ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ‹‹5مىليون يۈەن سەرپ قىلىپ ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنى قوللاش››ھەرىكىتى باشلاندى

2011-يىلى04-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    لۇ پەنپەن خەۋىرى : شىنجاڭ ئاياللار – بالىلار تەرەققىيات فوندى يېقىندا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنى قوللاش يۈزىسىدىن بېرىدىغان 1 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ‹‹سالامەتلىك پىلانى››غا دائىر كىتابلىرىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 86 ناھىيە (شەھەر، رايون)دىكى ئاياللار بىرلەشمىلىرىنىڭ تەپسىلىي ئالاقىلىشىش ئادرېسىنى جۇڭگو ئۆسمۈر – بالىلار فوندىغا ئەۋەتىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ‹‹5 مىليون يۈەن سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنى قوللاش›› ھەرىكىتى باشلاندى.

    شىنجاڭ ئاياللار – بالىلار تەرەققىيات فوندىنىڭ باش كاتىپى چېن خۇانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى 1 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى كىتاب بىۋاسىتە تارقىتىلىدىكەن، جۇڭگو ئۆسمۈر – بالىلار فوندى كىتابلارنى ياردەم قىلىنىدىغان جايلارغا پوچتا ئارقىلىق بىۋاسىتە ئەۋەتىپ بېرىدىكەن، ياردەم قىلىنىدىغان ئورۇنلار كىتابلارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى مەكتەپ ۋە ‹‹ئاياللار ئائىلىسى›› گە تارقىتىپ بېرىدىكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!