقان ئۇرۇشتا پاكىستان قىسمى 71 قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، 27 ئەسكەر قازا قىلدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمائىل