تۇرسۇن قۇربان، ھەمراخان مامۇت خەۋىرى : ‹‹ناھىيەنىڭ پەن – تېخنىكا خادىملىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، يىل بېشىدا <مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق خادىم> بولۇپ باھالىنىپ 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندىم، بۇلتۇردىن بۇيان ئېيىغا 200 يۈەندىن ئالاھىدە ئىش ھەققى ئېلىۋاتىمەن، مەن پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە خەلقنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ناھىيەمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمەن››. بۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باغ – ئورمانچىلىق تېخنىكى، پەن – تېخنىكا خاس خادىمى ئەھەدجان ئېلىنىڭ يېقىندا بىزگە ئېيتقان سۆزى.
پەن – تېخنىكا ئارقىلىق كەلپىننى گۈللەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش، ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ناھىيە ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەلپىن ناھىيەسى 29 تېخنىكنى دېھقانچىلىق، باغ – ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن – تېخنىكا خاس ۋەكىللىكىگە تەكلىپ قىلدى، 1400 كەسپىي تېخنىكتىن قاتلاممۇ قاتلام تاللاپ، 112 خادىمنى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق كەلپىننى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئامبىرىغا كىرگۈزۈپ، پەن – تېخنىكا ئۈچ خىل راسخوتىدىن 7 مىليون 560 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، تېخنىكلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. پەن – تېخنىكا خاس ۋەكىللىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 300 يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى. ناھىيەدە يېزا ئىگىلىكىدە ئەلا سورتلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى، ئاساسلىق چارۋامال نەسلىنىڭ ياخشىلىنىش نىسبىتى، پەن – تېخنىكىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ۋە پەن – تېخنىكىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %95، %80، %80 ۋە %60كە يەتتى. پەن – تېخنىكا خاس خادىملىرى ۋە ئىختىساسلىقلار ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەنلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغاش ئۈچۈن، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ناھىيە 620 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى مۇكاپاتلاش بىلەن، پەن – تېخنىكا خاس ۋەكىللىكىگە تەكلىپ قىلغانلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايدا 200 يۈەندىن ئالاھىدە ئىش ھەققى بېرىشنى يولغا قويۇپ، جەمئىيەتتە ئەمگەكنى، بىلىمنى، ئىختىساسلىقلارنى ۋە ئىجادىيەتنى ھۆرمەتلەش كەيپىياتىنىڭ ئەۋج ئېلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.