جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى راسموسېن 8-ئىيۇن مۇنداق دېدى: مەن كېلەر يىلى 5-ئايدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيەنىڭ ياۋروپا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-رۇسىيە كېڭىشى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى 8-ئىيۇن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلدى، رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېردىيۇكوۋ يىغىنغا قاتناشتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلاپى ئېغىر بولغانلىقتىن، يىغىندا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى.
لېكىن راسموسېن يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: مەن ئىككى تەرەپنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسىدىكى ھەمكارلىق ئىستىقبالىدىن يەنىلا ئۈمىدۋار، چۈنكى ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىگە دۈچ كەلمەكتە.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!