ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە جەلپ قىلىنغان مەبلەغ 10مىليارد يۈەنگە يەتتى

2011-يىلى04-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    ئەھەد ئېلاخون خەۋىرى : جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە بۇ يىل جەلپ قىلىنغان مەبلەغ 10 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

    ئۇقۇشىمچە، جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا ھەمكارلىق مەركىزىدە تۇنجى تۈركۈمدە كانادا ‹‹گاۋدۇڭ›› گۇرۇھى 2 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان خەلقئارا سودا مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە سودا، كۆرگەزمە مەركىزى، ئاسىيا – ياۋروپا سودا بازىسى، خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش گەۋدىسى، خەلقئارا داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە سېتىش مەركىزى؛ جېجياڭ ‹‹شىنۋۇ›› نېفىت خىمىيە چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ‹‹خۇباۋ›› ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 1 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باغچىسى توققۇز دۆلەت شەھەرچىسى؛ ‹‹دىياڭ›› گۇرۇھى 1 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بەش يۇلتۇزلۇق ئىستىراھەت مىھمانسارىيى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغان. جۇڭگو ‹‹شىنشىن›› گۇرۇھى جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي، خىزمەت بىناسى، يىغىن زالى ۋە كۆرگەزمە مەركىزى تۈر قۇرۇلۇشىدا كېلىشىم ئىمزالىغان. بۇنىڭغا 4 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!