ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

شاياردىكى پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى دېھقانلارنىڭ دەل ۋاقتىدا قەرز ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى

2011-يىلى04-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   ئېزىز قادىر، رەناگۈل ئېزىز خەۋىرى : شايار ناھىيەسىدىكى پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىش جەريانىدا مەشغۇلات تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قەرز سوممىسىنى قويۇۋېتىش، چەت – يىراق كەنت، مەھەللىلەرگە سەييارە خادىم ئەۋەتىپ دېھقانلارغا قەرز پۇل بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قەرز پۇلغا ئېھتىياجلىق دېھقانلارنىڭ ۋاقتىدا قەرز ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

    قايلور يېزىسى كۆكبويۇن كەنتىدىكى راھمان ئايۇپ بۇ يىل 30 مو كېۋەز تېرىماقچى بولغان، ئەمما مەبلەغ يېتىشمىگەنلىكتىن، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى سېتىۋېلىشتا بېشى قاتقانىدى. كەنتتىكىلەر يېزىلىق ئامانەت – قەرز كوپىراتىپى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ھەل قىلىپ بەردى. ئۇقۇشىمىزچە، شايار ناھىيەسىدىكى پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى يىل بېشىدىن 3 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە دېھقانلارغا 610 مىليون يۈەن ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بەرگەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!