ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

بورتالا ئوبلاستى ئالاتاۋ پورتىدا باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايون بەرپا قىلىدۇ

2011-يىلى04-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    تۇرسۇن ئىمىن خەۋىرى : بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئالاتاۋ پورتىدا دۆلەت تەستىقلىغان باجدىن خالىي رايون قۇرۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارنى جەلپ قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    بورتالادا ئېلىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى بولغان ئالاتاۋ پورتى بار. ئالاتاۋ پورتى جۇڭگودىكى بىردىنبىر تۆمۈر يول، تاشيول ۋە تۇرۇبا تىرانسپورتى گەۋدىلەشكەن ئىمپورت – ئېكسپورت يۈك تۈگۈنى. بۇلتۇر بۇ پورتنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت يۈك ئومۇمىي مىقدارى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت يۈك ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %90 ىنى ئىگىلىگەن.

    ئۇقۇشىمچە، 2009 – يىلى بۇ ئوبلاست باجدىن خالىي رايون بەرپا قىلىش پىلانىنى تۈزگەن. بۇلتۇر 5 – ئايدا مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، بۇ ئوبلاست تەييارلىق سالمىقىنى زورايتقان. ھازىر، دۆلەت تاموژنا باش مەھكىمىسى ئاپتونوم رايونىمىز يوللىغان بۇ پىلاننى تەستىقلىغان. ھازىر ئون مىنىستىرلىقنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا يوللانغان. رەسمىي تەستىقلانغاندىن كېيىن، باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايون ئىككى يىل ئىچىدە قۇرۇلىدىكەن. ھازىر، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سەزگۈر كارخانىلار تەستىقلاش خەۋىرىنى كۈتۈۋاتقان بولۇپ، باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايون بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ رايوننىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى جەلپ قىلىدىكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!