ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ھازىرقى زامان بەش تۈرى بويىچە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگولۇق ئۈچ ئايال ماھىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

2011-يىلى04-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    ھازىرقى زامان بەش تۈرى بويىچە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىنىڭ ئىككىنچى بېكەت مۇسابىقىسى 14 – ئاپرېل ئىتالىيەنىڭ ساسسارى شەھىرىدە باشلاندى. 14 – ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللارنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، چېن چيەن قاتارلىق جۇڭگولۇق ئۈچ ماھىر ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

    بۇ مۇسابىقىگە جۇڭگولۇق تۆت ئەر تەنھەرىكەتچى، تۆت ئايال تەنھەرىكەتچى قاتناشتى. ئۇلار دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋېلىسپىت، قېلىچۋازلىق تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈي خەيفېڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە 11 – ئاپرېل سەھەردە مۇسابىقە رايونىغا باردى. شۈي خەيفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىشىمىزدىكى ئاساسىي مەقسەت بۇ يىل 5 – ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە تېخىمۇ ياخشى تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈندۇر.

    ساسسارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئالدى بىلەن ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇسابىقە ئۈچ گۇرۇپپا بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەر بىر گۇرۇپپىدا 30 نەچچە تەنھەرىكەتچى بولىدۇ، تەنھەرىكەتچىلەر سۇ ئۈزۈش، قېلىچۋازلىق، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ۋە قارىغا ئېتىش مۇسابىقە تۈرلىرىگە قاتنىشىدۇ، ھەر بىر گۇرۇپپىدا ئالدىنقى 12 – لىككە ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. ماھىرلار يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۆت تۈردىن باشقا، چەۋەندازلىق تۈرىدىمۇ مۇسابىقىلىشىدۇ.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!