جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئىيون بېيجىڭ خەۋىرى:
ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارخار ئۆلكىسىدە شۇ جاي ۋاقتى 8-ئىيون كەچتە بىر قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 9 كىشى قازا قىلدى، بەش كىشى يارىلاندى. نانگارخار ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى؛ 8-ئىيون كەچتە، بۇ ئۆلكىنىڭ دۇربابا رايونىدىكى بىر توي بولىۋاتقان جايغا سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر توپ قوراللىق ئۇنسۇرلار ھۇجۇم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى؛ ئافغانىستان تالىبانلىرى بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان بولىشى مۇمكىن . ھازىرغىچە ئافغانىستان تالىبانلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى. شۇ جايدىكى ۋەقەنى كۆرگۈچىلەر مۇنداق دېدى؛ بۇ بىر راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى. نانگارخار ئۆلكىسى ئافغانىستاننىڭ شەرقىدە بولۇپ، ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ پائالىيىتى بىر قەدەر جانلانغان رايون.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمائىل